ئوتلۇق نەپەسلەر
ئاپتورى:مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم
باھاسى:50.00
2010-يىلى 5-ئاي 1-نەشرى
2010-يىلى 5-ئاي 1- بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:9787537179140
ئاپتورنىڭ تەرجىمىھالى
يازغۇچى مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم 1970-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى كېرىيە ناھىيىسىنىڭ يېڭىباغ يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا تاماملىغاندىن كېيىن ، 1985-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىنىڭ تۆت يىللىق ئومۇمىي پەن كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان . 1989-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يېڭىباغ يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ ، ئوقۇتقۇچى ، چوڭلار مائارىپ كەسپى خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن . 1997-يىلى كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن سىياسىي كېڭەش كېرىيە ناھىيىلىك كومىتېتى ئىشخانىسىدا كاتىپ ، تارىخىي ماتېرىياللار كومىتېتىدا مۇئاۋىن مۇدىر قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان . ھازىر كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ .
ئۇ 1993-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە شىنجاڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان . ھازىر شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئىشتىن سىرت ئوقۇۋاتىدۇ.
يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا باشلىغان بولۇپ ، ھازىرغا كەلگۈچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا «ئاپەتتىن ئامەت» «بۇ چۈش ئەمەس» ، «ئۇيقۇسىز كېچە» ، «قايتىش» ، «ئاھ ، مۇھەببەت» قاتارلىق 65 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، نەسرلىرى ، «ئۆرتەنگەن قەلبلەر» ، «يېڭىباغ يالىغىدىكى ئەرۋاھ» ، «ئۇتۇق ئەجىر – مېھنەتتىن» قاتارلىق 15 پارچە ئەدەبىي ئاخباراتى ، «ئوت ۋە ئۇيغۇرلار » قاتارلىق بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ، «دەريا بويىدىكى سۆيگۈ» ، «خالتا كوچا»، «ئەركەكلىك قىممىتى» ، «بەختلىك بول لالە» ، «زېمىن گۇۋاھ» ، «مۇز داۋاندىكى ئاتەش» قاتارلىق 3 پارچە پوۋېستى ئېلان قىلىنغان . 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «بۇ شۇنداق جاھان» ناملىق رومانى نەشر قىلىنغاندىن باشقا ئۇ تۈزگەن ، يېزىشقا قاتناشقان ، يازغان «كېرىيە تارىخىي ماتېرىياللىرى» ، «شانلىق ئىزلار» ، «كېرىيە قەسىدىسى» ، «مېيىپلار قەلبى»قاتارلىق كىتابلار نەشر قىلىنغان . ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە باش كاتىپى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق