بەخىتسىزلەر

بەخىتسىزلەر

ئاپتورى:يۈسۈپجان قېيۇم

باھاسى:40.00

تىراژى:1-3000

2010-يىلى 11-ئاي 1-نەشرى

2010-يىلى 11-ئاي 1-بېسىلىشى

ISBN:9787537190046

                                                                                   مۇقەددىمە

    ئاقئۆستەڭ بوستان مەھەللىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى دۆڭلۈكتىن ياقىلاپ ئۆتىدۇ . بوستان مەھەللە قارىماققا ئەنە ئاشۇ دۆڭلۈككە بېشىنى قويۇپ كۈلۈمسىرەپ ياتقان پەرىزاتقا ئوخشىسا ، بەزىدە ئۇ ئاقئۆستەڭ قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ ئەركىلىتىۋاتقان بالىغا ئوخشىشىپمۇ قالىدۇ .

     ئۇزاق يىللاردىن  بۇيان ئادەملىرىنى ، مال – چارۋىلىرىنى ، كۆز يەتكۈسىز ئېتىزلىرىنى ، ھەر كۈنى كەلگەندە «ئېچىل داستىخىنىم» دەك نېمەت تۆكۈلىدىغان باغلىرىنى سۇغىرىپ ، ئالقىنى ئوچۇق دېھقاندەك ھەممىنى بېقىپ كېلىۋاتقان ئاقئۆستەڭ مۇشۇ كەمگىچە بوستان مەھەللىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنىڭ بالىلىقتىكى ۋاڭ چۇڭلىرىنى ، قېرىلىقتىكى تەنھالىقنى كۆرگەن ، تالاي ئادەملەرنىڭ قىرغىقىغا كېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرىنى دۇلقۇنلىرىغا سىڭدۈرۈپ ئۇلارغا ئۈنسىز تەسەللىي بەرەئەن . جاھان ئىئوپلۇقىنى كۆرمىگەن ، بۇ ئالەمنىڭ دەرد – ئەلەملىرىدىن خالاس قىلىشنى ئۆتۈنۈپ باغرىغا ئۆزىنى ئاتقان بالىلىرىنىمۇ مۇرادىغا يەتكۈزۈپ ، ئۇلارنى ھەسرەت – نادامەت چاڭگىلىرىدىن قۇتۇلدۇرغان .

    ئاقئۆستەڭ يېقىملىق كۈيلىرى ، ئۈزۈلمەس ئېقىنلىرى بىلەن ھاياتلارغا مۇھەببەت ۋە ئۈمىد ئاتا قىلغان بولسا ، ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەرگە جايلاشقان ، كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىۋاتقان قەبرىلەرنى سېھىرلىك ئەللەي  ناخشىسى بىلەن پەپىلەيدۇ .

    ھەر كۈنى سەھەر قۇياش سۈزۈك ئېقىنلىرىدا يۇيۇنۇپ ، بوستان مەھەللىگە سالام قىلغان چاغدا ، قوي – كالا پادىلىرى ئڭنىڭ مەغرىب تەرىپىدىكى ئۇپۇققا تۇتۇشقان سازلىققا ئۇزايدۇ .

    بۇ ئىش بۇ تۇپراققا قىش پەسلى كېلىپ تەبىئەت ئاق توننى كىيگۈچە بىر خىل رېتىمدا داۋاملىشىپ تۇرىدۇ .

    باھار ئايلىرىنىڭ ئادەمنى زوقلاندۇرىدىغان ، قۇياش كۈلۈپ تۇرىدىغان كۈنلەردە بولسۇن، ياكى يامغۇر چېچەكلەپ  جۇدۇن – چاپقۇنلۇق كۈنلەردە بولسۇن ، ياكى قىش پەسلىنىڭ جفندىن ئۆتىدىغان سوغۇق كۈنلىرىدە بولسۇن ، بىر قىز ئاقئۆستەڭ بۇيىغا دائىم كېلىدۇ . بەزىدە بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىملاپ كېلىدۇ . ئاقئۆستەڭ ساھىلىغا ، قەبرىستاندىن ئانچە يىراق بولمىغان ئاۋۇ دۈمچەك ئاددىي قەبرە ئۇنىڭ دائىم يۇقلايدىغان جايى ، ئۇ قەبرىگە قۇيۇلغان زادى كىم ؟ بۇ قىز بىلەن ئۇنىڭ نېمە باغلىنىشى بار؟

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى
ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى ئۈنۈمدار كىشىلەرنىڭ يەتتە ئادىتى
يۈسۈپ خاس ھاجىپ
موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى
تىيانشان باغرىدا تىيانشان باغرىدا

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.