سۇنغان قىلىچ (تارىخىي رومان)
سۇنغان قىلىچ (تارىخىي رومان)
ئاپتورى:تۆلەگەن قاسىمبېكوف
تەرجىمە قىلغۇچىلار : دولقۇن ، مەخپۇرەت
باھاسى:32.00
2008-يىلى 4-ئاي 2-نەشرى
2008-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى
تىراژى:1-3000
ISBN:9787537106771
مۇقەددىمە
-1865يىل .
گېنېرال چېرنىيايىف تاقىر دۆڭلۈكتە بىر كۆزلۈك دۇربۇنى بىلەن ئەتراپنى كۆزىتىپ تۇراتتى . بۇ يەردىن ئۇنىڭغا بىپايان دالالاردا ئەمەس ، يىراقتا غەپلەت بېسىپ ياتقان ناتونۇش تاشكەنت شەھىرىنىڭ سېپىللىرى ، دەل – دەرەخلىك قىشلاقلىرى ، ساي بويلىرىدىكى شىلدىرلاپ تۇرغان قومۇشلۇقلار ۋە سەلدەك باستۇرۇپ كېلىۋاتقان سان – ساناقسىز ئەسكەرلەر ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى . سەپ تارتىپ كېلىۋاتقان ئاتلىقلارنىڭ كەينىدىن ئوزونغا سوزۇلغان پىيادىلەر كېلىۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ ئاياغ ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ – توزانلار ئاسمان – پەلەككە ئۆرلەپ ، يەنە قايتىدىن مايسىلار ، يېشىل يانتاقلارنىڭ ئۈستىگە قوناتتى . يىراقتا ئاتلار كىشنەيتتى . كىشىلەرنىڭ چۇقان – سۈرەنلىرى قۇلاقنى ياراتتى . قوقانلىقلارنىڭ بۇ قەدەر پۇختا تەييارلىق بىلەن كېلىشىنى بۇلار ئويلىمىغانىدى . لېكىن ئۇنىڭ ئاق سېرىق يۈزىدىن ھېچقانداق قورقۇش ئالامەتلىرى سېزىلمەيتتى . ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچى كامىل ئىدى . شۇڭا ، ھېچنېمىنى سەزمىگەندەك ، قوڭۇر بۇرۇتىنى سىلاپ مەغرۇرانە قاراپ تۇراتتى
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق