ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى
ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى
ئىبنى فەزلان(ئىران)
باھاسى:20.00
2001-يىل 9-ئاي 1-نەشرى
2001-يىل 9-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3100
ISBN: 7228063074
تەرجىماندىن
«ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى» ئەرەب سەيياھلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا توغرىسىدىكى ئەڭ قەدىمىي ماتېرىياللىرىدىن بىرى بولۇپ ،مەزكۇر ئەسەردە 10 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەھۋالى (جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، قەبىلىلەرنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى ، دىنىي ئېتىقادى ۋە باشقىلار) ساياھەت خاتىرىسى ئۇسلۇبىدا بايان قىلىنغان . مەزكۇر ئەسەردە قەدىمكى ئۇتتۇرا ئاسىيا توغرىسىدىكى بىرىنچى قول ماتېرىيال بولغاچقا ، نەچچە ئەسىردىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالىملارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان . ئۇلار بۇھەقتە نۇرغۇن تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان ۋە ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئەرەب ، نېمىس ، فرانسۇز ، رۇس چىخ ھەتتا ياپۇن تىللىرىدا نەشىر قىلىنغان .
كەڭ ئوقۇرمەنلەر ، شۇنىڭدەك تارىخ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شەرق مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا ئالاھىدە ئىختىساس ئىگىسى بولغان دوكتۇر رامازان شەشەن تەرىپىدىن نەشرگە تەييارلىنىپ ، 1975-يىلى تۈركىيە «بەدىر» نەشرىياتى تەرىپىدىن ئىبنى فەزلان ساياھەتنامىسى ، جۈملىدىن ئەبۇدۇلەفنىڭ «رىسالە» سى بىلەن مەرۋەزىنىڭ ئەسىرىنىڭ تۈرك قەبىلىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرى بىر قەدەر تولۇق ، بىر قەدەر تەپسىلىي ئىزاھاتلىرى ۋە ئەسەرنى تولۇقلىغۇچى خاتىرىلىگۈچىلەرنىڭ تۈركچە نۇسخسى تۇنىجى قېتىم ئۇيغۇر يىلىغا تەرجىمە قىلىندى . ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەنقىدىي پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق