ئابدۇرېھىم تىلەشوپ ئۆتكۈر

ئاتاقلىق ئالىم، يىتۈك ئەدىب، چىن شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923 – يىلى 7 – ئايدا قۇمۇل شەھىرىدە تىلەش ئىسىملىك سودىگەر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئاتا – ئانىسىدىن كىچىك چېغىدىلا يېتىم قالغاچقا، دادىسىنىڭ دوستى ئوقۇمۇشلۇق سودىگەر ئوسمان ھاجى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۇ دەسلەپ قۇمۇلدا دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغان. ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە قۇمۇلدىن ئايرىلىپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، گەنسۇنىڭ جيۇچۈەن ۋىلايىتىگە ۋە ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە كۆچۈپ بارغان. ئۇچتۇرپاندا پەننىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇغان. 1936 – يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئۆلكىلىك 1 – گىمنازىيىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1939 – يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942 – يىلى ئوقۇشنى تاماملاپ، ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1945 – يىلىدىن 1949 – يىلىغىچە مەتبۇئات ئورۇنلىرىدا ئىشلىگەن. 1950 – يىلىدىن كېيىن خېلى يىللارغىچە تەرجىمانلىق، تەتقىقات ۋە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1970 – يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995 – يىلى 10 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە 72 – يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات ساھەسىگە 1940 – يىللىرى شېئىر ئارقىلىق كىرىپ كەلگەن. ئۇ شۇنىڭدىن تارتىپ ئىزچىل تۈردە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ساھەدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى ۋەكىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئۇنىڭ «تاڭ شاماللىرى»، «ياخشى»،«مەن ئاق بايراق ئەمەس» قاتارلىق شېئىرلىرى، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، «قەشقەر كېچىسى» قاتارلىق داستانلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1980 – يىللاردىن تارتىپ بەدىئىي جەھەتتىكى تالانتىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ «ئىز»، «ئۇيغانغان زېمىن» رومانلىرىنى يازغان. بۇ رومانلار ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان رومانلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر يەنە «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق نادىر كلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاش ئىشىدا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان تەتقىقاتچى.

ھازىرغا قەدەر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى» (1946 – يىلى، لەنجۇ)، «تارىم بويلىرى» (1948 – يىلى، تيانشان نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، « قەشقەر كېچىسى» (1980 – يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق داستانى، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» (1985- يىلى، شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «ئىز» (1985 – يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى)، «ئۇيغانغان زېمىن» (ئىككى قىسىم، 1988 -، 1994 – يىللىرى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق رومانلىرى، «خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا» (1996 – يىلى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان.

 

 

ئىز

 

ياﺵ ﺋﯩﺪﯨﻖ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ،

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.

 

ﺋﺎﺯ ﺋﯩﺪﯨﻖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ،

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﭼﻮﯓ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰ.

 

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺰ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﮔﺎﮬﻰ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ،

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻧﻰ-ﻧﻰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻼﺭ ﺩﻩﺷﺖ-ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺰ.

 

ﻗﻪﯞﺭﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﯦﻤﻪﯓ ﻳﯘﻟﻐﯘﻥ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﻟﯩﺪﺍ،

ﮔﯜﻝ ﭼﯧﭽﻪﻛﻜﻪ ﭘﯘﺭﻛﯩﻨﻪﺭ ﺗﺎﯕﻼ ﺑﺎﮬﺎﺭﺩﺍ ﻗﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.

 

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻝ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ، ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ،

ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﻮﺭﺍﻥ ﻛﯚﭼﺴﻪ ﻗﯘﻣﻼﺭ ﮬﻪﭺ ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰ.

 

ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﻮﺭﯗﻕ،

ﺗﺎﭘﻘﯘﺳﻰ ﮬﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻛﯘﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ ﻳﺎ ﭼﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.

 

 

ﻳﺎﺧﺸﻰ

 

ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﺎﭖ ﻗﺎﻏﺎ – ﻗﯘﺯﻏﯘﻧﻐﺎ ﺟﺎﮬﺎﻧﺴﺎﺯﻟﯩﻖ ﮬﺎﯞﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ،

ﺳﻪﮬﻪﺭ ﮔﯘﻟﺸﻪﻧﯩﺪﻩ بۇلبۇﻟﻐﺎ ﻳﺎﻗﺎﻳﯩﺮﺗﯩﭗ ﻧﺎﯞﺍ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

 

ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ﺷﯚﮬﺮﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﻏﺎﭘﯩﻠﻼﺭ،

ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺟﺎﭘﺎﻛﻪﺵ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

 

ﺗﻪﮔﯩﺸﻤﻪﺱ ﺟﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﯩﻖ ﻳﺎﻗﯩﺴﻰ ﺯﻩﺭ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﺗﻮﻧﻐﺎ،

ﻛﻰ ﺩﯨﻠﺒﻪﺭ ﯞﻩﺳﻠﯩﺪﻩ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪﻩﺭﮔﻪ ﻛﯘﻻ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

 

ﻗﻪﺳﻪﻡ ﺑﯩﻠﻼ ﺗﺎﻣﺎﻳﯩﻢ ﻳﻮﻕ، ﺑﻪﮬﻪﻳﯟﻩﺕ ﻗﻪﺳﺮﻯ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﺘﯩﻦ،

ﭘﯧﺸﺎﻧﻪﻡ ﺗﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ ﺑﻰ ﻣﯩﻨﻨﻪﺕ ﺑﻮﺭﯨﻴﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

 

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺟﺴﯩﺰ ﺳﯩﻴﺎﻕ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺋﯚﺯﯛﻣﮕﻪ ﺗﺎﺟﯘ – ﺩﻭﻟﻪﺗﺘﯘﺭ،

ﺋﻪﺭﯨﻜﺴﯩﺰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺟﺎﮬﺎﻧﻜﻪﺷﺘﻪ ﮔﺎﺩﺍﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

 

ﻧﻪ ﮬﺎﺟﻪﺕ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﯘﻟﻤﻪﺋﯩﯟﺍ، ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﻧﻨﻪﺕ،

ﺑﯧﻠﯩﻖ ﺩﻩﺭﻳﺎﺩﺍ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﺪﯗﺭ، ﻻﭼﯩﻨﻐﺎ ﻛﻪﯓ ﺳﺎﻣﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

 

ﻣﺎﻻﻣﻪﺕ ﻳﻪﺗﺴﯩﻤﯘ ﺑﻪﺯﻩﻥ ﺩﯨﻠﯩﻤﻐﺎ ﺋﻮﺯ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﺪﺍ،

ﺑﻮﺳﯘﻗﺘﯩﻦ ﺩﺍﺟﯩﻤﺎﺱ ﺋﯩﺘﺘﻪﻙ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﮬﺪﯗ ﯞﺍﭘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ.

 

 

قەلەمگە!

 

بەس قەلەم ، كۆرگەن مۇقامغا يورغىلاشتىن توختا سەن ،

بارنى سۆزلە ، ھەقنى كۈيلە ، سەپسەتىلەر ساتما سەن .

 

نە كېرەك يوق نەرسىلەردىن باش قاتۇرماق شۇنچىلىك ،

ساپلىقىڭنى بۇلغىتىپ ، ياشلار ئاققۇزماق شۇنچىلىك .

 

مەن سېنى كۈرەش ئۈچۈن قىيدىم بوۋامنىڭ تىغىدا ،

بول ماڭا ئۆتكۈر قىلىچ ،ياتما مەزلۇملىق قېنىدا .

 

قەغىزىم ئۈستىدە ماڭساڭ ، كۈتكىنىمدىن ئىز ياسا ،

ھەر چېكىتتە ھۆرىيەت _ ئىقبالىغا نېگىز ياسا .

 

كۈيلە تاغ باشىدا بولساڭ ، تاغۇ _ تاشلار تىتىرىسۇن ،

ھەيۋىتىڭدىن ئەزگۈچى ھاكىم سىنىپ قان يىغلىسۇن !

 

قەغىزىم ئۈستىگە ئەمدى چۈشمىگەي ياش ئىزلىرىڭ ،

خوش _ خوش ئېيتىپ ، كەتسۇن ئەمدى بۇ يىغىچان گەزلىرىڭ .

 

مەن سېنى ماۋزۇ قىلىپ ، چوڭ جەڭ ئۈچۈن ئاتىدىم ،

بىر كېچە گويا خىيالدا ياۋ كۆزىگە قادىدىم .

 

جەڭدە يەڭگەچ قەبرىمە < لەۋھە > بولۇپ ياتماقچىسەن ،

تۈنلىرىمنى كۈن ياساپ ، گۆھەر كەبى يانماقچىسەن .

 

قېنى ئەمدى كۈيلىگىن ئەسىرىمگە لايىق ناخشىنى ،

مەنمۇ تاللاپ يۈرمىدىم سەندىن بۆلەك بىر ياخشىنى !

 

 

روبائىلار

 

خام قاپاقنىڭ ئىچى لەشتۇر پارقىراپ تۇرغان بىلەن،

مېغىزى شېرىن ياڭاق تېشى قوتۇر بولغان بىلەن.

كۆكتىكى پارچە بۇلۇتتىن ئەلگە تەگمەس قىلچە نەپ،

ئىسسىتار ئەلنى كۆمۈر يەر ئاستىدا ياتقان بىلەن.

 

مېۋە بەرمەس ھېچقاچان ھاي-ھاي چاپان ھەشقىپىچەك،

يۆمىشىپ ھەرنەرسىگە مىڭ يۇقىرى چىققان بىلەن.

يەربېغىرلاپ ياتسىمۇ قوغۇن-تاۋۇزنىڭ پىلىكى،

تولدۇرار يېزا-بازارنى نىمەتۇ-ئەلۋان بىلەن.

 

ئالدىراپ ھەركۈنلۈكى بىر ئېچىلۇر ھەشقىپىچەك،

كۈن چىقار-چىقمايلا تېز سولىشۇر جا نەرسىدەك.

مىرزە،سەبدە،گۈلى رەيھان يا قىزىل مودەنگە باق،

تاكى كەچكۈز كىرمىگۈچە كەتمەس يېنىدىن كېپىنەك.

 

سايە بەرمەيدۇ سۇۋادان غادىيىپ ئۆسكەنسىرى،

بەلكى ئاسان سۇنغۇسى بۇران-شامال تەگكەنسىرى.

سۇبويىدا جىلۋە قىلغان لەيلى-مەجنۇنتالنى كۆر،

ئاشىدۇ كۆركى ئۇنىڭ ئۆز قەددىنى پۈككەنسىرى.

 

گۈللا بولسا گۈل ئەمەس،گۈلدەك پۇراقى بولمىسا،

گەپلا بولسا گەپ ئەمەس،مەزمۇن تۇراقى بولمىسا.

ئىككى پۇتلاپ ماڭىمىش ئېيىقمۇ بەزەن تىك بولۇپ،

ئەرلا بولسا ئەر ئەمەس،ئادەم سىياقى بولمىسا.

 

ئادىمىنى ئادىمى ئەتكەن ئۇنىڭ ھۆسنى ئەمەس،

ھۆسنى بىر سۆرەت ئىرۇر دىلنىڭ چىراغى بولمىسا.

بىرمىسال،پانۇسنى كۆر،شام-چىراغسىز يۇرۇماس،

نۇر چاچامدۇ شام-چىراغ؟پىلىك ۋە ياغى بولمىسا.

 

 

ئايلىناي!

 

ئەي ئەزىز يۇرتۇم سېنىڭ باغچا _ سارايلىرىڭدىن ئايلىناي ،

زەپىران تۈسلۈك سېنىڭ غەمكىن چىرايىڭدىن ئايلىناي .

قوينۇڭدىكى ئالتۇن _ كۈمۈشلۈك تاغلىرىڭدىن ئايلىناي ،

كۆكسۈڭدىكى لەختە _ لەختە قان داغلىرىڭدىن ئايلىناي .

 

دەريايىڭدا مۇڭلىنىپ ئاققان سۈيۈڭدىن ئايلىناي ،

قايغۇ _ ماتەم ، غەمگە چۆككەن ناخشا _ كۈيۈڭدىن ئايلىناي .

سۇمبۇل چاچلىق ، قەلەمقاشلىق قىزلىرىڭىدىن ئايلىناي ،

ئانىلىق دەردىدە قالغان قان ئىزلىرىڭدىن ئايلىناي .

 

تىلى باغلىق ، دىلى داغلىق شائىرلىرىڭدىن ئايلىناي ،

زۆھراسى يوق ناتىۋان تاھىرلىرىڭدىن ئايلىناي .

ئايلىاي يۇرتۇم ئايلىناي ، ئالىملىرىڭدىن ئايلىناي ،

تىلى يۇمشاق دىلى قاتتىق زالىملىرىڭدىن ئايلىناي !

 

 

خەجلە ، خائىنلىرەي خەجلە!

 

خەجلە ، خائىنلارەي، خەجلە ، بۇ ئەلنىڭ مالىنى خەجلە ،

يېتىشمەي قالسىلەر ئۇ ھەم ئېلىپ سەن جانىنى خەجلە .

خېنىمغا ئوسما دەپ خەجلە ، بېگىمگە تاسما دەپ خەجلە ،

تالان _ تاراجىدىن قالغان پارچە نانىنى خەجلە .

 

دېھقانغا ئاچقۇزۇپ بوزنى ، دۇكانغا توقۇتۇپ بۆزنى ،

سېلىپ ئالۋاننى يۈز قاتلام ، ئىچىپ سەن قانىنى خەجلە .

 

كۆلىدە بېلىقى كۆپ دەپ ، يەر ئاستى بايلىقى كۆپ دەپ ،

قەدەمدە مىڭ تېپىپ ھېيلە ، ئېچىپ سەن كانىنى خەجلە .

 

پالانى ئاقچىدۇر _ كۆكچى ، بۇ ئۆتكۈرمۇ يامان دوقچى،

دەپ پارچىلاپ بۇ مىللەتنى ، سېتىپ ۋىجدانىنى خەجلە.

 

 

توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا!

 

توۋا دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر بىر قاراپ ئەتراپقا مەن ،

تولغىنىپ كەتتىم يىلان چاققان كەبى ئازابتا مەن .

نېمە بۇ ، بىر چۈشمۇ يا دەھشەت < قىيامەت > بولدىمۇ ،

ياكى ئەلنىڭ ئەجىلى _ پەيمانىسى لىق تولدىمۇ ؟

 

ئاندا قىيقاس ،

مۇندا ئۇر _ پاپ ،

قول سۇنۇق ،

باش _ كۆز يارا ،

نى يىگىت _ قىزلار جان تالىشىپ مەيدان ئارا .

 

تۈنۈگۈن < يولداش > دېيىشكەن جان بۇرادەرلەر بۈگۈن،

بىر _ بىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بەسلىشەرلەر كۈن ۋە تۈن .

بولدى مەكتەپ زاللىرى قىرغىنچىلىق قورغانلىرى ،

تەجرىبە ئەسۋابلىرى _ بومبا ياساش سايمانلىرى .

 

كارخانا نەيزە ياسار ، ئورغاق سوقۇشنى توختىتىپ ،

كىيدى قالپاق بەزىلەر گېتلىر ساراڭغا ئوخشىتىپ .

ئاقتى قانلار كوچىلاردا ، ئاقتى زاۋۇت سېخىدا ،

ئىلىنىپ قالدى جەسەتلەر گاھ دەرەخلەر شېخىدا .

 

ئاقتى قان ، ئاقتى قېرىنداش ھەم بۇرادەرلەر قېنى ،

نېمىدەپ يەكۈن ياساركەن بۇڭا تارىخ بىر كۈنى !

< توۋا> دەپ تۇتتۇم ياقا ، ھەر كۈنلۈكى قانغا قاراپ ،

شۇنچە قانغا كىم خەلقنىڭ ئالدىدا ئېيتار جاۋاب ؟

 

 

جەنۇبقا خەت!

 

ئەي جەنۇب ، دەردمەن جەنۇب ، ئەي مۇڭلىنىپ ياتقان جەنۇب ،

خۇددى تارىم سۈيىدەك كۆز ياشلىرىڭ ئاققان جەنۇب؛

گاھ يانار تاغدەك يېنىپ ، سەن پارتىلىدىڭ يالقۇن چېچىپ ،

ئەمدى تۇتقۇن شىر كەبى مەيۈسلىنىپ ياتقان جەنۇب .

 

كۆپتىن ئەمدى قاينىدى مۇڭلىرىڭ ، ئاھ _ زارلىرىڭ ،

كەتتى ھەسرەت ئىچىدە نى كۈرەشچان ئەرلىرىڭ .

ۋەھشىي بىر ئورمان بولۇپ قالدى خىيالىڭ باغچىسى ،

تەڭرىگە يەتمەي ئۆتەرمۇ ئاھلىرىڭ ، پەريادلىرىڭ !

 

يىغلاپ ئۆتتى سەن ئۈچۈن ئەسرىمىزنىڭ قانچىسى ،

بۇ يىغىغا باقمىدى جەبىر _ زۇلۇمنىڭ قامچىسى .

كەلمىگەي ھېچكىم بېشىغا ساڭا كەلگەن كەلگۈلۈك ،

ھېچ ئۈزۈلمەسمۇ بۇ قۇللۇق زەنجىرى _ ئارغامچىسى ؟

 

ياق ، ئۈمۈت بولغاي سېنىڭ ئارزۇلىرىڭنىڭ قولدىشى ،

تاڭ ئېتىپ ئەلۋەتتە بىر كۈن سۈرتۈلەر كۆزنىڭ يېشى ،

كۈيلە _ كۈيلە ئەرك _ ئازادلىق كەتسە بۇ ئۆتكۈر بېشى ،

قالغۇسى خانتەڭرىدە مەغرۇر كۈلۈپ قەبرە تېشى .

 

 

باھار چىللايمەن!…

 

زېرىككەچ جانلار بۇ زىمىستاندىن ،

جانۇ _ جانىمدىن باھار چىللايمەن .

تۈنلەر كېچىسى ھۇۋلىغان شىردەك ،

ئاھ _ پىغانىمدىن باھار چىللايمەن .

 

نە تاقىتىم بار ، نە سەۋرىم ئەمدى ،

قايناق بىر قازان يۈرىكىم ئەمدى .

گويا بىر ۋولقان تىلىكىم ئەمدى ،

شۇ ۋولقانىمدىن باھار چىللايمەن .

 

ئۆلۈمدىن ئارتۇق يىغلاپ ئولتۇرماق ،

مىراسمىدى بۇ ياشلار ئاققۇزماق ؟

خائىنلار ئىشى باش ئېگىپ تۇرماق ،

پاك ۋىجدانىمدىن باھار چىللايمەن .

 

شۇنى كۈيلەيمەن زىمىستاندىمۇ ،

تىلىكىم زەنجىردە باغلانغاندىمۇ ،

كۆكرەككە نەيزە قادالغاندىمۇ ،

ئىسىق قېنىمدىن باھار چىللايمەن .

 

ئۈمىدىم بۈگۈن خىيالدىن يۈكسەك ،

ئۈمۈت باغىدا ئاتتى ككپ چېچەك .

خىيالدىن ئارتۇق تاشقىن بۇ تىلەك ،

كۈرەشچان تاڭدىن باھار تىلەيمەن .

 

باھار چىللايمەن ، باھار چىللايمەن ،

خەلق بەختىگە بىر يار تىلەيمەن .

ئارزۇيۇم باھار ، ئۈمۈدۈم باھار ،

ئۇندىن ئۆزگىگە كۆڭۈل بۆلمەيمەن .

 

باھار چىللايمەن ، باھار چىللايمەن ،

خەلق مۇڭى شۇ شۇنى كۈيلەيمەن .

بوۋاممۇ ماڭا شۇنى ئۆگەتكەن ،

ئۇندىن ئۆزگىنى نېچۈك سۆيەي مەن .

 

باھار چىللايمەن ، تۈنلەر كېچىسى ،

مەيلى توزىسۇن ئۆمرۈم غۇنچىسى .

رازىمەن شۇندىن ، قىلچە ئارمان يوق ،

بولالىسام مەن خەلق مۇڭچىسى .

 

 

ئارمان نېمە

 

بولمىسا جانىم ئارا ئىشقىڭ ، ماڭا بۇ جان نېمە،

سادىغاڭ بولسۇن بۇ جان ، سەندىن بۆلەك جانان نېمە.

كۈلمىسە جۇشقۇن خىيالىم ئاسمىنىدا ئاپتىپىڭ،

مەن ئۈچۈن ئالەم نېمەيۇ ، گۆر نېمە ، بوستان نېمە.

 

ھىچ تېگىشمەس بىر كۈنىڭنى دەۋرى-دەۋرانغا كۆڭۈل،

بولمىسا ۋەسلىڭ نەسىۋى ماڭا مىڭ دەۋران نېمە.

ئۆتتى باشتىن شۇنچە يىللار قالدۇرۇپ ماڭلايدا ئىز،

بولسا سەندىم بىر خەۋەر ،ئۆمرۈم ئۈچۈن پۇشمان نېمە.

 

تەلمۈرۈپ شۇنچە يولۇڭغا ئاقتى كۆزنىڭ نۇرلىرى،

چاڭلىرىڭنىتۇتىيا قىلسام ئىدىم ، ئىمكان نېمە.

گۈلنى ھەر تاڭدا پۇراپ ، بولدۇم يەنە قىلماي شۈكۈر،

شۇنچە نەلە ئەيلىسە، ئۇ نېمدېگەن نادان نېمە.

 

كاشكى مەن ئۆمرۈمدە بىر كۆرسەم سېنى ئاي يۈزلۇكۇم،

جان بېرىپ ئۆلسەم شۇ دەم ، دۇنيا ئارا ئارمان نېمە.

ئاھ ئۇرۇپ ئۆتكۈر ئادا بولدى، قەلەندەردەك كىزىپ،

يوقمىدۇر شۇنچە جاھاندا دەرتكە بىر دەرمان نېمە.

 

 

ئۇچراشقاندا

 

سەھەر كۆرگەن چېغىم كۆزۈڭ سۇلتانىنى،

دېدىم سۇلتانمۇ سەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

كۆزلىرى يالقۇنلۇق ، قوللىرى خېنىلىق،

دېدىم چولپانمۇ سەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

دېدىم ئىسمىڭ نىمە؟ دېدى ﯪﻳﺨﺎﻧﺪﯗ،

دېدىم يۇرتۇڭ قەيەر ؟ دىدى تۇرپاندۇر.

دېدىم باشىڭدىكى ؟ دىدى

دېدىم ھەيرانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

 

دېدىم ئايغا ئوخشار ، دېدى يۈزۈممۇ؟

دىدىم يۈلتۈز كەبى ، دېدى كۆزۈممۇ؟

دىدىم يالقۇن چاچار ، دېدى سۆزۈممۇ

دېدىم ۋولقانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

 

دېدىم قىياق نەدۇر ؟ دېدى قاشىمدۇر،

دېدىم قۇندۇز نەدۇر ؟ دېدى ساچىمدۇر.

دېدىم ئون بەش نەدۇر ؟ دېدى ياشىمدۇر،

دېدىم جانانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

 

دېدىم ﺩﯦﯖﯩﺰ نەدۇر ؟ دېدى قەلبىمدۇر،

دېدىم رەنە نەدۇر ؟ دېدى لېۋىمدۇر،

دېدىم شېكەر نەدۇر ؟ دىدى تېلىمدۇر

دېدىم بىر ئاغزىمە ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

 

دېدىم زەنجىر تۇرار ، دېدى بوينۇمدا،

دېدى يولۇمدا.

دېدىم بىلەيزۈكچۇ ؟ دېدى قولۇمدا،

دېدىم قۇرقارمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

 

دېدىم نىچۈن قورقماسسەن؟ دېدى تەڭرىم بار،

دېدىم يەنىچۇ ؟ دېدى خەلقىم بار.

دېدىم يەنە يوقمۇ ؟ دېدى روھىم بار،

دېدىم شۇرانمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق.

 

دېدىم ئىستەك نەدۇر ؟ دېدى گۈلۈمدۇر

دېدىم چىلىشماققا ؟ دېدى يولۇمدۇر.

دىدىم ئۆتكۈر نىمەڭدۇر ؟ دېدى قۇلۇمدۇر

دېدىم ساتارمۇسەن ؟ ئۇ دېدى ياق-ياق!

 

 

مۇزلىغان شەھەر

 

مۇزلۇق كوچىنىڭ تاملىرى قىيسىق،

مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق.

بۇلۇڭ- پۇچقاقنى قويماي چارلىدى_

قىشنىڭ ساقچىسى چېلىپ ئىسقىرىق.

 

كۇننىڭ ئەسىرى يوق، ھاۋا تۇمانلىق،

يەرلەر تىترىشۇر، مۇزلىغان جانلىق.

ھەر نە شاتلىقتىن جۇدادۇر ھايات،

ئاڭلىنۇر ھەر ئۈن مۇڭلۇق، پىغانلىق.

 

كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،

ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك.

مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللار،

ئاچچىق ئۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك.

 

تۇرغۇن تۇۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،

چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۈك.

مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،

قوللار سۇنۇلغان، بويۇنلار بۈكۈك.

 

دوقمۇش-دوقمۇشتا چولاق كەتمەنلەر،

دۇغدىيىشىپ يۇرگەن يىرتىق چەكمەنلەر.

پارچە نانغا زار، تېلىققان كۆزلەر،

چەرخلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر.

 

مۇزلامىش شەھەر، مۇزلامىش ھېسار،

قۇۋۇقلار سۇنۇق، كونا بىر مازار.

شەھەر ئۈستىدە لالما بولۇتلار،

ئوزۇق ئىزلىشىپ قىلىدۇ شىكار.

 

كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،

ھاياتنىڭ يىپى ئۇلاق يا ئۈزۈك.

مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىللاپ

ئاچچىق ۋاقىراپ چالىدۇ گۈدۈك.

 

1946-يىلى 5-دېكابىر

 

 

تاڭ زىياسى يوقمىدۇر

 

بۇ قارا ھىجران تۈنىنىڭ ئىنتىھاسى يوقمىدۇر،

ۋەسلى دىدار كۈنلىرىنىڭ ئىپتىداسى يوقمىدۇر،

 

ئۆلگىدەك جانىمغا تەگدى ھىجىر ئاخشامى يامان،

بىر خەۋەر كەلسە نە بولغاي تاڭ ساباسى يوقمىدۇر.

 

بىر نەپەس يۈز يىل بىلىندى ئىنتىزارلىق دەستىدىن ،

تەشنە ئى قەلبىم ئۈچۈن نەشئۇ نەماسى يوقمۇدۇر ؟

 

ئۆرتىدى جىسمىمنى ھەردەم دىلدا يالقۇنلاپ كۆيۈك ،

خەستە دىلگە بىر شىپا دۇرا- داۋاسى يوقمۇدۇر ؟

 

يار خىيالى بىرلە سولدۇم،يەتتى ئۆمرۈمگە خازان،

تەنگە جان بەخش ئەتكىلى كۆكلەم ھاۋاسى يوقمىدۇر؟

 

بۇ جۇنۇنلۇق دەشتلىرى كەڭ،مېنى ئازدۇردى تالاي،

ئەمدى يول كۆرسەتكۈچى بىر رەھنە ماسى يوقمىدۇر؟

 

كەتمىگەي ئارماندا ئۆتكۈر كۆزدە قانلىق ياش بىلەن،

يىرتقىلى تۈن پەردىسىنى تاڭ زىياسى يوقمىدۇر؟

 

1949-يىل

 

 

مەن ئاق بايراق ئەمەس

 

ﻛﯘﻣﯘﺵ ﻛﻪﺑﻰ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ،

ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﺘﻪﻙ ﭘﺎﺭﻗﯩﺮﺍﻕ .

ﺑﯩﺮ ﭼﯘﻗﻘﺎ ﺑﺎﺭ ئاﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺑﯧﺸﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ.

ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﻯ ،ﺗﯩﻴﺎﻧﺸﺎﻧﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ.

 

ﻣﻪﺷﺮﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎ ئاﭘﺘﺎﭖ،

ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ئاﯞﺍﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ.

ﺷﯘﭼﯘﻗﻘﯩﻨﻰ ﺳﯘﻳﯩﺪﯗ.ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻣﻪﯕﺰﯨﻦ،

ئۆﺗﯘﭖ ئۇنىڭ ﻗﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻣﺎﯕﺎﺭ ئاﻧﺪﯨﻦ.

 

ﻛﯩﭽﻪ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺗﯘﻟﻮﻥ ئاﻱ،

ئۆﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ئۇﻧﺪﺍ ﻗﯘﻧﻤﺎﻱ.

ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ھەﻡ ﮬﯜﻛﻪﺭ ،ﺯﯗھﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﻯ،

ئۇﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ھﻪﺭﺑﯩﺮﻯ.

 

ﺋﯩﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯗ ﻗﯩﺶ – ﻳﯩﺰﻯ،

ئاﻕ ﺷﺎﻳﯩﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭ – ﻣﯘﺯﻯ.

ﻛﯚﻛﺮﯨﮕﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑئەﺗﻨﯩﯔ ئەﺭﻛﯩﺴﻰ ،

ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻳﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ئۇ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ ﻗﺎﺭ ﻟﻪﻳﻠﯩﺴﻰ.

 

ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﯘﭼﯘﻗﻘﺎ ،

ﺑﻪﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﯘﺭﻟﯩﻘﺎ .

ﻛﯚﺭﻧﯩﺪﯗ ﻛﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻕ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯜﻝ ﻛﻪﺑﻰ،

ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎھﺎﺭﻛﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ئاﻗﻘﯘ ﻗﻮﻧﻐﺎﻥ ﻛﯚﻝ ﻛﻪﺑﻰ.

2

ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺎﭖ،

ﺧﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ،

ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ: <<ﺑﯘﭼﯘﻗﻘﺎ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ –

ئوﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ئەﻝ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯘﺷﯘﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻘﺎ>>.

3

ﺧﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ئاﯕﻼﭖ ،

ﻛﯜﻟﯜﯞﻩﺗﺘﻰ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ .

ﺩﯦﺪﻯ: ﻧﻪﺩﻩ ﭼﯘﯓ ﺑﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺟﺎﻧﺎﺏ ﺳﯩﺰ،

ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯔ ،ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ﺑﯘ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰ ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ .

 

ﺩﻩﺭ ﯞﻩﻗﻪ ،ئاﻕ ﻣﻪﻥ ﺋﯚﺯﯗﻡ ،

ﺳﺎﻗﺎﻝ – ﭼﯩﭽﯩﻢ ھﻪﻡ ﻳﯜﺯﯗﻡ .

ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ئەﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ئاﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ،

ﺗﻪﺑﯩﺘﯩﻢ – ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻢ ئاﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﺮﺍﻕ .

 

ئاﺩﻩﻡ ئاﺗﺎ ھﻪﻡ ھﺎﯞﺍ ،

ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ .

ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ئوﻏﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﻩ .

ﺑﻮﺯ ﺋﯧﭽﯩﭗ ،ئۇﺭﯗﻕ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﯞﺍﺩﺍ ﺗﯧﺮﯨﻤﺪﻩ .

 

ﻧﻮﮬ ﻧﯩﯔ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﭘﺎﻧﺪﺍ ،

ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ .

ئاﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،

ھﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ – ئەﺷﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .

 

ﻗﻮﺵ ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻟﯘﻙ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ،

ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﻪﺗﻪﺭ .

ئۇﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺳﯘﭖ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،

ﺷﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﭖ ﻗﯘﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .

 

ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ،

ﻗﯘﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﺗﻘﺎﻥ .

ئەﺷﯘ ﻗﻪﺩﯨﻢ ﻳﯘﻟﻼﺭﺩﺍ ھﻪﻡ ﻗﻮﺭﯗﻗﭽﻰ – ﭘﺎﺳﯩﺒﺎﻥ ،

ئاﺵ – ﺗﯘﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻐﺎ ھﻪﻡ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻳﯩﺒﺨﺎﻥ .

ئەﻱ ﺟﺎﻧﺎﺑﯩﻲ ﻣﯘھﺘﯩﺮﯨﻢ ،

ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯓ ﺷﯘﻧﻰ ھﻪﻡ .

ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ،

ﻧﻰ – ﻧﻰ ﭼﯩﮕﯩﺶ ﺗﯜﮔﯜﻧﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺸﯩﻠﮕﻪﻥ .

 

ﻗﻪﻏﻪﺯ ،ﻛﻮﻣﭙﺎﺱ ﻣﻪﺗﺒﻪئە ،

ﺩﻭﺭﺍ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰﻩ .

ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﺟﺎھﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ ،

ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﻜﻪﻥ .

4

ﺩﯨﻤﻪﻙ ،ﺗﺎ ئەﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ –

ﺑﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ .

ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯧﺸﯩﻢ ئاﻗﺎﺭﻏﺎﻥ ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻡ ﺋﺎﻕ،

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯﯛﻡ ئەﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ئاﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ .

 

ﺑﯘ ﮬﯜﺭ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ ،

ئاﯕﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺟﺎﻥ – ﺗﯧﻨﯩﻢ .

ﭼﺎﭺ – ﺳﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ئاﻗﻠﯩﻐﻰ—ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﻪﺳﺮﯨﻨﯩﯔ ئۇﻟﻰ،

ﻛﯚﻛﻜﻪ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺷﯜ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ .

 

ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺗﯘﺳﺴﯩﻤﯘ ،

ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﻗﺴﯩﻤﯘ .

ﺋﯧﮕﯩﻠﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺗﯘﺭﺩﻯ ھﻪﻣﻤﻪ ﯞﺍﻕ،

ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ئەﻣﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﻱ ئاﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ .

 

ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﻮﻍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،

ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﻏﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ .

ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻳﺎﯕﻐﯩﺮﺍﻕ،

ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯜﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰئاﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ!!!…

 

 

چىللاڭ خورىزىم، چىللاڭ

 

نىم دىگەن ئۇزۇن كېچە ، ئەجەپمۇ تاڭ ئاتماي قالدى ،

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ،تاڭغا قاراپ كۆزىم تالدى .

 

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، ئۇخلاق جاھانىم ئويغا نسۇن،

مېنى تاشلاپ ئۇخلىغان گۈلى رەيھانىم ئويغا نسۇن .

 

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، يارنى چىللاپ ئويغى تىڭ ،

يۈزىگە قانات يېيىپ ، ئاستا سىپاپ ئويغى تىڭ .

 

ئاچسا يارىم كىرپىكىنى يەنە ئۇيقۇ باسمىسۇن ،

ئۇيقۇ بىرلە مەن غېرىپنى مەڭگۈ تاشلاپ ئەتمىسۇن .

 

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ، تاڭ ئاتىدۇ دەپ چىللاڭ ،

تاڭ ئالدىدا يارىڭىز سىزنى كۈتىدۇ دەپ چىللاڭ .

 

چىللاڭ خورىزىم ، چىللاڭ ،چىللاڭ ئۇ گۇلۇستانغا ،

يارىم ئويغا نسا خەۋەر بېرىڭ مەن باغرى قانغا.

تۈرى :يازغۇچىلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئىسمائىل ھاجى ئىسمائىل ھاجى
ئازغان كۆڭۈل ئازغان كۆڭۈل
كۆزى ئېچىلغان بۇلاق  كۆزى ئېچىلغان بۇلاق
ئەرەب تىلى گرامماتىكى(1-3) ئەرەب تىلى گرامماتىكى(1-3)
مۇھەببەت ۋە قىساس

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.