ئىسمائىل ھاجى

ئىسمائىل ھاجى

ئاپتورى:ئابدۇقادىر سادىر

باھاسى:40.00

2012-يىل4-ئاي1-نەشرى

2012-يىل4-ئاي 1-بېسىلىشى

Isbn:9787105120208

سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=18166748199

ئاپتور ھەققىدە

شائىر ، يازغۇچى ئابدۇقادىر سادىر 1947-يىل6-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا توغۇلغان.1955-يىلدىن 1961-يىلى 7-ئايغىچە قوشتاغ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ،1964-يىلى7-ئايدىن 1967-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان .1967-يىلى 9-ئايدىن 1984-يىلى 10-ئايغىچە ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .1981-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە شىنجاڭ رادىئو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىنى ئوقۇپ تاماملىغان .1984-يىلى 10-ئايدىن 1985-يىلى 5-ئايغىچە گۇما ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەدەنىيەت – تەنتەربىيە ئىدارىسىدە مەدەنىيەت خىزمىتى ئىشلىگەن.1985-يىلى5-ئايدىن 2007-يىلى6-ئايغىچە گۇما ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىدە ئىشلىگەن .دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىن ،مەخسۇس ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانماقتا .

ئۇ 1966-يىلى«خوتەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلغان .ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا بىر رومانى«شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ژۇرنىلى» دا ،مىڭدىن ئارتۇق شېئىرىي ئەسىرى ؛سەكسەندىن ئارتۇق ھېكايە ،پوۋېستى؛ئەللىكتىن ئارتۇق سەھنە ئەسىېى ئېلان قىلىنغان .يۈز پارچىغا يېقىن ئۇيغۇر خەلق كلاسسىك ئەدەبىياتى نەمۇنىلىرىنى نەشرگە تەييارلاپ ئېلان قىلىغان .يەنە تىل تەتقىقاتىغا ئائىت يىگىرمىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان .ئارامغا چىققاندىن كېيىن ،«شېئىرىيەت رىسالىسى»،«جاھان ئەدىبلىرى قەلمى ئاستىدىكى يۈسۈپ-زۇلەيھا داستانى» ، «گۇما شېۋىسى توغرىسىدا» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرىنى تاماملاپ ،مەتبۇئاتلارغا سۇندى.

يازغۇچىنىڭ 1982-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە ، ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلار ۋە جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن ئىككى پارچە ھېكايە ، بىر پارچە سەھنە ئەسىرى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ، ئون پارچە ھېكايىسى، بىر پارچە سەھنە ئەسىرى .ئىككىنچى ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .«ئېتىبارسىز ئادەم»،«مەسئۇلىيەت»، «تۆكۈلگەن چېچەك» قاتارلىق ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجخمە قىلىپ تونۇشتۇرۇلدى.

1989-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆمۈش قوڭغۇراق»،«نەدە سەن بالىلىق يىللا»،«قاقشال توغراق» ، «پۈتۈكسىز ئارخىپ» ؛شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ساقال ھەققىدە پاراڭ»،«قارا چېقىن» ؛خوتەن قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشخانىسى تەرىپىدىن «قەھرىمان قاتىل» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.«كوئىنلوندا باھار»، «خوتەندە راۋان يوللار»، «كارۋان»، «مەدەنىيەت مەسلىھەتچىسى» قاتارلىق مەجمۇئەلەرگە ھېكايە ، پوۋېست ۋە سەھنە ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلدى .2011-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۈلپەتلىك تەقدىر» ناملىق رومانى نەشر قىلىندى،«ئۈچۈنچى كۆز»ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنىش ئالدىدا .

ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى،شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى ،خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئىچىدىكىلەر

1. مۇشتچىلىك بوۋاق

2. مەدرىسە

3. تۇنجى مۇھەببەت

4. ئىككىنچى توي

5. مۇقەددەس سەپەر

6. قاغىلىقتا ئۈنجۈمەن

7. يۇرت ئاتىسى

8. تەجەللى ھەزرەت كوھتامدا

9. دىلغا ئويۇلغان ئەستىكىلەر

10. قاباھەت يامرىغان يىللار

11. ئادالەت ھامىيلىرى

12. قانغا بۇيالغان شەھەر

13. يېڭىچە مەكتەپ

14. پىدائىيلار

15. خازان پەسلى

16. خاتىمە

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

كۈلپەتلىك تەقدىر كۈلپەتلىك تەقدىر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.