غۇرۇرنامە

غۇرۇرنامە

ئەركىن ئابدۇقادىر

باھاسى:58.00

2011-يىل 6-ئاي 1-نەشرى

2011-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-2000

Isbn:9787105115242

بېغىشلىما

ئۇيغۇر خەلقى يىراق ئۆتمۈشتىكى ئۇرۇق – قەبىلە ئىتتىپاقىدىن مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشكە باشلىغان ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىن بۇيان تەڭرىتاغ ، قارا قۇرۇم ، ھىنگان ، ئۆتۈكەن ، ئالتاي ۋە ئالتۇنتاغ ئېتەكلىرى ؛ تارىم ۋادىسى ، سىر دەريا ، ئېتىل ۋادىسى ، ئىئوتەن ، ئىلى ، ياركەنت ، تۇغلا ، تالاس ۋە ئېرتىش دەريالىرى ۋادىلىرىدىكى ، بايقال ، بايقاش كۆلى بويلىرىدىكى ئوۋچى ، چارۋىچى بېلىقچى ، تېرىقچى ئاغۇنلىرىنىڭ ئېسىل ئېسىل ئەنئەنە – خىسلەتلىرىنى ۋە باتۇرلۇق ، ئەمگەكچانلىق پەزىلەتلىرىنى داۋاملىق نۇرلاندۇرۇپ كەلگەن ، تەبىئەت تەڭرىچىلىكى ، جۈملىدىن شامان دىنىنىڭ قوشاق – ئۇسسۇللۇرى ، مانى دىنىنىڭ رەڭدار رەسىملىرى ، بۇددا دىنىنىڭ تاش ئابىدە – ھەيكەلتىراشلىقى ، خرىستىيان دىنىنىڭ تەلىملىرى ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدە – مەرىپەتلىرى ۋە ئۆزلىرى بېسىپ ئۆتكەن ھەربىر يېڭى دەۋرنىڭ يېڭىچە گۈزەل مەدەنىيىتىدىن ئىجابىيلىق ۋە ئىجادچانلىق بىلەن ئۆزىگە روھىي ئوزۇق ئىزدەنگەن ھەم ئۇلارغا يېڭى ھاياتى كۈچ بەخىش ئېتىپ كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ، يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تۆھپىكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ ، نۇرغۇن ئىجادىي ، ئىلمىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرىپ ، دۇنيانىڭ تارىخ سەھنىسىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان .

ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە جۇڭخۇا ئائىلىسىنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ قەد كۆتۈرۈشى ۋە گۈللىنىشىئەئە زور تۆھپىلەرنى قوشقان باتۇر ، پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ جۇلالىق تارىخىي ئىزلىرىنى خەلقپەرۋەر ، ۋەتەنپەرۋەر ھەم تۆھپىكار ئەجدادلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇتقان . ئاشۇ ئەجدادلىرىمىز ئارقىلىق دۇنياغا تونۇتقان . ئاشۇ ئەجدادلىرىمىز بىزنىڭ ئەقىل – پاراسەت ، كۈچ – قۇدرەت مەنبەيىمىزدۇر ، بىزنى ئىنسانىيلىققا ، گۈزەللىككە ۋە ئىجادچانلىققا ئىلھاملاندۇرىدىغان ھەم يېتەكلەيدىغان ئۆچمەس چولپانلىرىمىزدۇر . بىز شۇلارنى ئەسلىگىنىمىزدە ھاياتنى تېخىمۇ قەدىرلەپ ، ۋاقىتنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ، پەقەت ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ئەمەس ، بەلكى مۇقەددەس بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن كەڭ خەلققە ، ئەۋلادلارغا تېخىمۇ نۇرلۇق يول ئېچىپ ، ئىناق ھايات ، بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن تىرىشىشنىڭ نەقەدەر شەرەپلىك ، پەخىرلىنەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلماي تۇرالمايمىز .

پايتەختىمىز بېيجىڭدا 30 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇخبىرلىق ۋە نەشرىياتچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئىنىمىز ئەركىن ئابدۇقادىر ئۆزىنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەللەرگە قىلغان مۇخبىرلىق سەپەرلىرىدە كۆرگەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن ۋە بۇ ھەقتە ئاڭلىغانلىرى ، ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ، ئەجدادلارنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەنە شۇ شانلىق ئىزلىرىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ مېھنەت سۈيەر ئىجادچانلىق روھى ، قايناق ھاياتى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان شانلىق تۆھپىلىرى ئۈستىدە جاپالىق ئىزدىنىپ ، نەزمىي شەكىل بىلەن نەسرىي شەكىلنى بىرىكتۈرۈش ئاساسىدا قەلەمگە ئالغان «غۇرۇرنامە» ناملىق بۇ تەرجىمھال خاراكتېرلىك ئەسىرىنى ئاساسىي قەھەتتىن پۈتتۈرۈپ ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ . ئىنىمىز ئەركىن ئابدۇقادىرنىڭ مانا مۇشۇنداق چوڭ ، مۈشكۈل تېما ئۈستىدە بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇنلا قەلەم تەۋرىتىشكە جۈرئەت قىلغانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار ئىدى . مانا بۈگۈن ئەسەرنىڭ روياپقا چىقىدىغانلىنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق ئ بۇ ئەسەر ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ شانلىق ئىش – ئىزلىرىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن ئوبدان ئۇقۇشلۇق بولۇپ قالغۇسى .

مانا بۇ «غۇرۇرنامە» گە ئوخشاش يىراق قەدىم ئاماندىن تارتىپ دەۋرىمىزگىچە بولغان ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا ئۆز تۆھپىلىرى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇلغان ياكى تونۇلماي كۆمۈلۈپ قالغان ئەجدادلار ھەققىدىكى تەتقىقاتىمىز ، ئىجادىيىتىمىزنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتىمىزدۇر . ئېھتىمال ، «غۇرۇرنامە» نىڭ ئانچە پىشمىغان ۋە كام قالغان يەرلىرى بولۇشى مۇمكىن . ئەمما ، بۇ ئەسەر تارىئىتا ئۆتكەن ۋە كۈنىمىزدە يېتىشىپ چىقىۋاتقان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئەڭ ئىپتىخارلىق ۋەكىلى بولغان مەھمۇد كاشغەرىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇشۇ قۇتلۇق كۈنلەردە ئاستانە بېيجىڭدا روياپقا چىقسا ھەممىمىزنى ئورتاق سۆيۈندۈرىدىغان كاتتا ئىش بولاتتى .

ئىنىم ئەركىن ئابدۇقادىر ، «غۇرۇرنامە» ناملىق ئەسىرىڭ بىلەن سېنى قۇتلۇقلايمىز . ئىلىم يۇلىدا ھارمىغىن !

پەخرىي پروفېسسور ، ئالىي مۇھەررىر ھاجى ئىمىن تۇرسۇن

2008-يىل 11-ئاي (ئۈرۈمچى)

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى
ئابدۇقادىر داموللا ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئابدۇقادىر داموللا ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى
ئۇيغۇر تارىخى1،2-قىسىم ئۇيغۇر تارىخى1،2-قىسىم

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.