جەمئىي ئىلاج
جەمئىي ئىلاج
روزى باقى ھاجى
باھاسى:22.00
2005-يىل 10-ئاي 1-نەشرى
2005-يىل 10-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-2000
Isbn:7537239967
كىرىش سۆز
ھايات پائالىيىتى بىزگە نامەلۇم بولغان ھەكىم مۇھەممەد ئىبنى نۇرنىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ بولغان «جەمئىي ئىلاج» ناملىق بۇ قوليازما قاراقاش ناھىيىسىدىكى پېشقەدەم تېۋىپ روزىباقى ھاجى ئابدۇۋايىتنىڭ قولىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ پارس ، تۈركىي تىللىرىدا ئارىلاش يېزىلغان . قوليازمىنىڭ باش قىسمىدا كىتاب مۇئەللىپى ھەكىم مۇھەممەد ئىبنى نۇر ئۆزى يازغان مۇقەددىمە بېرىلگەن بولۇپ ، بىز بۇنىڭغا ئاساسەن كىتابنىڭ ئاپتورىنى«مۇھەممەد ئىبنى نۇر» دەپ قارىدۇق .
ئومۇمىي قوليازما خوتەننىڭ پاتلىق قەغىزىگە قىزىل ، قارا سىياھلاردا يېزىلغان بولۇپ جەمئىي 352 بەت.
قوليازمىنىڭ قاچان كۆچۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق . ئەمما ئاخىرىدا ئوخشىمىغان خەت نۇسخىسىدا «تارىخقا بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئوتتۇز ئالتە»، شەۋۋالنىڭ ئون سەككىزى ئىبراھىم ئاخۇن قاتارلىقلار كۆرۈپ تامام بولغان دېگەنلەر خاتىرىلەنگەن . بۇنىڭدىن شۇ نەرسە ئايانكى ، مەزكۇر ئەسەر تاماملانغاندىن كېيىن قولدىن – قولغا ئۆتۈپ ئەتىۋارلىنىپ ساقلانغان . قوليازمىنى يورۇقلۇققا چىقارغۇچىلاردىن بىرى بولغان روزىباقى ھاجى ئابدۇۋايىت داۋالاش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان 38 يىللىق تېبابەتچىلىك ھاياتىدا مەزكۇر قوليازمىلاردىكى رېتسېپلارنى ئەمەلىي تەجرىبىلەردىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۈنۈمىنى كۆرگەن . بىز خەلقىمىزنىڭ قەدىمىي تېببىي مىراسلىرىمىزدىكى قىممەتلىك جاۋاھىراتلارنى بۈگۈن ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن ئۇنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشرگە تەييارلاپ چىقتۇق .
ئەسلىي قوليازما ئەينى دەۋرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتى بويىچە ئالدى بىلەن پەيغەمبەرلەرگە ھەمدۇ – سانا ئېيتىش بىلەن باشلانغان . بىز قەدىمىي ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلاشتىكى ئەسلىگە سادىق بولۇش پرىنسىپى بويىچە ئۇ جايلارنى ئەسلىي پېتى ئالدۇق . ئوقۇرمەنلەرنىڭ شاكىلىنى چىقىرىۋېتىپ مېغىزىنى قوبۇل قىلىش مەيدانىدا تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىشىنى سورايمىز .
ئەسلىي قوليازما پارس ، تۈركىي تىلىدا ئارىلاش يېزىلغان بولغاچقا ، بەزىبىر دورا ، كېسەللىك ناملىرىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى تېپىش ئىمكانىيىتى بولماي ، ئەسلىي پېتى ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇق . شۇ سەۋەبتىن بىلىپ – بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قويغان سەۋەنلىكلىرىمىز بولسا ، كەسىپداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق