غېرىب-سەنەم
غېرىب-سەنەم
ئاپتورى:ئەختەم ئۆمەر
باھاسى:90.00(ئىككى قىسىم)
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-،90- يىللىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قوشۇنىدا ئىزدىنىش روھىغا باي بىر تۈركۈم ياش يازغۇچىلار يېتىشىپ چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ مەزمۇن ، بەدىئىي ئۇسلۇب جەھەتتىن خاراكتېرلىنىپ تۇرىدىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بېيىتتى ، ئۇنىڭغا ھۆسن قوشتى.ئەختەم ئۆمەر بۇ سەپتە سالماقلىق ئورۇن تۇتىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.
يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر 1962-يىلى دولان دىيارى-مەكىتتە تۇغۇلغان.1981-1983-يىللىرى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىنىڭ مەكىت شۆبىسىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ئىلگىرى -ئاخىرى مەكىت،قەشقەرلەردە ئوقۇتقۇچى ،ئىتتىپاق كومىتېتى كادىرى، دىرېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.1990-يىللارنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيىسىدە سېنارىست بولۇپ ئىشلىگەن . ھازىر شىنجاڭ ئوپېرا-تىياتىرىدا سېنارىستلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە باشلانغان بولۇپ،»توغاچ«،»كىنوخانا ئىشىكىدە« قاتارلىق ھېكايىلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىغان . شۇنىڭدىن كىيىن ئۈزلۈكسىز پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ،«قېرى قىز»،«سېغىنىش كۈيى»،»ئاق جۇۋان«،»ئاھ، رەھىمسىز دەريا« ،»ئاھ مىنىڭ كىندىك قىنىم «،»قۇرتلاپ كەتكەن كۆل« قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ھېكايە-پوۋېستلىرىنى ئوقۇرمەنلەر ھۇزۇرىغا سۇنغان .1990-يىللاردا رومان ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ «يېگانە ئارال»،«باياۋاننىڭ سىرى» قاتارلىق رومانلارنى ئىجاد قىلغان . ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھېكايە- پوۋېست ،رومانلىرى نەشىرياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ تىپىك ئەسەرلىرىنى سىستېمىلىق نەشر قىلىش ئاساسىدا 2008-يىلى ۋە2009-يىلى نەشر قىلىندى.
ئەختەم ئۆمەرنىڭ رىئالىستىك ئەدەبىي ئۇسلوبىنى ئاساس قىلغان يازغۇچى.ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆزى كۆرگەن ،ئاڭلىغان رېئال نەرسىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئادەتلەنگەن.شۇڭا، ئەسەرلىرىدە دادىل ،مۇستەققىل پىكىر يۈرگۈزۈپ باشقىلار يارىتىپ باقمىغان يىڭى ئوبراز،يىڭى پىرسۇناژ ۋە يىڭى ئۇسلوبلار ئارقىلىق باشققىلار تىخى دېمىگەن ئەھمىيەتلىك ،يىڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويغان . ئەسەرلىرىدە ئاساسلىق تەكلىمىكان ۋادىسدىكى دۇلان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ، ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ،مەنىۋىي دۇنياسىنى،ئاق كۈڭۈل ، باتۇر، چىدامچانلىقىتىن ئىبارەت پىسخىك ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن .ئەنئەنىۋىيي مەدەنىيەت.تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلكىنى روشەن نامايەن قىلىپ بەرگەن .بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە ئىجتىمىئىي تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى -ئائىلە، نىكاھ، مۇھەببەت ،كىشىلىك مۇناسىۋەت خىزمەت كەسىپ دىگەندەك تۈرلۈك تېمىلار جانلىق ،تەسىرلىك ئەكىس ئەتتۈر گەن.
«غېرىب-سەنەم » ئەختەم ئۆمەر ئىجادىيتىدىكى يىرىك ئەسەر ئىپادىلىندۇ .ئاپتور مەزكور ئەسەردە ئۇيغۇر كىلاسسىك داستانى«غېرىب- سەنەم »نى ئاساسى سۇژىت قىلىلغان ھالدا مول بەدئىي تەپەككۇر ،جىددى ، قىزىقارلىق ۋەقا-تەپسىلاتلار ئارقىلىق ئغېرىب-سەنەمدىن ئىبارەت بۇ بىر جۈپ ياشنىڭ ئەگرى -يوقاي مۇھەببەت سەزگۈرەشتىسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن .شۇنىڭو بىلەن بىللە شاۋاز باشچىلىقىدىكى نەپسانىيەتچى ، قارا نىيەت ، ھىيلە-مىكىرچىلەرنىڭ قارا خانىيلار ئېلىنى ھالاكەت يۇلىغا باشلاشتەك رەزىل ئەپتى- بەشىرسىنى ئىچىپ بەرگەن .ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ،چىنلىق بىلەن ساختىلىق ،گۈزەللىك بىلەن سەتلىك، ئالىيجاناپلىق ۋە رەزىللىكى ئۆتكۈر ئەكىس ئېتىپ تۇرىدۇ ئەسەرنىڭ ئىدۋىي مەزمونى چوڭقۇر، بەلگىلىك تەربىۋىي ئەھمىيەتكە ئىگە…
شۇنى ئالاھىدە ئىزاھلاپ ئۈتۈشكە تېگىشلىكى ،مەزكور ئەسەرنىڭ «غېرىب -سەنەم» دېگەن تېمىسىغا مۇۋاپىق ھالدا كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا جامائەت ئەربابى ، ئاتاقلىق رەسسام غازى ئەھمەد ئەپەندىنىڭ تىپىك ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولغان «غېرىب- سەنەم» ناملىق ئەسىرى ئىشىلتىلدى . بۇرەسىم رەسسام غازى ئەھمەد تەرپىدىن 1962-يىلى سىزىلغان بۇلۇپ ،ئەينى چاغدىكى «سولچىل» خاتا لۇشىيەننىڭ تەسىرى تۈپەيلى ئۈرۈمچىدە ئاشۆئارا ھالدا كۆيدۈرلۈپ ،مەنئي قىلىنغان .ئىلىمىز ئسلىھات -ئىچۋىتىش يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىن غازى ئەھمەد ساقلاپ قالغان فوتو نۇسخىسى ئاساسىدا قايتا سېزىپ چىققان ھەمدە1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا جامائەتچىلىك بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشكەن .كېيىن چوڭ شەھەرلەردە كۆرگەزمىلەرگە قۇيۇلغان… بۇ رەسىمنىڭ «غېرىب-سەنەم»رومانىغا ئىشىلتىلىشى روماننىڭ جەلىپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇئارغۇسى.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ئەقلىم ھەيران، زوردۇن سابىر، ئەختەم ئۆمەر، ياسىنجان سادىق ئاكاملارنىڭ بىر پارچە ئەسىرىنى ئوقۇسام مەندە يېڭى بىر ئەدەبىي ئىجادىيەت غەليانى قوزغۇلىدۇ. ئادەتتىكى بىرەر پارچە كۈندىلىك خاتىرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازاي دېگەننى خىيال قىلسام چوقۇم بۇ ئۈچ ئاپتۇرنىڭ بىر پارچە ئەسىرىنى ئوقۇشۇم كېرەك. زوردۇن سابىر (ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي) نىڭ ئەسەرلىرىنى قايتا- قايتا ئوقۇساممۇ يېڭىلىق بولىيۋېرىدۇ، ياسىنجان ئاكام ‹‹باھادىرنامە›› ناملىق كۆپ قىسىملىق تارىخي رومانى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخى ئەسەرلىرىنىڭ بوشلۇقىنى تولدۇردى. بۇ ئەسەرلەرنى ھەر ئوقۇسام بىزدىكى ئەجدادلارنىڭ روھىيەت ئالىمىگە ئۆزۈممۇ مەنسۇپتەك، شۇ مۇھىت ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ ‹‹باياۋاننىڭ سىرى›› ناملىق رومانىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، ئەختەم ئۆمەر ئاكىنىڭ دىھقانلار، يېزا تۇرمۇشى تېما قىلىنغان نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ، خەلققە تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.