پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى
پەرزەنت تەربىيەلەش دەستۇرى
ئاپتورى: ۋەلى كەرىم كۆكئالىپ
باھاسى:258.00
2011-يىلى 1-نەشرى 1- بېسىلىشى
بەت سانى 1006
16فورمات
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
تىراژى:3100
isbn:9787537247467
سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=14649217416
نەشرىياتتىن
تەلەپچان ، ئىجتىھاتلىق ياش قەلەمكەش ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ، كىشى ئىسىملىرى تەتقىقاتچىسى ۋەلى كەرىم كۆكئالىپ 1971-يىلى3-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ پىچان ناھىيەسىدە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە توغۇلدى .باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پىچان ناھىيەسىنىڭ لەمجىن بازىرىدا تاماملاپ ، 1990-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگو تىل -ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىندى .ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇش ھاياتىنى قەدىرلەپ ، بىر تەرەپتىن ، كەسپىي دەرسلىكلەرنى ئەتراپلىق ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنسە ،يەنە بىر تەرەپتىن ، مەكتەپنىڭ ئەۋزەل شارائىتىدىن پايدىلىنىپ ئىنگىلىزتىلى ۋە تۈرك تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ ، تېز ئارىدىلا ئۈنۈمگە ئېرىشتى ، ئۇ 1995-يىلى ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ ،شىنجاڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» گە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ تەھرىرلىك ،مۇخبىرلىق خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولدى .ئۇ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە ئەدەبىيات قوشۇمچە بېتى، خەلقئارا خەۋەرلەر بېتى ، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بېغىشلانغان ئۇنىۋېرسال بەتلەرنى ياخشى ۋە ئەتراپلىق باشقۇردى ؛مۇخبىرلىق قىلىش جەريانىدا جەمئىيەتتىكى ئۆتكۈر مەسىلىلەرنى ئاخبارات ئارقا كۆرۈنۈشى قىلىپ ،ئىدىيەۋى مەزمۇنى ساغلام ،تىلى ئۆتكۈر ۋە چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ئاخبارات ئەسەرلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىپ ، جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى .ئۇ يەنە ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىي تەرجىمىلىك بىلەنمۇ پائال شۇغۇللىنىپ ، بۇ جەھەتتىمۇ مۇئەييەن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى .ئۇنىڭ شۇ يىللاردا ئېلان قىلىنغان بىر مۇنچە ھېكايە – نەسرلىرى ، ئەدەبىي ئاخباراتلىرى ،ئىجتىمائىي ماقالىلىرى ئوقۇرمەنلەردە ياخشى ئىنكاس پەيدا قىلدى . ئۇنىڭ تۈرك تىلىدىن تەرجىمە قىلغان «شەجەرەئىي تەراكىمە» (تۈركلەرنىڭ نەسل شەجەرىسى) ،«تۈركىي تىللىق خەلقلەردە ئاياللار ۋە ئائىلە ھوقۇقى» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئەسەرلەر ، ئەزىز نەسىن ،ئۆمەر سەيفەتتىن ، ياشار كامال قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نادىر ھېكايىلىرى «بۇلاق»،«دۇنيا ئەدەبىياتى» ژۇرنىلدا ئېلان قىلىنغان .
داۋامى داۋاملىق يوللىنىلىدۇ….
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق