شەرق يۇلتۇزىنى ئىزدەپ
نەزىرە مۇھەممەد سالىھ
باھاسى:16.00
2004-يىلى 1ئاي 1-نەشرى
2004-يىلى 1-ئاي -بېسىلىشى
تىراژى:1-5000
Isbn:7228083539
ئاپتوردىن
مەن ئاخىر بۇ كىتابنى يېزىش قارارىغا كەلدىم . چۆمۈچنىڭ ئورنىغا قەلەمنى ئالدىم . رېئاللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ، تارىخنىڭ نۇرلۇق ئاسمىنىغا نەزەر سالدىم . ئاسمىنىمىزدا قىز – ئاياللارنىڭ يۇلتۇزى خىرەلىشىپ قاپتۇ . ئەدەپ بوستانىنىڭ زىبا غۇنچىلىرى ، ئائىلە گۈلىستانىنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارلىرى سولۇشۇشقا باشلاپتۇ . شۇ سەۋەبتىن بىر ئەلگە باش ، بىر قوشۇنغا سەركە بولغۇدەك يىگىتلىرىمىز ھەم سۆلىتىدىن ئايرىلاي دەپ قاپتۇ . بېغىمىز خازان بولمىسۇن ، ئاسمىنىمىز يۇلتۇزسىز قالمىسۇن ، بالىلىرىمىز ئانىسىز بويۇن قىسىپ يۈرمىسۇن ، دەپ ئويلىدىم . چۈنكى ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ۋە ئىمانىي تەربىيەت بىلەن ئانىلىق شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئانىنىڭ بالىلىرى تۇغۇلغان كۈندىن باشلاپ يېتىمدۇر .
ئانىلارنىڭ كىرلەشسە بۆشۈك تەۋرەتكەن پاك قوللىرىدا مىللەت تەۋرەيدۇ . ئاياللارنىڭ قەلبى كىرلەشسە ، بىر مىللەتنى كىر باسىدۇ . مەن چەت ئەلدىكى ئوقۇشنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگىنىمدە رېئاللىقىمىزدىكى نازۇك بىر مەسىلە مېنى ئويغا سالدى . بۇ يەردىكىسىمۇ ھەقىقەتەن مەن كۆرگەن مەرمەر شەھەرلەر ئوخشاش ئاجايىپ تەرەققىيات-ئېگىز – ئېگىز بىنالار ، ئەينەكتەك يوللار … بىراق ، ئوخشىمايدىغىنى بۇ يوللاردا كېتىۋاتقىنى ئۆلۈكتىن پەرقلەنمەيدىغان روھسىز چىرايلار ، يول بويلىرىدا ئاياللارنىڭ ئەرزان پايپاقلىرىنى ، ئىچ كىيىملىرىنى سېتىۋاتقان قەددى – قامەتلىك يىگىتلەر ، كۈندە نەچچە قېتىم ئانىسىنىڭ تاياق – دەشنەملىرى ۋە «دۆت» دەپ تىللاشلىرى ئىچىدە خۇدۈكسىراپ ئۆسۈۋاتقان بالىلار …
ئەرلەرنىڭ بېشى چۈشۈپ ، ئىززەت -ھۆرمىتى تۆۋەنلىگەن ، ئەرلىك سالاھىيىتى ئۆز ئورنىنى تاپمىغان جەمئىيەتتە ئاياللار تەربىيىسى تولىمۇ مۇھىم . ھەممىدىن بىز ئاياللارنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى بار . چۈنكى ، بىز ئەرلەرگە كۈچ ۋە شىجائەت ئاتا قىلغۇچى ، بالىلىرىمىزنى ئىشەنچ ۋە ئەقىل بىلەن چوڭ قىلغۇچى . شۇڭا ، توپا ئاستىدا ياتقان ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ ھاياتى ئارقىلىق تىرىك ئانىلارنى ئويغىتاي دېدىم . دىيارىمىز ۋە چەت ئەلدە ئوقۇغان ئوقۇشۇم ، ئۆگەنگەن ئىلىملىرىم بىلەن بۇ ئاددىي كىتابنى تەييارلاپ خەلقىمگە ئىچىمدىن كۆيەي دېدىم.
كىتابتىكى ھەربىر ۋاراقتا ئاياللار ئۈچۈن ئۆرنەك بولغۇدەك ، ئىسلام تارىخىدىكى يول كۆرسەتكۈچى يۇلتۇزلار بار ، كىتابتىكى ھەر بىر ئايالدا ئەرلەر ئۈچۈن ئاياللىرىغا ، ھەمشىرىلىرىگە ۋە قىزلىرىغا شەرمى – ھايا ، ئىلىم – ئەخلاق ئۆگەتكۈدەك خۇشخۇلۇقلار ، گۈزەل پەزىلەتلەر بار .
بۇ مېنىڭ سوۋغام ، بۇ مېنىڭ ئۈمىدىم ، بۇ مېنىڭ مۇقەددىمە ئورنىدا دېمەكچى بولغىنىم !
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
مەن بۇ كىتابنى (شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ )نى سىتۋالاي دىگەن،نەدىن سىتۋالالايمەن،دەپ بەرگەن بولساڭلار
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. مەن « شەرىق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ » دىگەن كىتاپنى سېتىۋالاي دىگەن ئىدىم. قانداق سېتىۋالىمەن. قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمىدىم.
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالامۇ ،سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=15789120637&
بولىدۇ،باھاسى20.00 تېلفۇن قىلىڭ
شەرق يۇلتۇزىنى ئىزدەپ digen kitapni setiwalay digen, uchur bergen bolsanglar