بۈۋى مەريەم چېركاۋى

بۈۋى مەريەم چېركاۋى

ئاپتورى:ۋىكتور ھيۇگۇ

باھاسى:73.00

2011-يىل7-ئاي1-نەشرى

2011-يىل7-ئاي 1-نەشرى

تىراژى:3000

isbn:9787228142309

سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=17272264499&

كىرىش سۆز

«پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى»نىڭ ئاپتورىۋىكتور ھيۇگۇ (1885-1802) فىرانسىيە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ ئولۇغ يازغۇچىلارنىڭ بىرى ، فرانسىيە رومانىتىزم ئەدەبىيات ھەركىتىنىڭ داھىيسى ، باشقىلارنىڭ ئاتىغىنىدەك «فرانسىيەنىڭ شېكېسپېرى» .ھىيۇگو 1802-يىلى26-فېۋرالدا فىرانسىيەنىڭ بېسانسون دېگەن يېرىدە ئوفېتسېر ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . دادىسىغا  ناپولېئوننىڭ ئاكىسى ،ئىسوانىيە پادىشاھى جوسېف بوناپارت گېنراللىق ئۇنۋانى بەرگەن بولۇپ ، ئۇ پادىشاھنىڭ يېقىن ئەمەلدارى بولغان . ھىيوگۇ بالىلىق چاغلىرىدىلا دادىسىغا ئەگىشىپ ئىتالىيە ، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان .1814-يىلىغا كەلگەندە پارىژدا ئولتۇراقلاشقان .ھيوگۇ كىچىكىدىنلا تالانتلىق ،ئەقىللىق بالا بولغاچقا توققۇز يېشىدىن باشلاپ شېئىر يازغان ،ئون بەش يېشىدا يازغان «كىتاب ئوقۇشنىڭ شادلىقى» فىرانسىيە باكلاۋۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇكاپاتىغا نائىل بولغان .يىگىرمە يېشىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى «مەدھىيە ۋە ژۇرنال» پادىشاھ لۇئى XVIII نىڭ يىللىق پۇلىغا ئېرىشكەن.ئائىلىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى ،ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدە يازغان شېئىرلىرىدا مونارخىزم ۋە روھانىيلىق مەدھىيەلەنگەن. تۇنجى رومانى «ھان ئىسلاند» يازغۇچى نوتىيەنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان . نوتىيە بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق ،ھيوگۇ ئىجادىيەتتە رومانتىزمغا يۈزلىنىپ تەدرىجىي رەۋىشتە رومانتىزىم ئىقىمىنىڭ سەركەردىسى بولۇپ قالغان . ھيوگۇ 1827-يىلى ئۆزى ئىجاد قىلىغان دىراما «كىلونۋېر» غا ئۇزۇن بىر پارچە كىرىش سۆز ، يەنە رومانتىزىملىق ئېقىمنىڭ مەشھۇر ئەدەبىيات – سەنئەت خىتابنامىسىنى يازغان .ئۇ كىرىش سۆزدە چىنلىق ، ياخشىلىق ، گۈزەللىك بىلەن ساختىلىق ، رەزىللىك ، خۇنۇكلۇكنى سېلىشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان .كلاسسىزملىق سەنئەت قاراشلىرىغا قارشى چىقىپ ،رومانتىزىملىق ئەدەبىياتىنىڭ تەشەببۇسلىرىنى تەرغىب قىلغان .كىرىش سۆز فرانسىيە ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىدا مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىگەن . دراما ئوينالمىغان بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭغا يېزىلغان كىرىش سۆز ئەدەبىيات تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ھۆججەتكە ئايلانغان ھەمدە فرانسىيە رومانتىزىملىق ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە غايەت زور رول ئوينىغان .

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قىزلار ئەڭگۈشتەرى قىزلار ئەڭگۈشتەرى
ئۆزلۈك ۋە كىملىك ئۆزلۈك ۋە كىملىك
تەۋەررۈك تەۋەررۈك
ئىنسان قېلىپىدىن چىققان گىتلېر
قاينام  قاينام

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.