فونېتىكا ۋە تىل تەكشۈرۈش
ئاپتورى:خالىق نىياز ، مۇھەببەت قاسىم
باھاسى:0.95
1988-يىل 6-ئاي 1-نەشرى
1988-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
‘Isbn:7563100393
قىسقىچە مەزمۇنى
بۇ كىتاب «فونېتىكا» ۋە «تىل تەكشۈرۈش» تىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپقان .
فونېتىكا قىسمىدا ، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ خاراكتېرى ، تۈرگە بۆلۈنۈشى ، بىرىكىشى ، ئۆزگىرىشى ، ۋە فونېما نەزەرىيىسىگە ئائىت مەزمۇنلار ئۇيغۇر تىلى ۋە باشقا تۈركىي تىللار ، خەنزۇ تىلى ، ئىنگلىز تىلى ، رۇس تىلى قاتارلىق پاكىتلار ئاساسىدا چۈشەندۈرۈلىدۇ . خەلقئارالىق ترانسكرىپسىيە تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ .
تىل تەكشۈرۈش ئەھمىيىتى ، باسقۇچلىرى ، جەريانى باشقىلارنىڭ تىل تەكشۈرۈش تەجرىبىلىرى ۋە ئاپتورلارنىڭ بىۋاسىتە تەجرىبىلىرى ئاساسىدا چۈشەندۈرۈلىدۇ .
بۇ كىتاب مەزكۇر تېمىدا ئۇيغۇر تىلىدا تۇنجى قېتىم بىر قەدەر مۇكەممەل ئىشلەنگەن . ئۇ ئالىي مەكتەپ ئاسپىرانتلىرى ، ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن دەرسلىك بولالايدۇ . بۇ كىتابنى يەنە ياش تىل – يېزىق خادىملىرىنىڭ ، ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش قوللانمىسى قىلىشقىمۇ بولىدۇ .
تىل – يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ، مەيلى ئۇلار ، تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسۇن ، مەيلى تىل – يېزىق ساھەسىدىكى باشقا كەسپىي خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانسۇن ، تىلنىڭ ماددىي پوستى بولغان تىل تاۋۇشلىرى ھەققىدە بەلگىلىك نەزەرىيىۋى بىلىملەرنى ئىگىلىشى زۆرۈر ، بولۇپمۇ تىل تاۋۇشلىرىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش ، ئاڭلاش ، پەرقلەندۈرۈش ، خاتىرىلەش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشى زۆرۈر . بۇ تىل – يېزىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردا ھازىرلىنىشقا تېگىشلىك ماھارەت.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ماڭا مۇشۇ كىتاب بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى (3قىسىم)كىتاب لازىم
09918557911 بۇ نومۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ