ئىلىمگە دالالەت
ئىلىمگە دالالەت
ئاپتورى:فۇزىيۈيجى(ياپونىيە)
تەرجىمان:باباخان ئىسكەندەر
باھاسى:11.00
2008-يىل 7-ئاي1-نەشرى
2008-يىلى 7-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
Isbn:9787105094356
«ئىلىمگە دالالەت» توپلىمىغا كىرىش سۆز
مەن بۇ ئەسەرنى ئوقۇشتىن بوش بولۇپ قالغانلىكى ۋاقىتلىرىمدا يېزىپ پۈتكۈزدۈم . مىڭجىنىڭ 5-يىلى (1872)2-ئېيىدا ئېلان قىلغان بىرىنى ماقالەمدىن مىڭجىنىڭ 9-يىلىنىڭ 11-ئېيىغىچە ئېلان قىلغان 17-ماقالەمگىچە رىسالە شەكلىدە تارقىتىلغان ئەسەرلىرىمنىڭ ئومۇمىي تىراژى تەخمىنەن 7000 مىڭ نۇسخىغا يەتتى ، ئۇنىڭدىن بىرىنچى ماقالىنىڭ تىراژى 200 مىڭ نۇسخىدىن ئاز ئەمەس . بۇرۇن نەشر ھوقۇقى قانۇنىنىڭ قاتتىق بولماسلىقى سەۋەبىدىن تارقىتىلغان يالغان نۇسخىلىرى ناھايىتى كۆپ ، بۇ سانمۇ 100 نەچچە مىڭ نۇسخىدىن ئېشىشى مۇمكىن . ئەگەر بىرىنچى ماقالىنىڭ ھەقىقىي ۋە يالغان نۇسخىلىرىنى جەمئىيلىسەك ، 220 مىڭ نۇسخىغا يېتىدۇ ، بۇنى ياپونىيىنىڭ 35 مىليون ئاھالىسىگە سېلىشتۇرساق ، ھەر كۈنى 160 ئادەمدىن بىرسى بۇ كىتابنى ئوقۇغان بولىدۇ . بۇ قەدىمدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان تىراژ بولۇپ ، بۇنىڭدىن بىلىمنىڭ يېقىندىن بۇيان تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان يۆلىنىشىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
بۇ كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى جىددىي ئېھتىياجىغا دەمال لايىقلىشىش يۈزىسىدىن يېزىلغان ، بەزىلىرى يىراق كەلگۈسى نەزەردە تۇتۇلۇپ يېزىلغان . شۇڭا ، ئالدىراپ – سالدىراپ قەلەم تەۋرىتىلگەنلىكتىن بەزىلىرىنىڭ مەزمۇنى چولتىراق يېزىلىپ قالغان ، بەزىلىرى سەل مۇبالىغىگە ئوخشاپ قالغان ئەھۋاللار ھەممىلا ماقالىدە سادىر بولۇشى مۇمكىن . ئەمدى ئۇلار بىر توپلام قىلىپ چىقىلغاندىن كېيىن پۈتۈن كىتاب بويىچە ئوقۇپ چىقىلسا ، ئۇشتۇمتۇت ئالدى – كەينىنىڭ ئومۇمىي مەقسىتى تۇتاشمايدىغان ھېس تۇغۇلۇشى مۇمكىن ، لېكىن سەل چوڭقۇرراق پىكىر قىلىپ ، جۈملىلەردىن سىرت ئوبدانراق ئوقۇپ لەززەت ئېلىنسا ، پۈتۈن ئەسەرنىڭ ئومۇمىي مەقسىتى بىر – بىرىگە زىت كەلمەيدىغانغانلىقى بايقىلىدۇ .
بۇ كىتاب تارقىتىلغىلى 9 يىل بولدى ، ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار بۇرۇن نەشر قىلىنغان رىسالىنى كۆرگەن بولسىلا ، بۇ توپلامنى قايتا ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، ئەلۋەتتە . بۇ توپلام پەقەت بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەر ئۈچۈنلا تۈزۈلدى ، توپلامنىڭ تۈزۈلۈش ئۆتمۈشى ۋە ئۇسلۇبنى قىسقىچە شۇنچىلىكلا ئىزھار قىلاي .
فۇزىيۈيجى مىڭجىنىڭ 13 يىلى (1880-يىل) 7-ئاي
تەرجىمان ھەققىدە
ئاتاقلىق تەرجىمان باباخان ئىسكەندەر 1931-يىل 10-ئايدا قۇمۇلدا تۇغۇلغان . 1950-يىلى شىنجاڭ ئىنستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى) نىڭ تىل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە قاتناشقان .1979-يىل 12-ئايدا جۇڭگو مىللەتلەر تىل – يېزىق تەرجىمە ئىدارىسىگە يۆتكىلىپ كېلىپ ، پارتىيە – ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم ھۆججەتلىرىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى ئىشلىگەن .
يولداش باباخان ئىسكەندەر ئۆمۈر بويى تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەل – يېزىق تەرجىمە ئىشلىرى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپىسىنى قوشقان . ئۇنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك ، تۆھپىسى زور بولغاچقا ، 1993-يىلى گوۋۇيۈەننىڭ ھۆكۈمەت ئالاھىدە تەمىناتىغا ئېرىشكەن . 2004-يىلى جۇڭگو تەرجىمانلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن نوپۇزلۇق تەرجىمان بولۇپ باھالانغان .
ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ، «ماركىس – ئېنگىلىس ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، «لېنىن ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ، «ماۋ زېدۇڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ، «جۇ ئېنلەي ئەسەرلىرىدىن تاللانما » ، «ماۋزېدۇڭنىڭ خەت – چەكلىرى» ، «چېن يۈەن ماقالىلىرىدىن تاللانما» ، «جۇدې ئەسەرلىرىدىن تاللانما» ، «دېڭ شىياۋپىڭ ماقالىلىرىدىن تاللانما» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش ، تەھرىرلەش ، بېكىتىش خىزمەتلىرىگە قاتناشقان شۇنداقلا «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» ، «سۇ بۇيىدا» نىڭ تەرجىمىسىگە قاتناشقان ، «ماركىسىنى ئەسلەش»، «قەدىمكى جەمئىيەت» ، «جېنىنى قىز» قاتارلىق ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغان .
باباخان ئىسكەندەر كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 2006-يىل 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ۋاپات بولدى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق