چىڭگىزخان
ئاپتورى:ۋ.گ.يان
باھاسى:45.00
2006-يىل 4-ئاي 2-نەشرى
2011-يىل 1-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1001-4000
ISBN: 9787228099061
سالام كىتابخان
قانىتى بولمىسا ، لاچىنمۇ ئاسماندا بىكار ، ئېتى بولمىسا كىشىمۇ يەردە ناكار.
ھەر قانداق ھادىسە سەۋەبسىز بولمايدۇ ، تۈگۈننىڭ ئۇچى تېپىلسا ، ئۇنى يەشكىلى بولىدۇ . كەڭ دۇنيادا توغرا تاشلانغان قەدەم ساياھەتچىنى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكۈزىدۇ ، خاتالىشىش ۋە ئۇنى بىغەملىك بولسا ئۇنى ئۆلۈم قۇچىقىغا ئېلىپ بارىدۇ .
ئەگەر كىشى ۋولقان ئېتىلىپ ئۆز يېزىسىنى ۋەيران قىلۋاتقانلىقىنى ، مەزلۇم خەلقنىڭ زوراۋان ھاكىمغا قارشى قوزغىلىڭىنى ياكى نامەلۇم ۋە باشباشتاق خەلقنىڭ ئۆز ۋەتىگە باستۇرۇپ كىرىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەرنى كۆرسە ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يېزىپ قالدۇرۇشى كېرەك . ئەگەر ئۇ ھېكايە سكزلىرىنى قەلەم ئۇچىدىن تىزىش سەنئىتىدىن خەۋەرسىز بولسا ، ئۆز ئەستىلىكلىرىنى تەجرىبىلىك بىر قەلەمكەشكە سۆزلەپ بېرىشى كېرەك . قەلەمكەش بۇنى ياخشى قەغەزگە يېزىپ ، نەۋرە – چەۋرىلىرىگە قالدۇرسۇن .
ئاجايىپ ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگەن تۇرۇقلۇق بۇ ھەقتە سىر ساقلاپ ئۆتۈپ كەتكەن كىشى ئۆلۈمنىڭ سوغۇق قوللىرى بېشىغا تېگىپ تۇرغان ھالىتىدە خۇددى قىممەتلىك بۇيۇمنى چاپانغا ئوراپ يەرگە كۆمۈۋەتكەن بېخىل ئادەمگە ئوخشايدۇ .
بىراق ، قومۇش قەلىمىنى ئۇچلپ دۈۋەتكە چىلاۋېتىپ ئىككىلىنىپ قالدىم … خەلقلەرنى رەھىمسىز يوسۇندا قىرغان چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ۋەھشىي قوشۇنى توغرىسىدا ھەقىقەتنى سۆزلەپ بېرىش ئۈچۈن ، مېنىڭ سۆز ۋە قۇدرىتىم يېتەمدىكىن ؟ بۇ ۋەھشىيلەرنىڭ شىمالىي سەھرا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ كېلىشى ، بۇ قوشۇننىڭ بېشىدا سېرىق ساقال ھاكىمنىڭ ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈشى جاھىل قوشۇننىڭ ھارماس ئاتلاردا مىڭلىغان كىشىلەرنى خانىۋەيران قىلىپ ماۋەرائۇننەھر ۋە خارەزنبەڭ تىنچ ۋادىلىرىدىن ئۆتۈشى ، ھەر قەدەمدە يېڭى دەھشەتلەرنى تۇغدۇرۇشى شۇنداق مۇدھىش ئىدىكى ، ئادەملەر بىر – بىرلىرىدىن : «بۇ يېنىۋاتقان يېزىلارنىڭ ئىسى بىلەن بىلەن قاپلانغان ئاسماننىڭ يۈزىنى كۆرگىلى بۇلامدىكىن ياكى شۇنىڭ بىلەن دۇنيا تۈگەمدىكىن؟» دەپ سورىشاتتى .
كۆپ كىشىلەر مەندىن چىڭگىزخان ۋە مۇڭغۇللارنىڭ ئېستىلاسى توغرىسىدا بىلگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمدىن بىر نەرسە يېزىپ قالدۇرۇشۇمنى ئىلتىماس قىلىشتى . مەن ىېلى ۋاقىتقىچە ئىككىلىنىپ يۈردۈم … ئەمدى ئىككىلىنىپ يۈرسەم بولمايدۇ ، دېگەن پىكىرغا كەلدىم ، شۇنىڭ ئۈچۈن يەر يۈزىدە بولغان ، پۈتۈن ئىنسانىيەت بېشىدىن كەچۈرگەن ، بولۇپمۇ خارەزمنىڭ بەخىتسىزلىككە دۇچار بولغان دالدىلىرىدا تىنچ مېھنەت قىلىپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ بېشىغا چۈشكەن چوڭ كۈلپەتلەرگە ئوخشاش تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەقەلەرنى تەسۋىرلەشنى قارار قىلدىم .
بەك يىراقلپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ، سۆزۈمنى شۇ يەرردە تۆگىتەي . يازغانلىرىمنىڭ ھەممىسى راست ئىكەنلىكىنى قېرىلارمۇ تەستەقلىشار .
تىرىشچان ۋە چىداملىق كىشىلەر باشلىغان ئىشلىرىنىڭ راھىتىنى كۆرۈشىدۇ ، بىلىم كويىغا چۈشكەن كىشىلەر ئۇنى تاپماي قويۇشمايدۇ ……
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق