يىمىرىلىش

ئاپتورى:مۇھەممەتئېلى ھېلىم

باھاسى:18.00

2006-يىلى 2-ئاي 1-نەشرى

2006-يىلى 2-ئاي 1- بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN:7563120130

ئاپتور ھەققىدە

ياش يازغۇچى مۇھەممەتئېلى ھېلىم 1968-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بورتالا شەھىرىنىڭ تۈگمەنبېشى يېزىسىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1988-يىلى بورتالا ئوبلاستلىق دارىلمۇئەللىمىننىڭ تىل ئەدەبىيات تېخنىكومىنى ، 1996 يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بويىچە تىل – ئەدەبىيات ئالىي تېخنىكومىنى پۈتتۈرگەن ، 1988-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە ئۇتتۇبۇلاق يېزىسىدىكى ھەر قايسى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئىشلىگەن . 2000-يىلىدىن ئېتىبارەن بورتالا شەھەرلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.

ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىر ،نەسر ، ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغاندىن سىرت ، يەنە «سوغۇق تام» ناملىق ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى ، «ئارمان» ، «قانلىق ئىز» قاتارلىق رومانلىرى نەشر قىلىندى . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە مېھىر – ۋاپا ، سۆيگۈ – مۇھەببەت ، ئىنسانىي تۇيغۇنىڭ يىمىرىلىشى ، ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ، مىللىي روھنىڭ خۇنۈكلىشىشى ، ئۆزىنى تونۇشنىڭ ئالىيجانابلىقى ۋە تارىخقا ئىبرەت كۆزى بىلەن قاراپ ئەقىل تېپىش زۆرۈرلۈكى نۇقتىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ . ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ قىممەتلىك بىر تەرىپى شۇكى ، ئۇ پېرسوناژلار خاراكتېرىنى ئىنسان تەبئىيىتىنى ئاساس قىلىپ ئىجادىي پىكىرلىرىدە يورۇتىدۇ ھەم ئوقۇرمەنلەرگە يېڭىچە روھ بەخش ئېتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ كىتابخانلاردا بەلگىلىك تەسىر قوزغاپ ، ئۇلارنىڭ ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى . ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچە .بەدىئىي ماھارەتلىرى مەزكۇر روماندىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .

 

تۈرى :ئۇنۋېرسال | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

يىمىرىلىش يىمىرىلىش
سوغۇق تام سوغۇق تام

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.