«پالنامە» ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى

ئاپتورى:ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ، سۇلايمان ھېلىمنىياز

باھاسى:12.70

2000-يىلى 9-ئاي 1-نەشرى

2000-يىلى 9-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

Isbn:722805850X

كىرىش سۆز

مەزكۇر ئەسەر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ياش دوتسېنتى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان دوتسېنت سۇلايمان ھېلىمنىيازلارنىڭ سېلىشتۇرما تەتقىقات خاراكتېردىكى ئەسىرى بولۇپ ، ئەسەرنىڭ ئەسلىي نامى «ئرق بىتىگ ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى» ئىدى . مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، شۇنداقلا كەڭ كىتابخانىلارغا كىتاب نامىنىڭ ئاسان چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن «ئرق بىتىگ» نى «پالنامە»دەپ ئۆزگەرتتۇق . مەھمۇد قەشقىرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا : Irk قا رەمباللىق ، پالچىلىق دەپ ئىزاھ بېرىلگەنلىكى ، Bitig دېگەنمۇ كۆپچىلىككە ناھايىتى ئايدىڭ بولغان «كىتاب» دېگەن سۆز بولغانلىقى ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى.

«ئرق بىتىگ» مىلادى 9-ئەسىردە تۇرپان دا پۈتۈلگەن قەدىمكى تۈرك – رۇنىك يېزىقىدىكى مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ ، ئەسەر ئۆزىدىكى «تايگۇنتان بۇتخانىسىدىكى راھىبلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن ئېسىك سانغۇن ۋە ئىتەچۇق ئۈچۈن پۈتۈتۈم» دېگەن ئىبارىلەردىن ئەسەرنىڭ ئەينى زاماندىكى قەلىمى ناھايىتى پىشقان بىر كىشىنىڭ قولىدىن چىققانلىقىنى بىلىمىز.

قولىڭىزدىكى بۇ ئەسەر سىتەيىننىڭ دۇنخۇاڭدىن تاپقان نۇسخىسىدىن پايدىلىنىلغان . شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۈتۈشكە ئەرزىيدۇكى ، بۇ ئەسەرنىڭ بۇنىڭدىن باشقا فون لېكوك بىلەن تومسېن ئەپەندى 1904-يىلى تۇرپاندىن تاپقان «تۇرپان نۇسخىسى» مۇ بار . تومسېن 1921-يىلى بۇ ئەسەرنىڭ ترانسكرىپسىيىسىنى خەلقئارادا ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھەر قايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ بۇ ئەسەرنى تەتقىق قىلىش قىزغىنلىقى باشلىنىپ كەتتى . 1980-يىلى تەتقىقاتچى ئېبراھىم مۇتىئى ئەپەندە بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يەشمىسىنى ئېلان قىلدى . مەشھۇر تۈركولوگ تالات تېكىن 1993-يىلى ۋېسبادىندا «ئرق بىگىت» نىڭ مەتنى ، ترانسكرىپسىيىسى ۋە يەشمىسىنى مەخسۇس كىتاب قىلىپ نەشر قىلدۇردى.

«ئرق بىگىت» بىر پال كىتابى بولۇپلا قالماي ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار تۇرمۇشىمىزنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سىڭگەن ھەر قايسى ئەل ئالىملىرى بۇ ئەسەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، پەقەتلا ئەسەر ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ مەدەنىيەتكە ئائىت مەزمۇنلارنى تەتقىق قىلالمىدى ، چۈنكى ئەسەردىكى نۇرغۇن مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ھەتتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇشىغا ھازىرمۇ يېقىن بولغانلىقى ، مەزكۇر كىتاب ئاپتورلىرىنىڭ بۇ ئەسەرنى ھازىرقىدەك ئوڭۇشلۇق يېزىپ چىقالىشىغا سەۋەب بولدى . شۇنى كىتابخانلارغا ئەسكەرتمەكچىمەنكى ، مەزكۇر ئەسەردە ئېلىنغان ترانسكرىپسىيە يەشمىسى ئەسلىي مەتنى بويىچە ئېلىندى ، جۈملە قۇرۇلمىسىغا ۋە بىر قىسىم ئاتالغۇلارغا تېگىلمىگەچكە ، ئوقۇش جەريانىدا جۈملە راۋان ئەمەستەك . بەزى ئاتالغۇلار مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمىگەندەك تۇيۇلىدۇ ، شۇڭا كىتابخانلارنىڭ ۋاقىپ بولۇشىنى سورايمىز.

 

تۈرى :ئۇنۋېرسال | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئەدەبىياتىمىز نېمە دەيدۇ

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.