مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ

مۇھەممەت بېشىر چىڭۋاڭ

ئاپتورى:ئايشەم ئەخمەتھاجى قامىلى

باھاسى:38.00

2009-يىلى 8-ئاي 1-نەشرى

2009-يىلى 8-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

isbn:9787228128211

                                                                              مۇقەددىمە

    قۇياش ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن كۈنلەر ، كېچە بىلەن كۈندۈز تەڭلىشىپ ، بارا – بارا كۈندۈز ئۇزىراشقا باشلىدى . ئىللىقى قۇياش تەپتى بىلەن ساپ ھاۋا ئالەمنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ ، تەبىئەت جانلىنىپ ، دەل – دەرەخلەر ياشىرىشقا باشلىدى . يىراق -يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتكەن قۇشلارمۇ قايتىپ كېلىپ ئوۋا ياساشقا ، ھەر خىل قۇرۇت قوڭغۇز ، ھاشاراتلارمۇ ئۈچكىدىن چىقىشقا باشلىدى .

    قەھرىتان قىشتىن زېرىككەن كىشىلەر يېڭى -يېڭى كىيىملەرنى تىكىشتۈرۈپ ، يېڭى پەسىلنى كۈتۈۋېلىشقا ئالدىراشماقتا . مەھەللە -مەھەللىلەردە باھار پەسلىنى سېغىنىپ مايسا ئۈندۈرۈپ ، قىشىچە نۆۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆپ مەشرەپلىرىمۇ تازا ئەۋجىگە چىقىپ ، بۇ شەھەرگە تەۋە يېزىلارنى قاپلىغان ئاتمىش ئالتە ئېرىقتا لىپمۇلىق سۈزۈك سۇلار ئېقىشقا ، قىرلار ياپيېشىللىققا پۈركىنىپ ئېرىقلاردىكى يالپۇزلار بەرق ئۇرۇشقا باشلىغاندىلا توختىدى . ھويلىلار ، رەستىلەر ، مەسچىت – مەدرىسىلەر پاك – پاكىز تازىلىنىپ ، سۇلار چېچىلماقتا . چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ ، ساقسل – بۇرۇتلىرىنى ياسىتىۋالغان ياغانغان ئەرلەر كۈل رەڭ چامچىلىرى ئۈستىدىن قارا پوتىلىرىنى باغلاپ ، پۇتىغا يېڭى مەسە – كالچلىرىنى كىيىشتى . ئوتتۇرا ياشلىق ئەرلەر بولسا پوزا چاپانلار ئۈستىدىن رەڭدار پوتىلىرىنى باغلاپ ، پوتىسىغا كەشتىلەنگەن غىلاپلىق پىچاقلارنى ئېسىپ ، پۇتىغا كۆندىن تىكىلگەن ئۆتۈكلەرنى كىيىپ يۈرۈشەتتى ….

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئەھمەد يەسسەۋىي  ئەھمەد يەسسەۋىي
ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم) ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى(1-،2-قىسىم)
ياتلىق بولالمىغان قىزلار ياتلىق بولالمىغان قىزلار
تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا تارىخ بېتىنى ۋاراقلىغاندا
ئاشىق - مەشۇقلار ئاشىق – مەشۇقلار

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.