ئەھمەد يەسسەۋىي

باھاسى: 27سوم

مۇئەللىپتىن

كەمىنىنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە شائىر خوجا ئەھمەد يەسسەۋىيگە بېغىشلانغان رومانىم قېرىنداش ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈلۈپتۇ ئۇ ئىش مېنى غايەت سۆيۈندۈردى . تارىخقا نەزەر سالساق ، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ ئەزەل – ئەزەلدىن قانداش ۋە جانداش ئىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولىمىز . بىزنىڭ تىلىمىز ۋە دىلىمىز ئورتاق ، ئەدەبىياتىمىز ، سەنئىتىمىز ، ئۆرۈپ – ئادەتلىرىمىز ، ئەنئەنىلىرىمىز ئۆزئارا چېتىشىپ كەتكەن . شۇ مەنىدىن ئالغاندا خەلقلىرىمىزنىڭ شەيخۇل ماشايىخى بولمىش ئەھمەد يەسسەۋىي ھەزرەتلىرى ھەققىدىكى بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا جاراڭلىشى تەبىئىي ھالدۇر. بۇنداق ئىزگۈ ئىشنى پەقەت قۇتلۇقلىماق لازىمىدۇر.

مەن يازغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەسىرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا ئۆرۈگەن جان پىدالارغا تەھسىن ۋە رەھمەت ئېيتىمەن . ھەمدە بۇ ئەسىرىمنىڭ نەشر قىلىنىشىنى ئارزۇ قىلىپ كۈتىمەن.

سەئدۇللا سىيايىف

2005-يىل 10-ئاپرېل

ئاپتور ھەققىدە

مەن قەدىم تۈركىستان شەھىرىنىڭ شىمالىدا ، قاراتاغ ئېتەكلىرىدىكى قەرناق قىشلاقتا دۇنياغا كەلگەنمەن . ئالىي مەلۇماتنى تاشكەنتتە – ئۇنىۋېرسىتېتتا ئالغان ، كەسپىم ژۇرنالىست.

سەل كەم ئەللىك يىلدىن بېرى قەلەم تەۋرىتىپ كېلىۋاتىمەن. ھازىرچە ھېكايىلەر، پوۋېستلار ، رومان بولۇپ ئوتتۇزغا يېقىن كىتابىم نەشر قىلىندى . ئۇشبۇ رومان يېقىندا يازغان ئەسەرلىرىمنىڭ بىرىدۇر.

ئۈچ پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ، يەتتە نەۋرىنىڭ بوۋىسىمەن . خۇداغا شۈكۈر ، ھېلىھەم قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە يېزىپ تۇرۇۋاتىمەن….

_ سەئدۇللا سىيايېف

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تەرجىمھال, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىڭ ئۆزىڭىزگە جەڭ ئېلان قىلىڭ
ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەس ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەس
ئۇيغۇر يەر ناملىرى ئېتمولوگىيىسى ئۇيغۇر يەر ناملىرى ئېتمولوگىيىسى
ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم(1،2)  ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم(1،2)
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.