ۋىجدان كۆزى

ۋىجدان كۆزى

ئاپتورى:تۇرسۇنجان مۇھەممەت

باھاسى:22سوم

ئىقتىدارلىق يازغۇچى تۇرسۇنجان مۇھەممەت 1965-يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى چېرا ناھىيە گۇلاخمايېزىسىدائۇقۇتقۇچىئائىلىسىدەدۇنياغاكەلگەن .1971-يىلى9-ئايدىن1979-يىلى7-ئايغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1979-ئىلى9-ئايدىن1981-يىلى 9-ئايغىچە چېرا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ،1981-يىل9-ئايدىن 1983-يىل 7-ئايغىچە كېرىيە دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئومۇمىي پەن كەسپىدە ئوقۇپ ،شۇ يىلى خىزمەتكە قاتناشقان .1986-يىل9-ئايدىن1988-يىل 7-ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان .1991-يىلى8-ئايدا «يىڭى قاشتىشى » ژۇرنىلغا يۈتكىلىپ كىلىپ مۇھەرىر بولغان ،ئۇ ھازىر مەزكۇر ژۇرنالنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1987-يىلىدىن باشلانغان بۇلۇپ ، شۇنىڭدىن بۇيان ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 150پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە ئون نەچچە پارچىدىن ئارتۇق ئەدەبىي ئاخبارات ،نەزەرىيىۋى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان .شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، مىللەتلەر نەشرىياتى، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىتەرپىدىن «ھىجران1،2-قىسىم» «جەزىرە»ناملىق رومانلىرى «ئەل ئايىغى بىسىققاندا »،«تۈندىكى پەرىشتە »قاتارلىق ھىكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.قەشقەر ئۇيغۇرنەشرىياتئى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر پوۋېستلىردىن تاللانما » ناملىق يۈرۈشلۈك كىتابىئۇنىڭ يەنە «قىيادىكى ئاي »،«يىڭى تاۋۇس ئەللەيىن »، «بۇ چۈش ئەمەس»،«توزغاق»، قاتارلىق پوۋېست -ھېكايىلىرى خەنزوتىلىغا تەرجىمە قىلىنغان .

 

ئۇنىڭ «جاھاننىڭ ئېتىكى كەڭرى »،«قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى »،«قىيادىكى ئاي»قاتارلىق ئۈچ پوۋېستى ئايرىم -ئايرىم ھالدا «خانتەڭرى مۇكاپاتى»غا،«ئانا قەدرى »،«قۇرۇلتاشىكى كۈنلەر »،«ئەلۋىدا،كىرپىك »،«شەيتانكەرەش»قاتارلىق سەككىز ھىكايە-پوۋېستلىرى خوتەن ۋىلايىتى بۇيىچە مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك ئۇكاپاتقا ئېرىشكەن .«ئاپتونوم رايونلۇق 2-نۆۋەتلىك ياش ياز غۇچىلار مۇكاپاتى »نى باھالاش پالىيىتىدە «ياش يازغۇچىلار تۆھپە مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن .

 

تۇرسۇنجان مۇھەممەت جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ،ئاپتونوم رايونلۇق «12مۇقام»تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى 6-،7-قۇرىلتىيىنىڭ ۋەكىلى . خوتەن ۋەلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ،ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ باش كاتىپى .

 

قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب «ۋىجدان كۆزى » پوۋېستلار توپلىمى مۇئەللىپنىڭ ئۇقۇرمەنلەر ئۈچۈن سۇنغان يەنە بىر سوۋغىسى . ئۇشبۇ كىتابنى ياقتۇرۇپ ئوقۇشىڭىزلارغا تىلەكداشمىز.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

كۈز يامغۇرى  كۈز يامغۇرى
جەزىرە جەزىرە

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.