خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا

باھاسى: 24 سوم

مۇھەررىردىن

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى 1923-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . 1942-يىلى ئۈرۈمچىدە سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ پېداگوگىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ، ئاساسەن مەدەنىيەت مائارىپ سېپىدە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ، مۇدىر، گېزىت-ژۇرناللاردا مۇخبىر ، تەرجىمان ، مەسئۇل مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن . 1981-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان . 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى .

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى 1940-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن . ئۇنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى »،«تارىم بويلىرى»،«ئۆمۈر مەنزىللىرى » ناملىق ئۈچ شېئىرلار توپلىمى، «قەشقەر كېچىسى » ، «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك»، ناملىق داستانلىرى ،«ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» ناملىق تارىخى رومانلىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. بىرمۇنچە شېئىر ، داستانلىرى خەنزۇ ۋە چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان . «قەشقەر كېچىسى » بىلەن «ئويغانغان زېمىن» 1-ۋە 4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى باھالاشتا ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا 40-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ، تىل ، ئەدەبىيات ۋە تارىخ تەتقىقاتىغا كىرىشىپ ، بىر مۇنچە ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يېغىنىدىن كېيىن ، بىر مۇنچە ئالىملار قاتارىدا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىگىمۇ ئىلىم-پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا تېخىمۇ كەڭ زېمىن يارىتىلغان . ئۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى ئىككى بۈيۈك نامايەندە -«تۈركى تىللار دىۋانى » بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تېلىدا نەشرگە تەييارلاشقا مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشقان ‘ بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە ،جۈملىدىن ،ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتى ھەققىدە نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان . ئۇنىڭ ئىلىم -پەن تەتقىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئۈچۈن،1984-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇيىچە ئىلغار پەن – تېخنىكا خادىمى بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى«بۈگۈنكى زامان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مەشھۇر كىشىلىرى قاموسى »، «جۇڭگو ئەدەبىيات -سەنئەتچىلەر تەرجىمىھالى » ، «جۇڭگو ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسىرلىرى كاتالوگى » قاتارلىق قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن . ئۇ ھايات مەزگىلىدە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى بولغان ، ش ئۇ ئا ر ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ، شىنجاڭ «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بۇلغان.

قۇلىڭىزدىكى بۇ كىتابقا ئاپتورنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە يۈرگۈزگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ئىچىدىن 13 پارچە ماقالىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن . بۇ ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ؛ بىر قىسمى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىدا ، ئايرىملىرى مەملىكەت ئىچى ۋە چەت ئەلدە خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يېغىنلىرىدا ئوقۇلۇپ ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن . تاللاپ رەتلەنگەن بۇ ماقالىلەر «قۇتادغۇ بىلىك» ، «تۈركىي تىللار دىۋانى »، شۇنىڭدەك ، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا خېلى يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

 

تۈرى :ئەدەبىي ئەسەرلەر, ئۇيغۇرچە كىتابلار | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

كەچ كۈزدىكى شىۋىرغان كەچ كۈزدىكى شىۋىرغان
回忆阿合买提江 回忆阿合买提江
رۇداكىنىڭ پوئېزىيە ئىجادىيىتىدىكى يۈكسەك ئورنى توغرىسىدا رۇداكىنىڭ پوئېزىيە ئىجادىيىتىدىكى يۈكسەك ئورنى توغرىسىدا
مەمەت ئاۋاق مەمەت ئاۋاق
تۇتىنامە تۇتىنامە

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.