يامغۇرلۇق يەكشەنبە

يامغۇرلۇق يەكشەنبە

ئاپتورى:تۇرسۇن مەخمۇت

باھاسى:32.00

مىللەتلەر نەشرىياتى

2012-يىل6-ئاي1-نەشرى

2012-يىل6-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

Isbn:9787105121335

سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=15341210023&

نەشرىياتتىن

ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبقا ئىگە بىر تۈركۈم ھېكايە ، پوۋېستلىرى بىلەن كىتابخانلارغا تونۇلۇۋاتقان ياش يازغۇچى تۇرسۇن مەخمۇت 1968-يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ باغئېرىق يېزىسىدا تونۇلغان.1990-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن .ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئالىي مەكتەپتە ئقۇۋاتقان چاغدا باشلانغان بولۇپ ،تۇنجى ھېكايىسى«داۋامى قالغان چۈش» 1989-يىلى «يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان .ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەر قايسى گېزىت – ژۇرناللاردا 100پارچىگە يېقىن ھېكايە پوۋېست ،ۋە باشقا ژانېردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان .ئىلگىرى كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم «خان تەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا مۇكاپاتىغا .نەشرىياتىمىز تەرىپىدىن 2009-يىلى 12-ئايدا «تاغامنىڭ شاپتوللىرى» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى ؛2010-يىلى «گۇگۇم»ناملىق رومانى نەشر قىلىنغان .2010-يىلى شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن«پەرىشتە يامغۇرى»ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

تۇرسۇن مەخمۇت ئىزدىنىش روھىغا باي يازغۇچى بولۇپ ،ئەسەر تىلىدىكى يېنىك رېتىم ،بايان ئۇسلۇبىدىكى يېڭىلىق،ئەسەردىكى چوڭقۇر پىكىر ۋە كىتابخانغا قالدۇرغان بوسلۇق قاتارلىقلار ئۇنىڭ ھەر بىر ئەسىرىگە سىڭگەن ئالاھىدىلىك سۈپىتىدە ،ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى باشقا يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغىنىمىزدا دېققىتىمىزنى تارتىدىغىنى بايان تىلىدىكى يېنىك رېتىمدىن مەستخۇش بولغان كىتابخان ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئاجايىپ مەنىلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان پىكىر دۇنياسىغا كىرىپ قالغانلىقىنى سەزمەيلا قالىدۇ.

بۇ قېتىم بىز ئۇنىڭ «يامغۇرلۇق يەكشەنبە» ناملىق رومانى،«قوڭۇر ئاتلىق مەپە»ناملىق پوۋېستلار توپلىمى ،«يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ۋە كىر يۇيىۋاتقان ئەر» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىنى كىتابخانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق .ئىشىنىمىزكى ،بۇ ئەسەرلەر ئەدەبىياتىمىزدا مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئۆزگىچە ئېستېتىك زوق ۋە بەدىئىي تۇيغۇ ئاتا قىلىپ ،ئۇلارنى چوڭقۇر پىكىر دۇنياسىغا باشلايدۇ

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ھېكايە:ئاھ، بىز ئېشەكلەر)تۈركىيە( ھېكايە:ئاھ، بىز ئېشەكلەر)تۈركىيە(
مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم
ۋاپا ۋاپا
ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى ئۇيغۇر مۇقام خەزىنىسى
ئاشىق - مەشۇقلار ئاشىق – مەشۇقلار

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.