ھېكايە:ئاھ، بىز ئېشەكلەر)تۈركىيە(
ئاھ، بىز ئېشەكلەر
ئەزىز نەسىن
تۈۋەندە تۈرۈكچە – ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بېرىلدى
ئېلاۋە: ئەزىز نەسىن 1958-يىلى يازغان «ئاھ، بىز ئېشەكلەر» ناملىق بۇ ھېكايىسىدە، ئۆتكۈر ھەجۋىي تىلى بىلەن تۈرك ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان «قېرى ئېشەك» ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىدۇ. كرىزىس تۇيغۇسى پۈتۈنلەي ئۆلگەن، كۆز ئالدىدىكى خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنىمۇ ئويلىمايدىغان، ئۆزىنىڭ پۈتۈن تۇيغۇلىرىغا ئىشەنمەيلا قالماستىن، بارلىق كۈچى بىلەن ئۆزىنىڭ كۆرۈۋاتقان كۈنىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقىغا ئۆزىنى ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىپ يۈرگەن ۋە پۈتۈن مۇشۇ خىل خاراكتېرى بىلەن ئادەمگە AQ نى ئەسلىتىدىغان بۇ ”قېرى ئېشەك“ ئوبرازى، بىر مەزگىل تۈركىيە جەمئىيتىدە (بولۇپمۇ ئەسەر يېزىلغان 1958-يىللىرى، تۈركىينىڭ دېموكراتىيە مۇساپىسى ئەڭ ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان چاغلار بولغان) غۇلغۇلا قوزغىغان.
ئاھ، بىز ئېشەكلەر. ئاھ، بىز ئېشەكلەر!
ھېكايە
ئەزىز نەسىن
بىز ئېشەك مىللىتى بۇرۇن سىلەر ئىنسانلارغا ئوخشاش سۆزلىيەلەيدىكەنمىز. بىزنىڭمۇ ئۆزىمىزگە خاس بىر تىلىمىز باركەن. تىلىمىز مۇزىكىدەك گۈزەل، يېقىملىق، تاتلىق تىلكەن. شۇنچىلىك گۈزەل ناخشىلارنى ئېيتقانىكەنمىزكى… ئەلۋەتتە، بىز ئېشەك بولغىنىمىز ئۈچۈن سىلەر ئىنسانلاردەك ئەمەس، ئېشەكچە سۆزلەيدىكەنمىز. ئېشەكچە يۇمشاق، يەڭگىل، تاتلىق، باي بىر تىلكەن.
بىز ئېشەك مىللىتى بۇرۇن ھازىرقىدەك ھاڭرىمايدىكەنمىز، ھاڭراش كېيىنكى مەزگىللەردە پەيدا بولغانىكەن.
ھازىر، بىلىسىلەر، پۈتۈن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى، بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى، مۇھەببەت-نەپرىتىمىزنى بىر-بىرىمىزگە ۋە سىلەر ئىنسان خوجىلىرىمىزغا ھاڭراپ ئىپادىلەۋاتىمىز. ھاڭراش دېگەن نېمە؟ ھاڭراش دېگىنىمىز «ھاڭ-ھىھاڭ، ھاڭ… ھى…..» مۇشۇ بىرى ئۇزۇن، بىرى قىسقا ئىككىلا تاۋۇش چىقىرىپ، كەينى-كەينىدىن توۋلاشتۇر… بىزنىڭ ھېلىقى باي تىلىمىزدىن ھازىر قىسقىراپ قىسقىراپ ئاخىرى مۇشۇ ئىككى ھەرپلىك يالغۇز بىرلا سۆز قالدى. بىر بەندە پۈتۈن تۇيغۇلىرىنى بىرلا سۆز بىلەن قانداق ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن!…
قانداق قىلىپ ھېلىقى باي تىل – ئېشەكچە تۈگەشكەن، ئۆلۈك بىر تىلغا ئايلىنىپ، بىز ھاڭرايدىغان بولۇپ قالدۇق، بۇنى بىلگۈڭىز يوقمۇ؟ قىزىقسىڭىز سۆزلەپ بېرەي. قىسقىسى، بىزنىڭ تىلىمىز تۇتۇلۇپ قاپتۇ: قورقۇنچلۇق بىر ۋەقەدە كاللىمىزدىن كېتىپ، تىلىمىز تۇتۇلۇپ، ئېشەكچىنى تامامەن ئۇنتۇپتۇق. شۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پەقەت ھېلىقى ئىككى تاۋۇش بىلەن پۈتۈن ھېس-تۇيغۇلىرىمىزنى ئىپادىلەشكە مەجبۇر بولۇپ كېلىۋېتىپتىمىز.
بۇ، بۇندىن ناھايتى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش.
شۇ ۋاقىتلاردا بىر قېرى ئېشەك بولغانىكەن. بىر كۈنى، ئۇ قېرى ئېشەك يالغۇز دالىدا ئوتلاشقا چىقىپتۇ. ئوتلاۋېتىپ، ئېشەكچە گۈزەل ناخشىلارنى ئوقۇپتۇ… تۇيۇقسىز بىر ھىد كەپتۇ بۇرنىغا، ئەمما ياخشى بىر ھىد ئەمەسمىش، بۆرىنىڭ ھىدى…
قېرى ئېشەك، بېشىنى يۇقىرى كۆتىرىپ، چوڭقۇر-چوقۇر نەپەس ئېلىپ ھاۋانى پۇراپتۇ. ھاۋادىن، گۈپۈلدەپ بۆرە ھىدى كېلىۋاتقۇدەك.
قېرى ئېشەك:
ــ ياق، بۆرە ئەمەس بۇــ … دەپ قويۇپ ئوتلاۋېرىپتۇ.
بۆرە ھىدى بارغانسېرى كۈچىيىپتۇ. دېمەك، بۆرە يېقىنلاۋاتىدۇ. بۆرە يېقىن دېگەنلىك، ئۆلۈم يېقىن دېگەنلىك…
قېرى ئېشەك:
ــ بۆرە ئەمەس، بۆرە ئەمەس… دەپ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرۇپتۇ.
ئەمما بۆرىنىڭ ھىدى دەھشەت كۈچىيىپتۇ. ئېشەك، بىر تەرەپتىن قورققاچ، بىر تەرەپتىن ئۇ يەرلىك ئەمەستەك ئۆز-ئۆزىگە:
– ئىنشائاللاھ بۆرە ئەمەستۇر. بۆرە بۇيەرگە قانداق كېلەلىسۇن، مېنى قانداق تاپالىسۇن؟… دەپتۇ.
مۇشۇنداق دەپ كۆڭلىنى ياساپ تۇرسا، ئەمدى ئاۋازلار ئاڭلىنىشقا باشلاپتۇ. ياخشى ئاۋازلار ئەمەسمىش يەنە، بۆرىنىڭ ئاۋازى…
قېرى ئېشەك ئۇزۇن قۇلاقلىرىنى دىڭ تۇتۇپ تىڭشاپتۇ: ئېنىقلا بۆرىنىڭ ئاۋازى!…
كۆڭلىدە بۆرىنىڭ كېلىشىگە رازى بولمىغاندەك:
– ياق، ياق… بۇ بۆرىنىڭ ئاۋازى ئەمەس، ماڭا شۇنداق ئاڭلىنىپ قالغان گەپ… دەپ ئوتلاۋېرىپتۇ يەنە. ئەمما ئاۋازمۇ يېقىنلاۋەرگۈدەك. ئېشەك يەنە ئۈمىدلىنىپتۇ:
– بۆرە ئەمەس. ياق، بۇ ئاۋاز بۆرىنىڭ ئاۋازى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس!
ئۇ ۋەھىمىلىك ئاۋاز پۈتۈنلەي يېقىنلىشىپتۇ. ئېشەك يەنە ئۆز-ئۆزىگە دەپتۇ:
– مۇمكىن ئەمەس… بۆرە بولمىسۇن ئىلاھىم… بۆرىنىڭ باشقا ئىشى يوقمىكەن بۇ يەرگە كېلىپ…
كۆڭلىدە قورقۇپ تۇرغاچقا، كۆزى ھەر تەرەپتىكەن ئېشەك بىچارىنىڭ. ئاخىرى قورققان ئىشى بېشىغا كەپتۇ: ئۇدۇلىدىكى تاغنىڭ چوققىسىدا تۇمان ئارىسىدا بىر بۆرە…
– ئاھا، – دەپتۇ ئېشەك، – مەن كۆرگەن بۇ نەرسە بۆرە ئەمەس، باشقا بىر نەرسە.
بېشىنى دەرھاللا ئوت-چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا ئاپتۇ.
– ماڭا شۇنداق كۆرۈندى بەلكىم، خىيال بۇ. توغرا، توغرا، خىيالىم بۇ…
بىر ئاز ئۆتۈپلا، ئۆزىگە قاراپ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بۆرىنى كۆرۈپ قورقۇنچى ئېشىپتۇ. ئەمما بۆرىنىڭ كېلىشىنى قەتئىي خالىمىغانلىقتىن، يەنە ئۆزىنى ئالداشقا باشلاپتۇ:
– بۆرە ئەمەس، ئىنشائاللاھ ئەمەس. بۆرىگە باشقا يەر يوقتەك بۇ يەرگە كېلىپ يۈرەمتى؟ كۆزۈم بۇ يېقىندىن ياخشى كۆرمەيۋاتىدۇچۇ شۇڭا…دەرەخلەرنىڭ سايىسىنى بۆرە دەپ قېلىۋاتىمەن…
بۆرە يېقىنلاپ قاپتۇ. ئارىسىدا ئېشەك قەدىمىدە ئۈچ-تۆت يۈز قەدەملا قاپتۇ.
قېرى ئېشەك:
– ۋاي خۇدايىم! بۇ كېلىۋاتقان راستلا بۆرىمىدۇ يا؟ ياق، مۇمكىن ئەمەس، بۆرە بولماسلىقى كېرەك. ئاھ… ياق، ياق، بۆرە ئەمەس… دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.
بۆرە بىلەن ئارىلىقى 50 قەدەم قاپتۇ. ئېشەك يەنە كۆڭلىنى ياساپتۇ:
– ئۇدۇلۇمدا كۆرۈنگەن ئاۋۇ ھايۋان، خۇدايىم بۇيرۇسا بۆرە ئەمەس. توغرىدە، نېمىشقا بۆرە بولسۇن؟… بەلكى تۆگىدۇ، ياكى پىلدۇ، ياكى باشقا بىر نەرسىدۇ… بەلكىم ھېچنېمە ئەمەستۇ. مەنمۇزە، ھەممە نەرسە بۆرە كۆرۈنىدىغان بولۇپ قاپتۇ كۆزۈمگە.
بۆرە جان-جەھلى بىلەن ئېتىلىپ-ئېتىلىپ كېلىۋاتقۇدەك. ئارىلىق بىر نەچچە قەدەملا قالغاندا، قېرى ئېشەك:
– بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، بۇ كېلىۋاتقان بۆرە ئەمەس، شۇنداق، بۆرە ئەمەس، ئەمما مەن بۇ يەردىن ئازراق يىراقلاشسام زىيىنى يوق… دەپتۇ. مېڭىشقا باشلاپتۇ. بېشىنى بۇراپ قارىسا، بۆرە شۆلگىيىنى ئېقىتىپ، توپتوغرا ئۆزىگە ئېتىلىپ كېلىۋاتقۇدەك. ئېشەك بىچارە يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ:
– ئۇلۇغ تەڭرىم، بۇ كېلىۋاتقان نەرسە بۆرە بولغان تەقدىردىمۇ بۆرە بولمىسۇن… بۆرە ئەمەس بۇ، قەتئىي بۆرە ئەمەس، مەن بىكارلا قورقۇۋاتىمەن…
شۇنداق دېگەچ قەدەملىرىنى تېزلىتىپتۇ، كەينىدىنلا كېلىۋاتقان بۆرىنى كۆرۈپ ئاخىرى يۈگۈرۈپتۇ. بۆرىمۇ تاپ بېسىپلا كېلىۋاتقۇدەك. قېرى ئېشەك:
– ھەي، مەن نېمانداق ئەخمەق، -دەپتۇ. – ياۋا مۈشۈكنى بۆرە دەپ قېچىۋاتىمەنا… ياق، بۆرە ئەمەس، ياۋا مۈشۈك…
ئېشەك بىچارە بار كۈچى بىلەن قېچىشقا باشلاپتۇ. قېچىۋېتىپ، كۆڭلىدە شۇنداق دەپتۇ:
– بۆرە بولسىمۇ بۆرە ئەمەس… خۇدايىم بۇيرىسا ئەمەس. ياق، نېمىشقا بۆرە بولسۇن…
ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ بۆرىنىڭ ياۋۇزلارچە چاقناپ تۇرغان قىپقىزىل كۆزلىرىنى كۆرۈپ سەككىز پۇتلاپ قېچىشقا باشلىغان ئېشەك يەنە:
– ئىللا بىللا بۆرە ئەمەس، ئەزبىرايى بۆرە ئەمەس، خۇدا ھەققى… دېگۈدەك.
قېچىپتۇ، قېچىپتۇ… قۇيرۇقىنىڭ ئاستىدا بۆرىنىڭ ئىتتىك-ئىتتىك نەپىسىنى ھېس قىلغان قېرى ئېشەك ئۆز-ئۆزىگە:
باغلىشىمەنكى مەن قۇيرۇقۇمنىڭ ئاستىدا نەپىسىنى تۇيغان بۇ ھايۋاننىڭ بۆرە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس… دەپتۇ.
بۆرىنىڭ ھۆل تۇمشۇقى ساغرىسىغا تەگكەندە، قېرى ئېشەك ھوشىنى يوقاتقۇدەك بولۇپتۇ. كەينىگە بۇرۇلۇپتۇ: بۆرە ئۆزىگە تاشلانغان… بىر قەدەم ئالغۇدەك كۈچى قالمىغان ئېشەك، بۆرىنىڭ دەھشەتلىك كۆزلىرىدىن مىدىرلىيالماس بوپتۇ. بۆرىنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ:
– بۆرە ئەمەس، كارىڭ بولمىسۇن… ئىنشائاللاھ ئەمەس. قانداقىسىگە بۆرە بولسۇن؟… دەپ كېكەشلەپتۇ.
بۆرە ئېشەكنىڭ ساغرىسىغا چاڭگال ساپتۇ. يىقىلىپ چۈشكەن ئېشەك:
– بىلىمەن، بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، سەن بۆرە ئەمەسسەن. مېنىڭ بىلەن ئويناشما. چاقچاق بىلەن خوشۇم يوق مېنىڭ… دەپتۇ.
ئېچىرقاپ كەتكەن بۆرە ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن بىر دەمدىلا يوغان بىر پارچە گۆش يۇلۇۋاپتۇ ئېشەكنىڭ يوتىسىدىن. جان ئاچچىقىدا ئېشەكنىڭ تىلى تۇتۇلۇپتۇ. شۇنچىلىك قورقۇپتۇكى، بىلىدىغان ئېشەكچىسىنى ئۇنتۇپتۇ. بۆرە ئۆزىنىڭ بوينىغا، قورسىقىغا ھۇجۇم قىلىپتۇ. پۈتۈن بەدىنىدىن قانلار دەريادەك ئېقىشقا باشلاپتۇ. ئېشەك شۇ دەقىقىدىلا:
– ھاڭ…… بۆرىكەن…. ھاڭ…….ئۇكەن!…. دەپ ۋارقىراشقا باشلاپتۇ.
بۆرە ئۇنى پارچە-پارچە قىلىۋاتقاندا، تىلى تۇتۇلغان ئېشەك پەقەت:
– ھاڭ…. ئۇ….. ھاڭ….. ھۇ…. دەپ ۋارقىراشقا، ياق، ھاڭراشقا باشلاپتۇ.
بۆرىنىڭ چىشلىرىدا پارچىلىنىۋاتقان ئېشەكنىڭ تاغۇ-تاشلارنى تىترەتكۈدەك نالە-زارىنى پۈتۈن ئېشەك مىللىتى ئاڭلاپتۇ:
– ھاڭ…. ھىھاڭ…. ھاڭ…
شۇ كۈندىن باشلاپ بىز ئېشەك مىللىتى گەپ قىلىشنى، سۆزلەشنى ئۇنتۇپ، ھەربىر ھېس-تۇيغۇ، ئوي-پىكرىمىزنى ھاڭراپ ئىپادىلەشكە باشلاپتۇق. ئۇ قېرى ئېشەك، ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ئۆزىنى ئۆزى ئالداپ، كۆڭلىنى ياساپ يۈرمىگەن بولسىدى، بىزمۇ سۆزلەشنى ئۇنتۇپ كەتمىگەن بولاتتۇق…
ئاھ، بىز ئېشەكلەر، ئاھ، بىز ئېشەك مىللىتى، ئاھ، ھاڭ…. ھاڭ…..
ئاستىدىكى تۈرۈكچە نۇسخىسى
ah biz eşekler
aziz nesin.
biz eşek milleti eskiden, şimdi olduğu gibi anırmazmışız, sonradan anırmaya başlamışız.
şimdi biliyorsunuz, bütün isteklerimizi, duygularımızı, algılarımızı, acılarımızı, sevinçlerimizi, birbirimize ve siz insan efendilerimize anırarak anlatmaya çalışıyoruz.anırmak nedir?“aaaaa-ii, aaaa-ii“ diye arka arkaya bir kalın, bir ince, ağızdan iki uzun heceli ses çıkarmak.anırmak işte bu…bizim o zengin dilimiz, şimdi kala kala, bu iki heceli tek sözcüğü kaldı.bir yaratık bütün duygularını tek sözcükle nasıl anlatabilir?
nasıl olup da o zengin eşekçe ölmüş, ölü bir dil olmuş, sonra biz eşekler anırmaya başlamışız; bunu merak etmiyormusunuz?merak ediyorsanız anlatayım.kısacası, bizim dilimiz tutulmuştu.korkunç bir olayla aklımız başımızdan gidip de, dilimiz tutulunca eşekçeyi tümden unutmuşuz.o günden sonra da yalnız anırarak, iki uzun heceyle bütün duygularımızı anlatmaya çalışmışız.
biz eşeklerin dilimizin tutulması epeyce eski bir olaydır.eski kuşaktan yaşlı bir eşek varmış.birgün, bu eski kuşaktan yaşlı eşek, kırlarda tek başına otlamaktaymış.hem otlat, hem de eşekçe türküler söylermiş.bir ara burnuna bir koku gelmiş; ama güzel bir koku değil, kurt kokusu…
eski kuşaktan eşek, burnunu yukarı dikip, havayı derin derin koklamış.hava, keskin keskin kurt kokuyormuş.
yaşlı eşek,
– yok canım, kurt değildir..diye avunup otlamaya başlamış.kurdun kokusu gittikçe artıyormuş.belli ki kurt yaklaşıyor.kurt yaklaşıyor demek, ölüm geliyor demek….
eski kuşaktan yaşlı eşek,
– kurt değildir, kurt değildir…diye kendini avutmuş.ama kurdun kokusu da gittikçe ağırlaşıyor.yaşlı eşek hem korkuyor, hem de oralı değilmiş gibi görünerek kendi kendine,
– inşallah kurt değildir.kurt buraya nereden gelecek, nereden beni bulacak… diyormuş.
böylece kendi kendini avutmaktayken kulağına sesler gelmeye başlamış.ama güzel ses değil, kurt sesi…yaşlı eşek kulaklarını dikip sesi dinlemiş; evet kurt sesi…
gönlü bir türlü kurdun gelmesine razı olmadığından,
– yok canım, bu ses kurt sesi değil, bana öyle geliyor…der otlamaya devam edermiş.ama ses de gittikçe yaklaşıyor…eski kuşaktan eşek yine avunmuş:
– kurt değildir, hayır kurt sesi olamaz!!
o korkunç sesbüsbütün yaklaşmış.eşek kendi kendine söylenirmiş:
– yok yok..dilerim bu kurt olmasın…kurdun başka işi yok da buraya mı gelecek!..
bir yandan da yüreğini korku saldığından gözü çevresindeymiş.bir de bakmış karşı dağın tepesinde, sisler dumanlar içerisinde bir kurt..
– a- ah, demiş, bu benim gördüğüm kurt değil, başka bir şey…
başını otlara sokmuş.
– bana öyle geldi galiba, hayal gördüm.evet, evet, hayal olacak…
az sonra, çalıların arasından koşan kurdu görünce, korkusu artmış.ama kurdun gelmesini hiç istemediğinden, yine kendini kandırmaya çalışıyormuş:
– kurt değildir, inşallah değildir.başka yer kalmadı da burasını mı buldu gelecek?gözlerim iyi seçmiyor da ondan..çalıların gölgesini kurt sandım.
kurt yaklaşmış.aralarında eşek adımı ile üç-dört yüz adım kalmış.
eski kuşaktan eşek,
– aman tanrım, yoksa bu gelen gerçekten kurt mu?..hayır hayır olamaz.olmamalıdır.ah..yok yok kurt değil..diye inlemeye başlamış.
kurtla aralarında elli adım kalınca, o yine avunuyormuş:
– şu karşımda gördüğüm yaratık kurt değildir inşallah.canım ne diye kurt olsun?belkidevedir, belki fildir, belki de başka bir şey, belki de hiç bir şeydir.ben de her şeyi kurt görmeye başladım.
kurt sırıtarak yaklaşmış, yaklaşmış.aralarında ancak birkaç adım kalınca, yaşlı eşek,
– biliyorum bu gelen kurt değil, evet kurt değil, ama ben şuradan azıcık uzaklaşsam kötü olmaz..demiş.
başlamış yürümeye.başını geri çevirip bakmış, kurt sırıtarak, ağzının suları akrak arkasından geliyor.eski kuşaktan eşek yakarmaya başlamış:
– ulu tanrım, bu gelen kurt bile olsa, kurt olmasın, ne olur..kurt değil canım, ben de boşuboşuna korkuyorum.
böyle deyip adımlarını açmış.kurt da onu izliyormuş.
kart eşek koşmaya başlamış.kurt da onun ardından koşmuş…
eşek,
– ah ben de ne budalayım..yaban kedisini kurt sanıp kaçıyorum.hayır, kurt değil!..
ayaklarının var gücüyle kaçıyor, bi yandan da içinden şöyle geçiriyormuş:
– kurtsa da kurt değildir..inşallah değildir.yok canım niye kurt olsun ki?
başını çevirip arkasına bakmış, kurdun gözleri ışıl ışıl yanıyor.eşek dörtnala kaçar, hem de,
– vallahi de kurt değil, billahi de kurt değil..allah belamı versin ki kurt değil diye söylenirmiş.
eşek kaçmış, kurt kovalamış.kuyruğunun dibinde kurdun kızgın kızgın solumasını duyunca, yaşlı eşek kendi kendine,
– bahse girerim ki bu kurt değil..kuyruk altımda solumalarını duyduğum bu yaratık kurt olamaz..diye söyleniyormuş.
kurdun ıslak burnu, eşeğin apış arasına değince, yaşlı eşek de sıfırı tüketmiş.bir de başını çevirip bakmış, kurt üstüne atıldı atılacak…artık adım atacak gücü kalmayan kart eşek, kurdun sert bakışları altında kımıldayamaz olmuş, oracıkta kalmış.kurdu görmemek için gözlerini yumup,
– kurt değil canım boşver..inşallah değildir.sanki ne diye o olsun ki diye kekelemiş.
kurt, sağ kabasına bir pençe atınca oracığa yıkılan eşek,
– biliyorum, biliyorum sen kurt değilsin.arkamla oynama gıdıklanıyorum.el şakasını da hiç sevmem demiş.
azgın, aç kurt keskin dişleriyle eşeğin sağrısını ısırmış, budundan büyük bir parça koparmış.can acısıyla yere yıkılan eşeğin birden dili tutulmuş.bildiği eşekçeyi korkudan unutmuş.kurt boynuna, gerdanına saldırmış.eşeğin her yanından kanlar fışkırmaya başlamış.işte ancak o zaman eşek,
– aaa kurtmuş..aaa o imiş..aaa o imiş!.diye bağırmaya başlamış.
kurt onu parçalar, o da dili tutulduğundan yalnız,
– aaa o imiş…aaa, oo-ii…aaa-iii…aaa-iii!..diye bağırır inlermiş.
kurdun dişleriyle parçalanan eski kuşaktan eşeğin dağı, taşı inleten sözlerini bütün eşekler duymuşlar:
– aaaa-iii, aaa-iii!…
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق