قىسمەت ئاچىلىدا

قىسمەت ئاچىلىدا

ئاپتورى:ئىلغارجان سادىق

2009 -يىل 6-ئاي 1-نەشرى  

باھاسى:35.00      

     مۇھەررىردىن

ئاپتور ئىلغارجان سادىق -1963يىلى -8ئاينىڭ -12كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان.-1973يىلىدىن-1982يىلىغىچەئۈرۈمچى باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا ۋە تۇلۇق ئۇتتۇرا مەكتەپلەرنى  تاماملىغان.-1982يىلىدىن -1984يىلغىچەئۈرۈمچى شەھەرلىك -20،-28باشلانغۇچ مەكتەپلەردە خەلق ئۇقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن  -1984يىلى »ئۈرۈمچى كەچلىك گىزىتى» ئىدارىسىگە ئورۇنلاشقان. -2001يىلى-9ئايغىچە مەزكۇر گىزىتنىڭ باسما زاۋۇتى،ئېلان بۈلۈمى،باش تەھرىر بۈلۈمى ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈملىرىدە ئەدەبىي مۇھەررىر،تارقىتىش شېركىتىنىڭ مۇئاۋېىن دېرىكتورى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ بۇ جەرياندا ئۆزلىكىدىن ئۇقۇپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىنىڭ ئۇنىۋىرسىتىنىڭ تۇلۇق كۇرۇس دېپلۇمىنى ئالغان. ئىلغارجان سادىق -2001يىلى -9ئايدا »شىنجاڭ ياش-ئۈسمۇرلەر نەشىرياتى» غا يۈتكىلىپ كىلىپ،مۇھەررىر،-2003يىلىدىن ھازىرغا قەدەر«تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.

ئىلغارجان سادىقنىڭ ئىجادىي ھاياتى -1980يىلى-3ئايدا »شىنجاڭ ئۈسمۈرلىرى« گېزتىدە ئېلان قىلىنغان » ئەتىر گۈلگە « ناملىق شئېرى بىلەن باشلانغان.ئۇ ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى مەتبۇئاتلارغا ئككى يۈز پارچىدىن شېئر،ھېكايە، ئوبزور ئېلان قىلغان.ئۇنىڭ » ئاشىقلار سىرى « ، »ئەلۋىدا تۇمانلىق قىرغاق« قاتارلىق شئېرلار توپلاملىرى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ بىر قىسىم شئېرلىرى خەنزو،مۇڭغۇل،ئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمى قىلىنغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ دائىملىق ئەزاسى .

قۇلۇڭىزدىكى بۇ كىتاپ » قىسمەت ئاچىلدا « ناملىق كىتاپ مۇئەللىپنڭ  ئۇقۇرمەنلەر ئۈچۈن سۇنغان تۇنجى رومانى. ئۇشبۇ كىتاپنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىڭىزلارغا تىلەكداشمىز.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

گورىيو بوۋاي گورىيو بوۋاي
ھېكايە:ئاھ، بىز ئېشەكلەر)تۈركىيە( ھېكايە:ئاھ، بىز ئېشەكلەر)تۈركىيە(
ئابدۇقادىر داموللا ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ئابدۇقادىر داموللا ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ
رەزىل يۈرەك  رەزىل يۈرەك
مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم مەن بۇ شەھەردە مۇھەببەت ئۈچۈنلا ياشاپ قالدىم

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.