ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى
ئاپتورى: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
باھاسى:22.00
2002-يىلى 2-ئاي 1-نەشرى
2002-يىل 2-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7228067096
مۇقەددىمە
جۇڭگو ، چەت ئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخى ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا ، ئۇيغۇرلار ئېسىل مىللەت دېگەن خۇلاسىگە كېلىشىڭىز تەبىئىي ، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن بەزى تارىخىي ھادىسىلەر گويا تېپىشماققا ئوخشايدۇ . مەسىلەن:
قەدىمكى زاماندا بۇ زېمىندا ھونلار ، چوڭ ياۋچلار ، ساكلار ، ئېفتالتلار ، چاڭلار ، تۈبۈتلەر ، تۈركلەر ، سىيانپىيلار ، قىتانلار جۇرجانلار ، موڭغۇللار ياشىغان . بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزىسى كىچىكلەپ ، ئاجىزلاپ كەتتى ، بەزىسى تارىخى سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتتى . ئۇيغۇرلار بولسا ، تارىختىكى بوران – چاپقۇندا راۋاج تېپىپ ، زورىيىپ ، شىنجاڭنىڭ ئاساسىي مىللىتىگە ئايلاندى . بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
بۇرۇنقى قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆز دەۋرىدە تۇرپاندىكى سوغدى يېزىقى ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ، خەنزۇ يېزىقى ، سۈرىيە يېزىقى ، سانكىرت يېزىقى ، پارس يېزىقى ، تۈرك يېزىقى ۋە تاڭغۇت يېزىقى بىلەن بۇددا دىنىغا ، مانىي دىنىغا ، نستورىيان دىنىغا ، مەجۇسى دىنىغا ئائىت دىنىي كىتابلارنى تاش مەتبەئەدە نەشر قىلالىغان . بۇنداق ئەھۋال ئۆز زامانىسىدا دۇنيادا كەم ئۇچراپتىكەن . بۇنىڭ سىرى نېمە؟
………………….
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق