سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى

سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى

ئاپتورى:ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن

باھاسى:14.00(سېتىلىش باھاسى:40.00)

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

2000-يىل7-ئاي 1-نەشرى1-بېسىلىشى

تىراژى:3000

isbn:7228058054

ئاپتوردىن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كىتابخان!

بۇ تارىخنىڭ سەۋدالىق يىللىرى يېزىلغان تەئەججۈپنامە. بۇنداق يىللارنى ئاپەت دەپ ئاتىساڭ ئاپەتلىرى تولىمۇ پاجىئەلىك بۇنداق يىللارنى ئامەتلىك دەپ ئاتىساڭ ئۇنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ تەجرىبىلەرنى توپلاپ ، زۇلمەتنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە قوشقان تۆھپىسى ھېكىمەتكە باي قىممەتلىك ئامەت ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ . بۇ ھەقىقەتەن سەۋدالىق يىللىرى ئىدى.سەۋدالىقنىڭ پاجىئەسى ئىچىدە ، سەرسانلىق ئىچىدە كۈتۈلمىگەندە كونا يوشۇرۇن خەزىنىگە ئېرىشىپ قىلىش مۇمكىنچىلىكى نۇرغۇن خەلق چۆچەكلىرىدە ئىسپانلانغانغۇ؟

مەن دانىشمەنلەردىن سەبىي بالىلارىغىچە ئۈركۈگەن ،تېڭىرقىغان ۋە ئەندىشە ۋەھىمىسى ئىچىدە سەۋدالىق روھىيىتىگە ئەسىر بولغان يىللاردا ئۆزۈمنى سەۋدالىقتىن خالىي قىلالمىدىم .بۇ خىل سەۋدالىق ئۇزاق قەرەرلىك ئۇيقۇ شارابىدەك مېنىمۇ ئۇزاق يىللارغىچە مەستلىك ئۇيقۇسىغا غەرق قىلغانىدى . قاباھەتلەرنى ھېس قىلىپ ھېكىمەتلەرنى چۈشىدىم . بىراق ، چۈشىگەنلىرىم سەگەكلىك تەپەككۇرىدىن كۆرە تولاراق سەۋدالىق شىۋىرلاشلىرىغا ئوخشاپ كەتتى . مەن ھۆرمەتلىك كىتابخاندىن مېنى كەچۈرۈشىنى ۋە ساقىينىڭ ئىچۈرگەن شارابىغا تاقابىل تۇرالماسلىقىمنى چوڭقۇر ھېسداشلىق ئىچىدە نەزەرگە ئېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن .

« سەۋدالىق تەئەججۈپنامىسى»كاككۇكنامىدىن باشلىنىپ ، مارجاننامە ، سۇمۇرغىنامە،جاھاننامە ئارقىلىق داۋاملىشىپ نىجاتنامىدە ئاخىرلىشىدۇ .مەن بۇ بەش نامىنى نەشر قىلىش ئويىدا يازمىغانىدىم ، كىشىلەرگە كۆرسىتىشكىمۇ ئەندىشە قىلاتتىم .يەنە نېمىشقىدۇر ئەينى يىللارنىڭ تەپەككۇر ھودۇقۇشلىرىنى جامائەتچىلىككە تاپشۇرغۇم كەلدى . بۇنىڭدىن مەقسىتىم ، زامانداشلىرىمنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ۋە گۆدەك پەرزەنتلەرگە ھەقىقىي يورۇقلۇق ، گۈزەللىك ۋە ياخشىلىقنىڭ قەدىر – قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت.

ئۈرۈمچى

تۈرى :شېئىر-نەسىرلەر | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.