نىزارى داستانلىرى
نىزارى داستانلىرى
مىللەتلەر نەشرىياتى
باھاسى:4.87(سېتىلىش باھاسى:150.00)
يېڭىلىق دەرىجىسى %98
1985-يىل9-ئاي1-نەشرى1-بېسىلىشى
ش ئۇ ئا ر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىنى
يىغىش رەتلەش ۋە نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك
گۇرۇپپىسىنىڭ باشچىلىقىدا نەشرگە تەييارلاندى
نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن
شائىر ئابدۇرەھىم نىزارى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيتى ھەققىدە بىزدە تېخى رەسمىي ، ئەتراپلىق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلغىنى يوق . 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ توپلاش ، رەتلەش ، ۋە نەشر قىلىش توغرىلىق بەزىبىر تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ،ئانچە – مۇنچە ئىشلار قىلىنغان بولسىمۇ ،لېكىن خىلمۇ – خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشكە ئىمكان بولماي كەلگەن ئىدى .يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ، ئىدىيە ئازاتلىقىنىڭ تۈتكىسىدە بەزى يولداشلار بۇ جەھەتتە مەلۇم تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ،نىزارى ئەسەرلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ، مۇكەممەل نۇسخىسى تۇرغۇزۇلمىغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇنى ئىلمىي ئاساستا تولۇق نەشر قىلدۇرۇش ، شۇنداقلا نىزارى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئىشىمۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدى.
بۇ قېتىمش ئۇ ئا ر ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى ئەسەرلىرىنى يىغىش رەتلەش ۋە نەشر قىلىشنى پىلانلاش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى نىزارى داستانلىرىنى رەسمىي نەشر قىلدۇرۇشنى ئكزىنىڭ پىلانىغا كىرگۈزۈپ ، بۇ ۋەزىپىنى بىزگە تاپشۇرغان ئىدى . بىز ماتېرىيال كەمچىل بولغان ئەھۋال ئاستىدا «نىزارى داستانلىرى» ناملىق بۇ كىتابنى نەشرگە تەييارلىدۇق.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق