يورۇڭقاش شادلىقى
يورۇڭقاش شادلىقى
تۈزگۈچىلەر:مىجىت باقى ، تۇرسۇنجان مۇھەممەت
باھاسى:22.00
2011-يىلى 3-ئاي 1-نەشرى
2011-يىل 3-ئاي 1-بېسىلىشى
‘Isbn:9787546914541
كىرىش سۆز
ۋىلايىتىمىز خوتەن پارتىيە مىللىي سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىدا كۈنسېرى ئالغا بېسىپ ، ھەر ساھە ئىسلاردا گۈللەپ – ياشناش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى . دەۋر تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق مەنزىلگە قەدەم قويغان تارىخىي شارائىتتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ، گوۋۇيۈەن شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يېغىنى ئېچىپ ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى دەۋر بۆلگۈچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشى خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى چەكسىز خۇشاللىققا چۆمدۈرۈپ ، گۈزەل ئىستىقبالنى نامايان قىلدى . تەرەققىياتتا كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن قەدىمىي خوتەن دىيارىدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرىنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئۇرغۇپ ، ئۇلارنىڭ دەۋر مېلودىيىسىنى ياڭرىتىش ئىشەنچى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى . ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت قوشۇنىدىكى ھەر مىللەت ئىجادكارلار يۇقىرىنىڭ چاقىرىقىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ ، ۋىلايەتلىك پارتكوم ، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدە گەۋدىلەندۈرۈپ ، خوتەننىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى بۈيۈك ئىشلارغا ئۆز تۆھپىسىنى قوشۇش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى .
خوتەننىڭ ھەر ساھە ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى سېپىدە يېڭى يۈكسىلىش بارلىققا كېلىپ ، خوتەن يېڭى قىياپەت بىلەن جاھانغا نامايان بولماقتا . ۋىلايىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە – ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ، قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىپ ، ساپالىق ، كۆلەملەشكەن ، ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنى بارلىققا كەلدى . ئۇلار «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنى بازا قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئارقىلىق خەلقنى تەربىيىلەپ ، ۋىلايىتىمىزنىڭ ئۈچ مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى . ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىمۇ يىلسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ ، خوتەننىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون دائىرىسىدىلا ئەمەس ،مەملىكەت مىقياسىدىمۇ خېلى كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى .
بىز ھازىرقىدەك يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش ، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنى مەنبە قىلىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ، ژۇرنىلىمىزنىڭ سەھىپىلىرىگە بېرىلگەن تۈرلۈك ئەسەرلەردىن بەھرە ئېلىۋاتقان كىتابخانلارنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن «يورۇڭقاش شادلىقى » ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى نەشرگە تەييارلىدۇق. بۇ توپلامغا «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ۋە جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان بىر قىسىم ھېكايىلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ ، بۇ ئەسەرلەر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ .
ئاخىرىدا بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلگەن ، ھەر جەھەتتىن قوللىغان خوتەن خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ، خەلق سۆيەر رەھبەر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى يولداش مۇھەممەدئىمىن ئەپەندىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز .
خوتەن ۋىلايەتلىك «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈم
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق