جەمئىيەتشۇناسلار نېمە دەيدۇ

زۇلپىقار بارات ئۆزباش

باھاسى:23.00

2011-يىل 10-ئاي 1-نەشرى

2011-يىل 10-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3000

ISBN: 9787228145980

كىرىش سۆز

ئىجتىمائىي پەن ساھەمىزدە جەمئىيەتشۇناسلىق خۇددى پەلسەپە ، پىسخولوگىيە، ئىقتىسادشۇناسلىق ، ئىنسانشۇناسلىق ، سىياسىيشۇناسلىق ، ئېستېتىكا قاتارلىق ئىلىملەرگە ئوخشاشلا ئېچىلمىغان بوز بۇلۇڭ . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتشۇناسلىققا قىزىقىدىغان ۋە بۇساھەدە ئىزدىنىدىغان ئاۋۇۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ پەننىڭ ماھىيىتى ، بارلىققا كېلىش ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ھازىرقى يۈزلىنىشى ھەققىدە سىستېمىلىقراق بىلىم بېرىدىغان ماتېرىياللار بىزدە دېيەرلىك يوق بولۇپ كەلدى . بۇ كىتاب ئەنە شۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش مەقسىتىدە يېزىلدى . بۇنى جەمئىيەتشۇناسلىق نەزەرىيەسى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق تارىخى ھەققىدىكى مۇپەسسەل كىتاب دېيەلمەيمەن . ئەمما ، جەمئىيەتشۇناسلىققا ۋە نەزەرىيەۋى تەپەككۇر يېتىلدۈرۈشكە قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر بۇ كىتابنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن بۇ پەننىڭ ئالاھىدىلىكى ، نەزەرىيە سېستىمىلىرى ۋە بۇ پەندىكى مۇھىم نەزەرىيەچىلەر بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ .

ئاددىي ئېيتقاندا ، جەمئىيەتشۇناسلىق – ئۆزىمىزنى ، ياشاۋاتقان رېئاللىقىمىزنى ۋە بىز قوينىغا ئېلىپ تۇرغان جەمئىيەتنى تونۇشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان پەن بولۇپ ، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان پەلسەپە ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنيانىڭ ماھىيىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىمىز ھەققىدە بىزنى تەپەككۇرغا ئۈندىسە ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئىجتىمائىي سېستىمىلار بىلەن ئىنسان ھەركىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ . جەمئىيەتشۇناسلار ئەمەلىي پاكىتلارنى مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق نەزەرىيەۋى قاراشلارنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ . ماھىيەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا ، بۇ پەن بىر ئىجتىمائىي توپنىڭ شۇ ئىجتىمائىي شارائىتتا قانداق ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ . شېئىر رومان ، پوۋېست ، نەسرلەرنى ئوقۇپ جاھاننىڭ تېپىشماقلىرىغا جاۋاب تاپالماي گاڭگىراپ قالغان ۋاقتىمىزدا ، جەمئىيەتشۇناسلىق بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ .

دۇنيا مىقياسىدىن ئالغاندىمۇ ، جەمئىيەتشۇناسلىق باش بىر پەن ، جەمئىيەتشۇناسلىق ئاتالغۇسى تۇنجى بولۇپ 19-ئەسىردە فرانسىيە جەمئىيەتشۇناس ئاۋگۇست كومت (1798-1857) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەم بارا – بارا پەلسەپىدىن شاخ ئايرىپ چىققان . جۇڭگودا يەن فۇ ، ، گې شۆبۇ قاتارلىق مۇتەپپەككۇرلارنىڭ تەسىرىدە 1914-يىلى شاڭخەيدە لۇجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى تەسىس قىلىنغان . ياپۇنغا قارىشى ئورۇش مەزگىلىدە مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس فەن گۇاڭدەننىڭ يېتەكللىشىدە فېي شىياۋتۇڭ قاتارلىق جەمئىيەتشۇناسلار يېتىشىپ چىققان 1980-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ بۈگۈنكى زامان جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ لايىھەلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى . مەسلەن ، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ سابىق پىروفېسسورى فېي شىياۋتوڭ «پىلانلىق توغۇت سىياسىتى» قاتارلىق ئىجتىمائىي تۈزۈملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى.

تەرەققىيات جەريانىدىن ئالغاندا ، جەمئىيەتشۇناسلىق 19-،20-ئەسىرلەردە ئاساسلىقى فرانسىيە ، ئەنگىلىيە ، گېرمانىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرىدە ۋە ئامېرىكىدا راۋاجلانغان . بۇ ھال پىكىر قىلىش قابىلىيىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ، مەسىلىلەرنى نەزەرىۋىي يۈكسەكلىك نۇقتىسىدىن تونۇش ئىقتىدارىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ياۋروپانىڭ ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە بارلىققا كەلگەن جەمئىيەتنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى ئىلمىي بىلىش تارىخىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشمىزنى تەلەپ ق ىلىدۇ . بۇ ھەرگىزمۇ غەربكە چوقۇنغانلىق ئەمەس ، بەلكى پىكېىي قۇۋۋەتنى ئۆستۈرۈش يولىدا ئالغا كەتكەنلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئالىدىغان بىر جەريان . بۇنىڭدا ، ئاۋۋال مۇشۇ پەندە بارلىققا كەلگەن ئىلمىي بايقاشلارنى ئۆگىنىشىمىز ، ئاندىن ئۆزىمىزگە خاس بىر يولدا ئىزدىنىشىمىز لازىم .

ئەلۋەتتە ، خەلقىمىزدە تەجرىبىدىن ئۆتكەن يەرلىك بىلىم خېلى بار ، ئۇ بىلىملەر خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردىكى ئەقىل – پاراسىتىنىڭ مەھسۇلى بولغاچقا ئىنتايىن قىممەتلىك ، ئەمما زامانىۋى دۇنيانىڭ تېپىشماقلىرىنى چۈشىنىشىمىزدە بۇ بىلىملەر يەنىلا ئاجىر كېلىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىك خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولسىمۇ ، جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ مىللەت ، چېگرا ئايرىمايدىغان تەرەپلىرى جىق . بىز يەر شارىلىشىش ، زامانىۋىلىشىش ، شەھەرلىشىش ، تورلىشىشنىڭ بىر ئجتىمائىي توپنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا تەسىر كۆرسىتىدىغان جەريانلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ، مەۋجۇتلىقىمىز ئۈچۈن ئىستراتېگىيە بەلگىلەشتە ، مۇقەررەركى ، جەمئىيەتشۇناسلىقتىكى ئىلمىي بايقاشلارغا موھتاج بولىمىز .

2009-يىلى 12-ئاي ، ھونولۇلۇ

سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار تۆۋاندىكى ئادىرستىن كىرىڭ!

http://item.taobao.com/item.htm?id=13375205310

 

 

 

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, پەلسەپە | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە: ھونولۇلۇ خىياللىرى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.