بوزدالا
بوزدالا
ئەبەيدۇللا ئىبراھىم
باھاسى:30.00
2006-يىل 4-ئاي 1-نەشرى 1-بېسىلىشى
تىراژى:4000
ISBN: 7105076399
نەشرىياتتىن
ئاتاقلىق شائىر ، يازغۇچى ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ «تۈندىكى چاقماق» ۋە «داغ» رومانلىرىدىن كېيىنكى يەنە بىر مۇۋەپپەققىيەتلىك ئەمگىكى بولغان «بوزدالا» رومانىدا ، مىلادىيە 744-يىلى ئورخۇن دەرياسى ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى تارىخى ، ئىجتىمائىي ، مەدەنىيىتى ۋە بۇ قاغانلىقنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان قۇيۇق سىياسىي ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى توغرا تارىخ قارىشى ئاساسىدا يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئېلىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىنى ، چېگرا رايوننىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ، ئەلنى ئەمىن قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش يولىدىكى تارىخىي كۆرەش ئەمەلىيىتىدىن ئوبرازلىق ئۇچۇرلار بېرىلگەن . شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇقكى ، م ەزكۇر رومان جۇمھورىيىتىمىزنىڭ تۇنجى رەئىسى يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ «ئۇيغۇرلار قەدىمىي ، شۇنداقل نەۋقىران بىر مىللەت . ئۇلار تارىختا ئۆزلىرىنىڭ قۇدرەتلىك خانلىقلىرىنى قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ ، ئىچكىرى ئىقلىم بىلەن قۇيۇق سىياسىي ، ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن . ئۇلار ئېلىمىزنىڭ چېگرا ئامانلىقىنى قوغداپ ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان . تارىختا ، ئۇيغۇر خەلقى يەنە ئوتتۇرا تۈلەڭلىكتىكى سۇلالىلەرنىڭ توپىلاڭنى تىنجىترىشىغا كۆپ قېتىم قوشۇن چىقىرىپ ياردەم، قىلغان » دېگەن يۈكسەك باھاسىنى ئىشەنچىلىك تارىخىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن .
يازغۇچىنىڭ ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئۆگىنىش ، ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولغان بۇ روماندا ، ئاپتور ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىيە 762-يىلىدىن مىلادىيە 795-يىلىغىچە بولغان قىسقىغىنە 30 نەچچە يىللىق ئەگرى – توقاي كەچۈرمۈشلىرىنى تارىخىي ماتېرىيالىزىم مەۋقەسىدە تۇرۇپ ، خېلى مۇكەممەل بەدىئىي قۇرۇلما ، پىشقان نەسرىي تىل ۋە يارقىن بەدىئىي ئوبزورلار ئارقىلىق روشەن ئەكىس ئۈتتۈرۈپ بېرىپ ، تارىخىي چىنلىقنى ئەتراپلىق نامايان قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان .
ھەممىگە ئايانكى،مۇقەددەس ۋەتىنىمىز تۇپرىقىدا ياشاپ كەلگەن ھەر مىللەت خەلقى ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىنى ۋە شانلىق مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتقان . بۇ روماننىڭ نەشر قىلىنىشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېلىز مىللەتلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشقا قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە . ئىشىنىمىزكى ، تارىخىي چىنلىق بىلەن تارىخىي چىنلىق ئاساسىدىكى مۇۋاپىق بەدىئىي توقۇلما ماھىرلىق بىلەن بىر گەۋدە قىلىنغان بۇ تارىخىي رومان ، يېڭى بىر دەۋر ياشلىرى ئۈچۈن كۆڭۈلدىكىدەك بىر ۋەتەنپەرۋەرلىك ئوقۇشلۇقى بولۇپ قالغۇسى .
ئىزدىنىشنىڭ چېكى ۋە ئىجادىي ئەمىگەكنىڭ ئاخىرقى پەللىسى بولمايدۇ . شۇ سەۋەپلىك ، «بوزدالا» رومانىمۇ مۇكەممەللىكتە پەللىگە يەتكەن دەپ ئېيتالمايمىز . شۇڭا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇچانلىقىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ، رومان ۋەقەلىكلىرىنىڭ دەۋر ئارقا ككرۈنۈشىنى زامان ، ماكان تەكشىلىكىگە قويۇپ چىقىشنى ۋە مۇۋاپىق باھا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق