گۈلدۈرماما
گۈلدۈرماما
ئاپتورى:ياقۇپ ئىسمائىل پەيدا
باھاسى:30.00
2009-يىل 12-ئاي 1-نەشرى
2009-يىلى12-ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:1-4000
ISBN:9787228129195
مۇقەددىمە
ئەتراپنى ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىلىرى قاپلىغان ئىلى ۋادىسى شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى . مەيلى گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن ياز ئايلىرى بولسۇن ، مەيلى ئاپئاق قار ئاستىدا سوزۇلۇپ ياتقان قىش ئايلىرى بولسۇن ، ئادەمدە لىرىكىلىق تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى .
تېكەس دەرياسى ، كۈنەس دەرياسى ، قاش دەرياسى شىددەت بىلەن ئېقىپ ، بىر – بىرى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن ئاندىن تىنىچىپ جىمجىت ئاقاتتى . مانا بۇ يىراق – يېقىنغا نامى كەتكەن ئىلى دەرياسى ئىدى .
سالاۋات مۇشۇ ئانا دەريانىڭ يۇقىرىقى ئېقىنى تەرەپتىكى توپتېرەك يېزىسىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولدى . يېزىنىڭ شىمالىدىكى تۆپىلىك ئۈستىدىن پۈتۈن ئەتراپ كۆرۈنۈپ تۇراتتى . تاغ باغرىغا جايلاشقان يېزىنىڭ كەڭ يوللىرى ئۆمۈچۈك تورىدەك بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلغان بولۇپ ، قايسى ئورۇندىكىسى باغ قايسى ئورۇندىكىسى مەكتەپ مەيدانى ، قايسى كوچا قەيەرگە جايلاشقان ، ھەممىنى پەرق ئەتكىلى بۇلاتتى . ئاپئاق ئاقارتىلغان ئۆيلەرنىڭ تاملىرى ، زىرائەتلىرى يىغۋېلىنغان سالا- سالا ئېتىزلار ، ئېڭىزلىقلاردا توپ – تۇپى بىلەن ئوتلاپ يۈرگەن پادىلار ، ئۆگزىلەر ئۈستىدىن تولغىنىپ ھاۋاغا كۆتۈرۈلگەن ئاقۇچ تۈتۈنلەر ، يىراق – يېقىندىن ئاڭلىنىۋاتقان ئىتلارنىڭ ئۈزۈپ – ئۈزۈپ قاۋاشلىرى ، كۈمۈشتەك چاقناپ ئېقىۋاتقان ئىلى دەرياسى بۇ يېزىغا گۈزەللىك ھەم چەكسىز ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىپ تۇراتتى。
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق