ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى
ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيىسى
ئاپتورى:ئابدۇرەھىم ھەبىبۇللا
باھاسى:26.00
1993-يىل 4-ئاي 1-نەشرى
2000-يىل 4-ئاي 2-بېسىلىشى
تىراژى:2500-5500
isbn :7228023226
تەھرىردىن
بىر مىللەتنى توغرا ، ئەتراپلىق چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ئېتنىك مەنبەسىنى ، مىللەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىنى ، مەدەنىيەت ، ئۆرپ – ئادىتىنى ، دىنىي ئېتىقادىنى ، ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تەرەققىيات ، ئۆزگىرىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى بىلىش كېرەك . ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش ، ماتېرىيال توپلاش ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئاپتور بۇ كىتابىدا مەخسۇس ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىي كېلىپ چىقىشى ، ئورنى ، مەدەنىيىتى ، ئەدەبىيات – سەنئىتى ، ئۆرۈپ ئادىتى ، دىنىي ئېتىقادى ، تۇرمۇشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق ۋە تەپسىلىي توختىلىدۇ .
ھەممىمىزگە مەلۇم مەملىكىتىمىز چوڭ ئائىلىسىدىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزىگە خاس تارىخىي ، ئېتنىكىلق ئومۇملۇققا ئىگە قەدىمىي مىللەت . ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى ، ئۆرپ – ئادىتى ، دىنىي ئېتىقادى بار . ئاپتور بۇ كىتابىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق ھالدا بايان قىلىدۇ ، مول ، قىممەتلىك ۋە قىزىقارلىق ماتېرىياللار ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىدۇ .
تۇنجى قېتىم نەشر قىلىنىۋاتقان ، بەلگىلىك ئىلمىي قىممەتكە ئىگە بۇ ئەسەر كىتابخانلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ھەققىدىكى تارىخىي بىلىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىپلا قالماي بەلكى تەتقىقاتچىلارنىڭ ، مىللەتشۇناسلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ قالغۇسى .
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق