پاسىلسىز يۇرتلار(تارىخى رومان)

پاسىلسىز يۇرتلار(تارىخى رومان)

ئاپتورى:ئىسمائىل تۆمۈرى

باھاسى:30.00

شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى

2012-يىل1-ئاي 1-نەشرى

2012-يىل2-ئاي1-بېسىلشى

تىراژى:5000

Isbn:9787228149223

سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=15132498162&

ئاپتوردىن

تۇرپان دىيارىدىكى خەلق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇرەككەپ كەچمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن .يارغولدا مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردە قۇرۇلغان قۇس بەگلىكىدىن تارتىپ تاكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھورىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر بولغان تارىخىي جەرياندا ، بۇ دىياردىكى خەلق سەلتەنەتلىك دەۋرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن .بۈيۈك جۇڭخۇا ئىلىنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمى بولغان شىنجاڭنىڭ تۇرپان ۋادىسىدىكى خەلق شانلىق جۇڭخۇا مەدەنىيىتى خەزىنىسىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغان باي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ،جۈملىدىن قەدىمىي بۇددا دىنى مەدەنىيەت تۈسى قۇيۇق ئەدەبىيات – سەنئەت مۇۋەپپەققىيەتلىرىنى يارىتىپ ،تۇرپاننى دۇنياغا تۇنۇتقان.

ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق،ئون بەشى قاراڭغۇ بولغىنىدەك ،تۇرپان دىيارىدىكى خەلقلەر بەزىدە باياشات ، ئاسايىشلىق كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن بولسا ،گاھىدا ئاجايىپ جاپالىق ، سەرسان – سەرگەردانلىق كۈنلەرنىمۇ باشتىن كەچۈرگەن .مانا بۇلار خەلقىمىز،ئەجدادىمىز بېسىپ ئۆتكەن تارىخى جەريانلاردۇر.خەلقىمىزنىڭ ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن ئىسسىق سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ،بۈگۈنكىدەك ئاسايىشلىق كۈنلەرگە پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېتەكلىشى ئارقىسىدىلا ئېرىشىلگەنلىكىنى ئەۋلادلارغا بەدىئىي شەكىلدە بايان قىلىپ بېرىش- ئاپتورنىڭ كۆڭلىگە پۈككەن مەقسىتىدۇر.

ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە (تەخمىنەن مىلادىيە 856-1338يىللار) تۇرپان دىيارىنىڭ قوچۇ شەھىرى مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ بىرسى بولغان.نىھايەت،18-ئەسىردىن باشلاپ تۇرپان دىيارىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ئاساسەن لۈكچۈن دىيارىغا كۆچتى.بۇنىڭ بىلەن لۈكچۈن دىيارى تۇرپاننىڭ سىياسىي ،ئىقتىساد ،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم بىر تۈگۈنىگە ئايلاندى.18-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ بېشىغا ،جۈملىدىن تۇرپان، لۈكچۈن خەلقلىرىنىڭ بېشىغا خۇددى «يىڭنىنىڭ ئۇچى بىلەن كۆزنىڭ ئېقىغا جىجاپ يازغۇدەك»كەچمىشلەر ،ئازاب – ئوقۇبەتلەر ،سورۇقچىلىقلار كەلگەن.تۇرپان ، پىچان،توقسۇننىڭ خەلقى مىلادىيە 1731-1738-يىللىرى بىر قىسىمى قاراشەھەرگە ،بىر قىسىمى ئاقسۇنىڭ «ئۇچ»(ھازىرقى ئۈچتۇرپان) دېگەن يېرىگە ،يەنە بىر قىسىمى گەنسۇنىڭ گۇاجۇ دېگەن يېرىگە كۆچكەن.بۇنىڭغا ئاساسلىقى جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تىنىمسىز ئېلىپ بارغان پاراكەندىچىلىكلىرى سەۋەب بولغان .تۇرپانلىقلارغا نىسبەتەن گەنسۇنىڭ گۇاجۇ ،يانىغۇلىننىڭ قاراشەھەر،ئاقسۇنىڭ ئۇچ ۋە ئىلى ۋادىلىرى يۇرت – ماكان بولغان .؛ئۇلارنىڭ ئېڭىدا يۇرتلار«پاسىلسىز» بولۇپ قالغان.بۇ ئەسەرگە ئەنە شۇ سەۋەبتىن «پاسىلسىز يۇرتلار» دەپ ماۋزو قويۇلدى.

بۇ روماندا مىلادىيە 1738-يىلى كۈزدە تۇرپان ، لۈكچۈن ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىمىن ۋاڭنىڭ يولباشچىلىقىدا گۇاجۇغا كۆچۈشى ،گۇاجۇدا 24يىل پاناھلىنىپ ،تۇرپان ،لۈكچۈنلەر جۇڭغار توپلاڭچىلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن خالىي بولغاندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇپ ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىش جەريانى تەسۋېرلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي مەزمۇن ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئېيتقاندا ،ئەسەردە چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنىڭ ئۈزۈل – كېسىل تەسەررۇپىغا ئېلىپ ،جۇڭگونى چوڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش جەريانىدا ،شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مىللىرىنى گەۋدە قىلغان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە زور ھەسسە قوشقانلىقى ، خەنزۇ خەلقىنىڭ چېگرا رايونىدىكى مىللەتلەر بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ،ۋەتەننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتە ھارماي – تالماي كۈرەش قىلغانلىقى تەسۋېرلىنىدۇ.مۇشۇ باش تېما ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكى ،مەركەزگە ئىنتىلىپ ،بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشى ، كۈرەشچانلىقى ،جاپا-مۇشەققەتكە بوي ئەگمەيدىغان باتۇرلۇقى نامايان قىلىنىدۇ.

بۇ روماندىكى ۋەقەلىكلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى خانى،يۇڭجېڭ خانى(1723-1735يىللار) چيەنلۇڭ خانى (1736-1795-يىللار)زامانىسىدا يۈز بەرگەن.

مەن مۇشۇ تارىخىي دەۋلەردىكى ، يەنى مىلادىيە(1720-1760يىللار) ئارىلىقىدىكى چوڭ كۆچۈشنى ۋە ئۇنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئەھۋاللارنى لۈكچۈن ۋاڭلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى ئىمىن ۋاڭنى نۇقتا قىلغان ھالدا بەدىئىي تەسۋېرگە ئالدىم.بۇنىڭدا ئەۋلادلار ئەجدادلارنىڭ كەچمىشلىرىنى بىلسۇن ،بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەتسۇن ، دېگەننى كۆزدە تۇتتۇم .ئەسرىم مۇشۇ جەھەتتە ئوقۇرمەنلەرگە ئاز – تولا ئىلھام ، مەدەت ئاتا قىلالىسا ،شۇنداقلا بەدىئىي زوق بېرەلىسە ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھېسابلايمەن.

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى

ئۈرۈمچى

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

رۇداكىنىڭ پوئېزىيە ئىجادىيىتىدىكى يۈكسەك ئورنى توغرىسىدا رۇداكىنىڭ پوئېزىيە ئىجادىيىتىدىكى يۈكسەك ئورنى توغرىسىدا
ئەرنى يەر ئادەم قىلىدۇ ئەرنى يەر ئادەم قىلىدۇ
تۈبۈتلەر ۋە تاڭغۇتلار تۈبۈتلەر ۋە تاڭغۇتلار
海米赛现象”与维吾尔文学“ 海米赛现象”与维吾尔文学“
مۇھاكىمە بايان  مۇھاكىمە بايان

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

    • ئۈمىد
    • 2012-يىلى 09-ئاينىڭ 25-كۈنى 22:13:15

    بۇ كىتابنى ھەقىقەتەن قىزىقىپ سىتىۋالماقچى ئىدىم. بىراق ھازىر خىزمەت ئورنۇم شىنجىن شەھىرىدە. سىلەر بىلەن قانداق ئالاقىلىشىمەن؟ جاۋابىڭلارنى كۈتۈپ:
    شېنجىن شەھىرى باۋئەن رايۇنىدىكى مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ كادىرى

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.