سالچىلار

سالچىلار

ئاپتورى : مەمتىمىن ھوشۇر

خەلق نەشرىياتى

باھاسى: 110.00

سېتىۋېلىش:http://item.taobao.com/item.htm?id=18781243431

روماننىڭ مۇقەددىمىسىدىن پارچە…

بۇيۇك چوققىلارنى بېزەپ كۈمۈشتەك يالتىراپ تۇرغان قېلىن قار – مۇزلار، جىرالاردىن ئوخچۇپ چۈشىۋاتقان سۈپسۈزۈك تاغ سۇلىرى،شۇ سۇلارنى قېنىپ ئىچىپ كۆكلەرگە بوي تارتقان ياپيېشىل ئورمانلار، گۆركىرەپ ئېقىۋاتقان دەريالارنى ياقىلاپ كەتكەن توقايلار، ياۋا گۈللەرگە پۈركەنگەن كەڭ دالا… بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەت بىزگە ئاتا قىلغان ئۇلۇغ بايلىق. ئەڭ ئىپتىدائىي رىۋايەت، ئەڭ قەدىمىي ئەپسانە، ئەڭ گۈزەل رەسىم، شائىرنىڭ ئەڭ يالقۇنلۇق شىئېرلىرىمۇ ئۇلارسىز ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەمەس.
شۇ ئورمان، شۇ دەريا ئېقىنلىرى ئارىسىدا گۈرسۈلدەپ دەسسەپ ئالدىراش يۈرىدىغان، كىيىملىرىنىڭ يىرتىقلىرىدىن مۇسكۇللىرى بۆرتۈپ چىققان، قۇياشنىڭ ئۆتكۈر نۇرى، بوران – چاپقۇنلاردا چىرايلىرى قارىدىغان ئاجايىپ بىر ئادەملەر بار. ئۇ بولسىمۇ سالچىلاردۇر. دەريا، ئورمانلاردىكى ئەڭ قەدىمىي ناخشىلارنى شۇلار ئېيتقان، ۋادىلاردىن قايتقان ئەڭ دەسلەپكى سادالارنى شۇ كىشىلەر ئاڭلىغان، دەريا ياقىلاپ كەتكەن ئەڭ قەدىمىي ئاياغ يوللارنى شۇ كىشىلەر قالدۇرغان… ئۇلار ئۆركەشلەپ تۇرغان شىددەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدا جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ يۈرىدىغان، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان قورقماس تەۋەكۈلچىلەردىن ئىدى. سالچىلار قەدىمدىن ھازىرغىچە ئەۋلادمۇ ئەۋلارد نەچچە ئەسىرلىك مۇساپىنى مۇشەقەتتە بېسىپ ئۆتۈپ، ئىنسانلارنىڭ ياغاچ ماتىرياللىرى بىلەن ئۆي – ماكان قۇرۇپ ياشىشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. شاھلارنىڭ ئوردا-قەسىرلىرى، بايلارنىڭ ساراي-ئايۋانلىرى،ھەيۋەتلىك مەسجىد،ھەشەمەتلىك ئىبادەتخانىلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئاددى ئادەملەر ئېقىتىپ كەلگەن ياغاچلار بىلەن ئۆرە بولغان. ئىلى دەرياسىدىكى سالچىلار تەڭرىتېغىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرىدىن غۇلجا شەھىرىگىچە بولغان نەچچە يۈز كېلومېتىرلىق دەريا ئېقىنلىرىدا نۇرغۇنلىغان قەھىرمانلىق داستانلىرىنى ياراتقان. قىرغاقلار ئۇلارنىڭ خەتەرگە يولۇققان چاغدىكى قەھىرلىك ھۆكۈرەشلىرىنى، توقايلار ئۇلارنىڭ خەتەردىن قۇتۇلغان چاغدىكى شادلىق چۇقانلىرىنى تالاي قېتىم ئاڭلىغان…
تېخى يېقىنقى يىللارغىچە ئىلى دەرياسىدا سالچىلار قاتناپ تۇرغاندى. دەريا ئاراللىرىغا پادا كالىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ئوتلىتىۋاتقان پادىچىلار، دەرياغا قارماق تاشلاپ قويۇپ، خىيالدا ئولتۇرغان بېلىقچىلار، دەريا بويىدىكى توقايلارغا سەيلە – ساياھەتكە چۈشكەن قىز – يىگىتلەر قولىنى پىشانىسىگە سايىۋەن قىلىپ، دەريا دولقۇنلىرىنىڭ ئارىسىدا لەپەڭشىپ ئېقىپ كېلىۋاتقان سالغا قاراپ:«ئەنە…ئەنە، سال كەلدى، سال!» دەپ ھاياجاندا ۋاقىرىشاتتى. ئۇششاق بالىلار قىرغاق بويلاپ سالغا ئەگىشىپ يۈگرىشەتتى. ۋاقىتنىڭ قەدىمى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا يەتكەندە دۆلەت قەدىمىي ئورمان مەنبەلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى. ئورمانلاردىن ياغاچ كېسىش توختىتىلدى. ئەمدى چەكلىك ئورمان مەنبەلىرىنى ئاسىرىمايمۇ بولمايتتى. پەقەت ياغاچ ماتىرياللىرىغا تايىنىپلا ئۆي-ماكان قۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەندى. شۇنىڭ بىلەن ھەيۋەتلىك تاغلار ئارىسىدىن سال بىلەن ياغاچ ئېقىتىپ چىقىش ئىشلىرىغىمۇ خاتىمە بېرىلدى.
سال توختاپ بۈگۈنگىچە نەچچە ئون يىللار ئۆتتى. ئەينى يىللاردىكى پىشقەدەم سالچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئالەمدىن كەتتى. ھايات قالغانلىرىنىڭمۇ ساقاللىرىنى ئاق ئارىلاپ، بەللىرى مۈكچەيدى. دەريا بويلىرىدىكى سالچىلار بېسىپ ئۆتكەن ئاياغ يوللارنى ئوت – چۆپلەر بېسىپ، توقايلاردىكى سالچىلار ياققان گۈلخانلارنىڭ كۈللىرىنى شاماللار ئۇچۇرۇپ بولدى. بارا – بارا ئىنسانلارغا ئاجايىپ خىزمەتلەرنى كۆرسەتكەن سال ۋە سالچىلار ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ، بىر تارىخ، بىر كەسپ، ئوت يۈرەك ئادەملەر ھەققىدىكى بىر داستان ئۇنتۇلۇپ كېتىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقاندەك قىلاتتى… مەن بۇ كىتاپنى ئەنە شۇ سالچىلارنىڭ تۇرمۇشىنى يورۇتۇپ بېرىشكە باغىشلىدىم.

*****************************

ئاجايىپ كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سالچىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھايات ۋەكىللىرى ۋە شۇ ئىشلارغا شاھىد ئادەملەرنىڭ ئىزىنى قوغلىشىپ غۇلجا، توققۇزتارا،تېكەس،موڭغۇلكۈرە، غۇلجا ناھىيەسى ئەتىراپلىرىدا ئىككى – ئۈچ يىل يۈردۈم. پىشقەدەم سالچىلاردىن ئاتۇش بۇيامەتلىك تاش ھاشىم(85 ياش)،قاغىلىقلىق ماخمۇت ئاۋۇت(75ياش)،قەشقەر يېڭىسارلىق ئوبۇل ھەسەن(70 ياش)، ئۈستۈنئاتۇشلۇق ئەبەيدۇللا ناسىر(82ياش)، قەشقەر كوناشەھەرلىك رېھىم مامۇت(78ياش)، ئىمىر ھەسەن ئىسلام (80 ياش)، ئۇزۇن يىل ياغاچ كېسىش بىلەن شۇغۇللانغان ئوسمانجان سىدىق(84ياش)، مارالبېشىلىق داۋۇت ياقۇپ (74 ياش)، كونا سالچى ئىسمايىل پالتا(93ياش)، ئابلىز رېھىم(70 ياش)،قۇربانجان ئىسمايىل (80 ياش)،قەشقەر تازغۇنلۇق سەلەي نەمەت(96 ياش)، ئاتا – بوۋىلىرىدىن تارتىپ سالچىلىق بىلەن ئۆتكەن ئوسمان مۇھەممەت… توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ سابىق ھاكىمى نىياز باقى (80 ياش)، خەلپەم بۇزۇرۇكۋار مازىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى خەلىپىسى پىدا خەلپەمنىڭ ئوغلى نۇرى پىدا، غەربىي تەڭرىتاغ ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ سابىق رەھبىرى تۇداخۇن مۇھەممەت، ئابدۇرېشىت ئابدۇقادىر، تاشسامىيۈزلۈك پىشقەدەم مائارىپچى ئابدۇقېيۇم ئەپەندى، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ پىشقەدەم رەھبەرلىرىدىن بىرى روزى تاران،قاپچىغاينىڭ ئىلگىركى مائارىپچىلىرىدىن بىرى سۇلتان قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئۇچىراشتىم. بۇ پىشقەدەم سالچىلار ۋە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر مېنى كۆپلىگەن قىممەتلىك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلىدى.
كونا سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەينى يىللاردا ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ، مۇز داۋاننى ئاتلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا چىققان ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ئەتىراپلىق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ئاقسۇ جامدىن موڭغۇلكۈرە شوتىغىچە سوزۇلغان قەدىمي يولنى كۆرۈش زۆرۈر ئىدى. ياش ۋاقىتلىرىدىن تارتىپ ئۇلاغچىلىق قىلىپ مۇز داۋاندىن كۆپ قېتىم ئۆتكەن ئەسلى كۇچالىق ئابلىمىت ماخمۇت ھاجىم، موڭغۇلكۈرە شوتىدىكى مۇھەممەت ساقچى،ئابابەكرى، ئاقسۇ جامدىكى روزى ئەيسا، ئونسۇ ناھىيە بازىردىكى تۇردى تۆمۈر، مۇز داۋان يولىدىكى قەدىمىي ئۆتەڭ «تىكەنقورۇق» يېزىسىدىكى ياسىن ھاشىم قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مۇز داۋان، كارۋان يوللىرى ۋە قەدىمىي ئۆتەڭلەر ھەققىدىكى بايانلىرىنى ئاڭلىدىم.

…………………………………………..

ئەسەرنى كىتاپخانلارغا ياققۇدەك قىلىپ يېزىپ چىقالىدىممۇ يوق؟ بىلمەيمەن. بۇ كىتاپتا سۆزلەنگەن ئىشلارنى راست دىسىڭىز راست، چۈنكى ئۇ ئىشلارنىڭ بەزى شاھىدلىرى ھېلىمۇ ھايات. يازغۇچىنىڭ بەدىئىي توقۇلمىسى دىسىڭىز ئۇمۇ يالغان ئەمەس، چۈنكى مەن ئۆز قەلىمىم بىلەن ياراتقان بىرنەچچە پىرسۇناژلارنىڭ ئۈستىگە سالچىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىش – ئىزلىرى ۋە مۇرەككەپ خاراكتىرىنى يۈكلىدىم…

روماننىڭ مۇندەرىجىسى

1- قىسىم مۇزات يولىدا

بىرىنچى باپ: ئوغۇل ئۆيلەشنىڭ قىزىق شەرتى
ئىككىنچى باپ: قاچ، بالام
ئۈچۈنچى باپ: ھەزرەت سەيلىسى
تۆتىنچى باپ: سەمەت نوچى
بەشىنچى باپ: ئىلىغا كېتەي
ئالتىنچى باپ: ئۆمەر مەدداھ
يەتتىنچى باپ: ئىلىدىكى تۆت مازار
سەككىزىنچى باپ: سىرلىق چاپچال مازار
توققۇزۇنچى باپ: ھۈسەن بايۋەتچە
ئونىنچى باپ: شەيتان
ئون بىرىنچى باپ: دەرەخ كەسمە
ئون ئىككىنچى باپ: جامدا
ئون ئۈچۈنچى باپ: مانا بۇ قورغان
ئون تۆتىنچى باپ: قىمار

2-قىسىم مۇز داۋان

ئون بەشىنچى باپ: خاتىرىلەر
ئون ئالتىنچى باپ: قاغىلار
ئون يەتتىنچى باپ: تامغاتاشتا تۇمان
ئون سەككىزىنچى باپ: مۇز داۋاندا بازار
ئون توققۇزىنچى باپ: پەلەك
يىگىرمىنچى باپ: چۈش
يىگىرمە بىرىنچى باپ: شىپالىق
يىگىرمە ئىككىنچى باپ: قۇدۇق
يىگىرمە ئۈچۈنچى باپ: توغراسۇدا
يىگىرمە تۆتىنچى باپ: نەزەر تەككەن زىمىن
يىگىرمە بەشىنچى باپ: ئالا بايتالنىڭ دېڭى
يىگىرمە ئالتىنچى باپ: شوتا
يىگىرمە يەتتىنچى باپ: قۇۋاننىڭ غېمى
يىگىرمە سەككىزىنچى باپ: قاراكۆلدە

 

مەنبە:مىسرانىم تورى

 

تۈرى :ئەدەبىي ئەسەرلەر, ئۇيغۇرچە كىتابلار, رومان | خەتكۈچ :

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

مەمتىمىن ھوشۇر

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.