قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان

قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان

ئاپتورى:ۋېي لياڭتاۋ

باھاسى:17.00

2000-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى

2000-يىلى 12-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-4000

ISBN:7537308365

كىرىش سۆز

غەربكە كۆچكەن قەدىمكى ئۇيغۇرلار مىلادىيە 840-يىلى 1212-يىللىرى ئەسلىي تاڭ سۇلالىسىنىڭ بېشىبالىق ۋە ئەنشى قورۇقچىبەگ تۇتۇق مەھكىمىسىگە تەۋە جايلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ، يەنى ھازىرقى ئېلىمىز شىنجاڭ رايونىنىڭ شىمالىي قىسمى ۋە جەنۇبى قىسمى بىلەن شىمالىي قىسمى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرغىزىستان ، تاجىكىستان ، قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىنى ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقىي يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايوندا بىر قۇدرەتلىك سۇلالە  – قاراخانىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان . بۇ سۇلالە 372 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بولۇپ ، ئېلىمىزدىكى ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان ئىككىنچى سۇلالە ئىدى .

قاراخانىيلار سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن دەۋر بولۇپ ، بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار ۋە بەزى تۈركىي كۆچمەن قەبىلىلەر كۆچمەنلىك تۇرمۇشىدىن ئولتۇراقلاشقان دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قۇيۇشىقا باشلىغان ھەم بۇ ئۆتكۈنچى دەۋرنى تاماملىغان ئىدى . ئۆتكۈنچى دەۋرنىڭ تاماملىنىشىغا ئەگىشىپ ، فېئوداللىق تۈزۈم ئۇتتۇرا ئاسىيا  رايونىدا ئومۇمىيۈزلۈپ ئورنىتىلدى . قاراخانىيلار سۇلالىسى قوللانغان بەزى سىياسەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇئەييەن رول ئوينىدى ، بۇنىڭ بىلەن  فېئوداللىق  ئىقتىسادىي تۈزۈ تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى ، قالدۇق جامائە تۈزۈمى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى ، ئەسلىدىكى ئۇرۇق ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ «دېھقان» يەر مۈلۈكچىلىكى ئورنىنى «مىركا» يەر مۈلۈكچىلىكى ئىگلىدى . بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي شارائىتتا بىر خىل ئىلغارلىق ئىدى . قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ باج – سېلىق ۋە ئالۋان – ياساقلىرى ئىلگىرىكى ھەم كېيىنكى سۇلالىلەرنىڭكىدىن يەڭگىلرەك بولۇپ ، ئەمگەكچى خەلقنىڭ سېلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە يەڭگىللەتكەن ئىدى . شۇڭا، قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا مىسلىسىز گۈللەنگەن ئىدى . سودا – سانائەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ ، شەھەرلەرنىڭ كۆلىمى كېڭىيىپلا قالماي ، بەلكى بىر تۈركۈم يېڭى شەھەرلەر بەرپا قىلىندى ، بولۇپمۇ يەتتەسۇ رايونىدا بىناكارلىق زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ ، بۇخارا ، سەمەرقەند ، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە بىر تۈركۈم ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەر بىنا قىلندى ، ئۇنىڭ بەزىلىرى ھازىرغا قەدەر ياخشى ساقلانماقتا ۋە قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى پارلاق ماددى مەدەنىيەتنى نامايان قىلماقتا .

قاراخانىيلار سۇلالىسى دەئۋرىدە كۆپلىگەن تۈركىي كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا يەرلىك مىللەتلىرىنىڭ تۈركلىشىش جەريانى تېزلەشتى ؛ شۇنداقلا قاراخانىيلار سۇلالىسى ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغانلىقتىن ، كەڭ كۆچمەن چارۋىچى ئىئەلقلەرمۇ دىنىي جەھەتتە ئىسلاملاشتى ، ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئاساسىدا ، مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ياتلىشىشى ۋە سىڭىشىشى جەريانىدا ، پەن – مەدەنىيەتمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلىپ بىر خىل يېڭى مەدەنىيەت ، يەنى ئىسلام – تۈرك مەدەنىيىتى شەكىللەندى . بۇ سۇلالىدە ھۆكۈمران مىللەت ھېسابلانغان ، قەدىمىي مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بۇ يېڭى مەدەنىيەتنىڭ يادروسى بولدى . بۇ دەۋردە مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە ئەسەرلەر ، مەسىلەن مەھمۇد قەشقەرى ۋە ئۇنىڭ قامۇس خاراكتېرلىق ئەسىرى      «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانى بارلىققا كەلدى . بۇ ئىككى مەشھۇر ئەسەر تىلشۇناسلىق ۋە پەلسەپىگە ئائىت مۇھىم ئەسەر ، مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەر بولۇپلا قالماستىن ، بەلىكى مۇشۇ دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي تۈزۈمى ، سىياسىي تۈزۈمى ، ئەخلاق قارىشى ۋە ۋە تەبئىي پەن تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ . بۇ ئەسەلەر ئېلىمىزنىڭ ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرى ، دۇنيا مەدەنىيىتىدىكى گۆھەر ، ئۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكە رەڭگارەڭ مەدەنىيىتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىپ بەردى .

قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۆزلىرىنى

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان
قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان قاراخانىيلار تارىخىدىن بايان

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.