ئابدۇقادىر جالالىدىن شۇنداق دېگەن
ئابدۇقادىر جالالىدىن شۇنداق دېگەن
تۈزگۈچى: كامىل قېيوم
باھاسى:18.00
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
2011-يىل12ئاي 1-نەشرى
2012-يىلى 3ئاي 1-بېسىلىشى
تىراژى:10100
isbn:9787537247511
سېتىۋېلىش ئادرىسى:http://item.taobao.com/item.htm?id=14523418717
نەشرىياتتىن
كىتاب ئوقۇش ئاممىۋىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم بىر مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ . كىتاب ئوقۇشنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى بىر دەۋر ئادەملىرى ، جۈملىدىن بىر مىللەت كىشىلىرىنىڭ ساپاسىنى چۈشىنىشتىكى كۆزنەك . بىر مىللەت ياكى بىر دەۋر مەدەنىيىتىنڭ تەرەققىياتى ئاپتورلار قوشۇنىنىڭ كۆلىمى ۋە سەۋىيەسى ، نەشر بويۇملىرىنىڭ مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي ، يەنە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، مەسئۇلىيەتلىك ئوقۇرمەنلەر توپى سۈپەتلىك ئاپتورلارنىڭ شەكىللىنىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان تۈرتكە.
پەيزاۋاتتىكى دېھقان يىگىت كامىل قېيۇم ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى قېتىرقىنىپ ئوقۇپ ئەسەردىكى ئەقىلىيەلەرنى ، بەدىئىيىلىك تۈسى قويۇق ئېيتىملارنى تاللاپ ، كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىپتۇ . ئۇنىڭدىن بۇ ئوقۇرمەننىڭ كىتاب ئوقۇشقا بولغان ئىخلاسى ، بىلىمگە بولغان تەشنالىقى ، جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشقا بولغان كۆزىتىشىنى كۆرگىلى بولىدۇ . چۈنكى ،تاللاش ئۆز نۆۋىتىدە بىر خىل ئىجدىي پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ھازىر ئوقۇرمەنلىرىمىزدە ئافورىزىم (ئەقلىيە) غا بولغان قىزىقىش پەيدا بولۇپ مەتبۇئاتلاردا ئافورىزىم ئىجادىيىتى ئۈچۈن بەلگۈلۈك سەھىپىلەر ئاجرىتىلىۋاتىدۇ . بۇ ناھايىتى ياخشى ئەھۋال . ئافورىزىم تۇرمۇش ساۋاقلىرى ئىخچام ئىبارىلەرگە قېتىپ ئىشلەنگەن ئىبرەت كاپسولى بولۇپ ، سۆز سەنئىتىنىڭ ئالاھىدە بىر تۈرى . ئۇنى كۈندىلىك نوتۇق ، يېزىقچىلىق ۋە تەتقىقاتلاردا ئىشلىتىپ ئىپادىلەشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ . ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ بەلگۈلۈك زېھىن تەلەپ قىلىدىغان يازمىلىرى بىر دېھقان يىگىت تەرىپىدىن غەلۋىرگە ئېلىنىپ ، بىر چەش ياسىلىپتۇ . ئوقۇرمەنلەرنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش نەشر ئەپكارلىرىنىڭ بىر ۋەزىپىسى . يېزا مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتا ئاساسىي قاتلامدىكى ياشلارنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى ئۆستۈرۈش ، بىلىم ۋە ئۇچۇرغا بولغان زوقىنى ئاشۇرۇش تۇتۇش قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرىدۇر . بىز كامىل قېيۇم ۋە شۇنىڭدەك ياشلارنىڭ مەدەنىيەتكە بولغان ئىشتىياقىغا ئىلھام بېرىشنى كۆزدە تۇتۇپ «ئابدۇقادىر جالالىدىن شۇنداق دېگەن»ناملىق كىتابنى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە سۇنۇشنى لايىق تاپتۇق .
ئاساسىي قاتلام كىشىلىرىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىستېمالىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمەتلىرىمىزنىڭ مۇھىم بىر تۈگۈنى . بۇ تۈگۈن ياخشى ھەل بولسا زىيالىيلىرىمىزدىكى يۇمشاق كۈچ ئەۋزەللىكى جارى قىلىنغان بولىدۇ.
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
-
2012-يىلى 05-ئاينىڭ 19-كۈنى 22:12:40نەقىل مەنبەسى :ئابدۇقادىر جالالىدىن شۇنداق دېگەن « بىرھون
رەخمەت كۆردۈم ھەم سىزنىمۇ ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم