سەمەندەر

سەمەندەر

مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى

                                                                                                                  نەشرىياتتىن

مۇھەممەد ئەھمەد چوپانى1962 -يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چوپان يېزىسى شەيخلا كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە تۇغۇلغان،1979-يىلى يېزىلىق تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ،1999-يىلىغىچە باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان،1999-يىلىدىن ھازىرغىچە قاغىلىق ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشتە ئىشلەپ كەلمەكتە.

      ئۇ  1984-يىلى «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان

 «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ»ناملىق تۇنجى ھېكايىسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن .شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 200پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى،40 پارچە ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان.«ساماۋى قەلئە»،«ئاخىرقى تەبەسسۇم» ناملىق  پوۋېست- ھېكايىلەر توپلاملىرى،«ياغاچ مېدال» ناملىق تارىخى رومانى نەشر قىلىنغان.

ئاپتورنىڭ »سەمەندەر«.ناملىق بۇ تارىخى رومانىدا1946 -1945 زەرەپشان،خالاستان بۇيلىرىدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارىشى ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئىخچام، تەسىرلىك بايان قىلىنغان بولۇپ ،پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسى،ئىدىيىۋى ھېسسىياتى گۈزەل تىللار ئارقىلىق ناھايىتى چىن ۋە ئىنچىكە تەسۋېرلەنگەن.روماننىڭ ۋەقەلىك تۇقۇنۇشى ئۆتكۈر،پېرسوناژلارنىڭ ھىس-تۇيغۇ زىددىيىتى ئىنتايىن كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھاياتلىق،مۇھەببەت،نىكاھ،ھۆرلۈك-ئازادلىق،دوستلۇق ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى پەلسەپىۋى پىكىرلەر ئارقىلىق بىر قەدەر مۇكەممەل شەرھلەنگەن.روماننىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى،تىل-ئىپادىسى،جۈملە قۇرۇلمىسى،ئىپادىلەش ئۇسلۇبى تۇلىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ،ھېس-تۇيغۇ ئوقچۇپ تۇرىدۇ. ئىككىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان بۇ تۇنجى لىرىك رومان سىزگە چوڭقۇر بەدىئىي زوق بېغىشلاپلا قالماستىن،روماندىكى پېرسوناژلارنىڭ قەيسەرانە كۈرەش روھى سىزدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇرىدۇ.

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, تارىخ -مەدەنىيەت | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

قۇتادغۇ بىلىگ  قۇتادغۇ بىلىگ
خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ 300 يىللىق ئۇرۇشى خەن سۇلالىسى بىلەن ھۇنلارنىڭ 300 يىللىق ئۇرۇشى
مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى مەمتىمىن ھوشۇر ئەسەرلىرى
ئۆلۈك - تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلۈك – تىرىكنىڭ ئارىلىقىدا
ئاۋرال شاماللىرى  ئاۋرال شاماللىرى

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.