يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى
يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى
تەرجىمە قىلغۇچىلار:پاتىگۈل ئەخمەت،سادىق ئابلا ، ئابدۇجېلىل .ئابدۇخېلىل
باھاسى:22.00
2001-يىلى 12-ئاي 1-نەشرى
2001-يىلى12-ئاي1-بېسىلىشى
تىراژى:1-3000
ISBN:7228067606
تەرجىماندىن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن .
ئەلۋەتتە ، ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ باھانە – سەۋەبى بولىدۇ ، قولىڭىزدىكى «يەھۇدىيلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخى» ناملىق بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىشىمىزغا ئۆزىمىزنىڭ يەھۇدىيلار تارىخىغا بولغان قىزىقىشىمىز ، خەلقىمىزنىڭ يەھۇدىيلار ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ يۈزەكىلىكى قاتارلىق ئامىللار سەۋەب بولغاندىن تاشقىرى ، مۇھىمى ، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش» ناملىق ئېسىل ماقالىسىدىكى «ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت» قارىشى زور تۈرتكە بولدى ، ئالىم ماقالىسىدە مۇنداق دەپ يازغانىدى :
ئېيتىش كېرەككى ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ، مەيلى تۇغۇلما قابىل ياكى ساھىبجامال بولسۇن ، مەيلى ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىيون ياكى جامائەت ئەربابى بولسۇن ، مەيلى ئۇ ئىقتىساد ياكى ئىلىم – سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسۇن ، ئۇنىڭ كامالەت ياكى مەئىشەت دەرىجىسى ، شەخسى ئىززىتى ۋە رىقابەت كۈچى ، بەختى ۋە تەقدىر – قىسمەتلىرى ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭ شەخسى ئىرادىسى ياكى مۇناسىۋەت ئەۋزەللىكى تەرىپىدىن ئەمەس ، بەلكى ئۇ ھالقىپ – قاڭقىپ چىقىپ كېتەلمەيدىغان ، ئۇ تەۋە ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي ھالەت چەمبىرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ . مانا بۇ شەخس تەقدىرىنىڭ مىللەت ھالىتىگە بېقىنىش قانۇنىدۇر .
ھازىرقى دۇنيا مىللەتلىرىنى ئۇلارنىڭ مەلىكە – كامالەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈش مۇمكىن . ئۇلار : «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت»، «ئىجتىمائىي مىللەت» ۋە «سىياسىي مىللەت» تىن ئىبارەت.
«ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» دېگەندە ، ئومۇمەن مىللەتشۇناسلىق شەرتلىرى بۇيىچە ئۆلچىگەندە ، مىللەتلىك شەرتلىرى تولغان مىللەتنى نەزەردە تۇتىمىز . ئۇيغۇرلار ئۆز تىل – يېزىقى ، تارىخى ، فولكلور بايلىقى ، مائارىپ سىستېمىسى ، مۇقام -مەشرەپ خەزىنىسى ، كلاسسىك ۋە يېڭى زامان ئەدەبىياتى ، توي – تۆكۈن ۋە ئۆلۈم – يېتىم يوسۇنلىرى ، مىللىي مەدەنىيەت ئىرسىيىتى بولغان تىپىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتلىكى سۆزسىز . ئۇلاردىكى كۆپلىگەن ئىپتىخارلىق خاسىيەتلەر بىلەن بىر قاتار ئىللەتلەر ،دەل مۇشۇ مۇقامغا يەتكەنلىك ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتەلمىگەنلىك بىلەن توغرا تاناسىپتۇر . كۆپ ھاللاردا ئۇلار مىللەتنىڭ ئىپتىخارى ۋە ئار – نومۇسىغا چېتىلىدىغان نەرسىلەرگە كۈچلۈك غەزەپ – نەپرەت ئىپادىلىسىمۇ ، ئۇنى ئاقىلانە تەھلىل قىلىپ قىلىش ، راست – يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرۈشتە ئاجىزلىق قىلىدۇ . مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن ئۇلارنى بىر – بىرىگە ھەتتا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىگە قارىشى سۆز – چۆچەككە سېلىش مۇمكىن . مانا بۇ گۇماندار بولۇپ ، ئىشەنچتە بولماسلىق ، غەزەپتە بولۇپ ، ئەقىلدە بولماسلىقتۇر.
«ئىجتىمائىي مىللەت» دېگەنلىك ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى «تەبىئىي مىللەت» دەپ قاراشقا سېلىشتۇرما قىلىنغان بولۇپ ، ئېتنوگىيلىك مىللەتتىن ئۆزىنىڭ بىر بالداق ئۈستۈنلۈكى بىلەن خاراكتېرلەنگەن مىللەتتۇر . ئەگەر بىز ئېتنولوگىيىلىك مىللەتنى ئومۇمىي تۈركۈم ئېڭى ۋە مىللىي ھەمدەملىككە ئېرىشمىگەن مىللەت ، دەپ قارىساق ، ئىجتىمائىي مىللەتنى بۇنداق ئاڭ ، بۇنداق ھەمدەملىككە ئېرىشكەن مىللەت دېيىشىمىز مۇمكىن . ئىجتىمائىي مىللەتنى ئېتنولوگىيىلىك مىللەتتىن ئۈستۈن قىلغان نەرسىنى ئۇنىڭ ئۆز – ئۆزىگە بولغان تۈركۈم ئېڭى ، كۈچلۈك ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى ، ئاڭلىق ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە بۇ ئۈچىدىن مۇجەسسەم بولغان ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلۈكىدىن ئىبارەت . دەرۋەقە ، ئىجتىمائىي مىللەتنىڭمۇ بىر قاتار خۇنۈكلىرى ، زەئىپلىكلىرى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇلاردىن ئۇنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئالاھىدە ئۈستۈن بولىدۇ . ئۇلار بىكار تەلەپ لايغەزەللىك ، تەلۋىلەرچە ھەشەمەتخورلۇق ، مىللەتنىڭ ھەمدەملىكىدىن ئېشىپ چۈشكەن يۇرتۋازلىق، ئۆز مەنپەئەتى ياكى گۇرۇھ مەنپەئەتى ئۈچۈن مىللەت گەۋدىسىنى پېتىقلاپ دەپسەندە قىلىشتىن خېلىلا چەتلەشكەن، بىر ياقىدىن باش ، بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئۆز قېرىنداشلىرىغا خەيرخاھلىق-تىلەكداشلىق قىلىش ئۇلارنىڭ دائىمىي ئالامىتى.
«سىياسىي مىللەت» دىگەن ئىبارە مىللەتلەرنىڭ كامالەت دەرىجىسىنى «ئىجتىمائىي مىللەت» كارېتورىيسىدىن پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇپ ، ئادەتتىكى سىياسىي سەلتەنەت مەنىسىگە قارىتىلمىغان، «سىياسىي مىللەت» ھازىرقى زامان مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى مىللىي-ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مىللىي ئاڭ ۋە بىرلىك – ھەمدەملىككە ، رىقابەت ۋە ئىجادىيەت ،ئۈستۈنلۈكىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ بىر قاتار ئۆزگىچە ئالامەتلىرى بىلەنمۇ كۆزگە تاشلىنىدۇ………………………………
مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ بۇ يازمىلىرى بىزنى چوڭقۇر ئويغا سالدى. ئاشۇنداق چوڭقۇر خىياللارغا غەرق بولغان كۈنلىرىمىزنىڭ بىرىدە ئۈرۈمچىدىكى «يىشىن كىتابخانىسى» دا قولىڭىزدىكى بۇ كىتابنى ئۇچرىتىپ قالدۇق. بەس-بەستە سېتىۋېلىۋاتقان ئوقۇرمەنلەر قاتارىدا بىزمۇ بىرنى سېتىۋېلىپ ، ئۇيۇشۇش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بۇ تىپىك «سىياسىي مىللەت» نىڭ قەد كۆتۈرۈش تارىخىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتۇق. ئوقۇپ بولۇپ تەرجىمە قىلىش نىيىتىگە كەلدۇق . بۇ جەرياندا ئاخبارات – نەشرىيات ئورۇنلىرىدىكى بىر قىسىم مەسئۇل يولداشلارنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىغىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق . ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن تەرجىمە قىلىشقا رەسمىي تۇتۇندۇق . يېرىم يىلدەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاخىر بۇ كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇق .
بۇ كىتاب كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېردىكى ھېكايە – رومانلارنى ئۇقۇشقا ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلىمايدىغان ئاممىباب ئوقۇشلۇقلارنى ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ سىياسىي تەپەككۇرىغا قۇۋۋەت بېغىشلاپ ، مىللىي ئېڭىنى سەگىتىپ ۋە يېڭى ئەسىر تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ ، ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىيەتچىل بولۇشقا دالالەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزگىلەرنى بولسىمۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى چۈشىنىش تەشنالىقىغا ئازراق بولسىمۇ مەنپەئەت يەتكۈزگەن بولسا ئىدى بۇ ئەمگىكىمىزدىن رازى بولغان بۇلاتتۇق .
پاتىگۈل ئەخمەت،سادىق ئابلا ، ئابدۇجېلىل .ئابدۇخېلىل
2001-يىل ، يانۋار
تورداشلارنىڭ ئىنكاسى
ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.
ھازىرچە ئىنكاس يوق