يېڭىش دولقۇنلىرى

يېڭىش دولقۇنلىرى

ئەلقەم ئەختەم

باھاسى:1.50

1985-يىلى 6-ئاي 1-نەشرى

1986-يىلى 4-ئاي 1-بېسىلىشى

تىراژى:1-3500

Isbn:100981050

مۇھەررىردىن

پېشقەدەم شائىر ئەلقەم ئەختەم 1922-يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ خۇدىياريۈزى يېزىسىدا تۇغۇلغان . 1939-يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىنگە ئوقۇشقا كىرگەن ، 1942-يىلى 6-ئايدا بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىلىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان .

شائىر 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا ئىنقىلابى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ ، خەلقنىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق قوللاپ نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى يازغان . 1947-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغاندا ، ئەلقەم ئەختەم مۇخبىر سۈپىتىدە بىللە بېرىپ «جەنۇب خاتىرىلىرى» دېگەن ئەسلىمىنى ئېلان قىلغان . شائىر بۇ ئەسلىمىدە جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ زۇلمەتلىك تۇرمۇشىنى ۋە ئۇلارنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشلىرىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرگەن .

ئازادلىقتىن كېيىن شائىر ئەلقەم ئەختەم «ئىلى گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىدى . بۇ جەرياندا ئۇ داۋاملىق ئىجاد ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ياخشى شېئىرلارنى يازدى.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا شائىر ئەلقەم ئەختەم ئېغىر سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى .«تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىنغاندىن كېيىن شائىر پىڭپەن قىلىنىپ غەيرەت – شىجائەت بىلەن قولغا قەلەم ئېلىپ يەنە بىر مۇنچە ئەسەرلەر يازدى .

ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە .

شائىر ئەلقەم ئەختەم 40-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ تۆھپە ياراتقۇچىلارنىڭ بىرى . ئۇ ، ئۆزىنىڭ 40 نەچچە يىللىق ئىجادىيىتىدە جاپالىق ئىزدىنىپ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتتى . ئۇ ئۆز شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئالاھىدىلىكلىرىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇردى . ئۇنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى شېئىر ، داستانلىرى بارماق ۋەزىننىڭ يېنىكلىگى ،ئىخچاملىقى ، ئاھاڭدارلىقى ۋە ھېسسىياتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ .

شائىر ئەلقەم ئەختەمنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «ئۈمىد دولقۇنلىرى» 1951-يىلى نەشر قىلىنغان . 1956-يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۈرەش دولقۇنلىرى» ناملىق ئىككىنچى شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى .

بۇ توپلامغا شائىرنىڭ 40-يىللاردىن بېرى يازغان شېئىرلىرىنىڭ بىر قىسمى ۋە «سائادەتخان»، «ئالۋاستى» ناملىق داستانلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى .

 

تۈرى :ئۇيغۇرچە كىتابلار, شېئىر-نەسىرلەر | خەتكۈچ :,

بۇ كىتابلارنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ :

بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقەرى بۈيۈك تىلچى مەھمۇد قەشقەرى
يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا
ئاق يېغىن
ھېكايە:ئاھ، بىز ئېشەكلەر)تۈركىيە( ھېكايە:ئاھ، بىز ئېشەكلەر)تۈركىيە(
سەئىدخان

تورداشلارنىڭ ئىنكاسى

  1. ھازىرچە ئىنكاس يوق

  1. ھازىرچە نەقىل ئۇقتۇرىشى يوق.