版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/100783343.html

    بۈگۈن خاتا چىققان 30 يىل بۇرۇنقى پەرەز

    (جۇڭگو ۋە ئامىرىكا مائارىپى توغرىسىدىكى 30 يىلنىڭ ئالدىدىكى پەرەز)


              1979-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو بىر زىيارەت ئۆمىكىنى ئامىرىكىنىڭ ئاساسىي مائارىپىنى كۆزدىن كۆچۇرۇشكە ئەۋەتكەن. زىيارەت ئۆمىكى ئامىرىكىدىن قايتىپ كېلىپ، 30 مىڭ خەتلىك دوكلات يازغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
              (1) ئامىرىكا ئۇقۇغۇچىلىرى ئەخلاق-پەزىلىتى ۋە قابىلىيىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ناھايىتى ھاكاۋۇر، چوڭچى، مەنمەنچى ئىكەن.
              (2) باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۈزۈك ساۋادى يوق ئىكەن، ھېساپ ئىشلىگەندە بارماق ساناپ ئولتۇرىدىكەن، شۇنداق تۇرۇقلۇق كۈنبۇيى «ئۇنى كەشىپ قىلىمەن، بۇنى كەشىپ قېلىمەن» دەپ پو ئاتىدىكەن، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە يەرشارىنى ئايلاندۇرۇش ناھايىتى ئوڭايمىش.
              (3) مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت دەرسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ماتىماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىكەن، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرى بولسۇن ياكى خۇسۇسىي مەكتەپلەر بولسۇن، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەل سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ناھايىتى ۋاي دەيدىكەن، ئەمما ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە بىلەن كارى يوق ئىكەن.
              (4) دەرسخانا ئىچى ناھايىتى قالايمىقان ئىكەن. ئوقۇغۇچىلار قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىپ، تاغدىن-باغدىن پاراڭ سېلىپ ئولتۇرىدىكەن، ھەتتا بەزىلەر بازار ئايلانغاندەك، سىنىپ ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرىيدىكەن.
              شۇڭلاشقا، زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر مۇنداق يەكۈن چىقارغان:
              «ئامىرىكىنىڭ ئاساسىي مائارىپى تۈگۈشۈپتۇ، شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، يەنە 20 يىلدىن كېيىن جوڭگو پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتتە دەرىجىدىن تاشقىرى بۇ چوڭ دۆلەتكە يېتىشىۋالغىدەك ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكۈدەك.»

              شۇ يىلى ئامىرىكىمۇ بىر تەكشۇرۇش ئۆمىكىنى جۇڭگوغا ئەۋەتكەن. تەكشۇرۇش ئۆمىكى بېيجىڭ، شاڭخەي، شىئەنلەردىكى بىرنەچچە مەكتەپنى تەكشۇرگەندىن كىيىن دوكلات يازغان.
              دوكلاتقا مۇنداق يېزىلغان:
              (1) جوڭگۇنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىككى قولىنى ئالدىغا ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن، مۇئەللىم سۇئال سورىغاندا، ئوڭ قولىنى كۆتۈرىدىكەن، يەسلى ئوقۇغۇچىلىرى دەرسخانا سىرتىدا پائالىيەت قىلغاندىن باشقا چاغلاردا ئىككى قولىنى كەينىگە قىلىپ ئولتۇرىدىكەن.
              (2) جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى سەھەر ئورنىدىن تۇرىدىكەن، جۇڭگو كوچىلىرىدا سائەت يەتتىدىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلارنى ئەڭ كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن، ئۇلار كېتىۋىتىپ ناشتا قىلىدىكەن.
              (3) جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئائىلە تاپشۇرۇقى» دەيدىغان تاپشۇرۇقى بار ئىكەن، جۇڭگولۇق بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئائىلە تاپشۇرۇقى مەكتەپتىكى تاپشۇرۇقنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەن.
              (4) جۇڭگودا ئىمتىھان نومۇرى ئەڭ يۇقۇرى ئوقۇغۇچىلارنى «مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى» دەيدىكەن، مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار مەۋسۇم ئاخىرىدا تەقدىرنامىگە ئېرىشىدىكەن، باشقا ئوقۇغۇچىلار ئېرىشەلمەيدىكەن.
              دوكلاتنىڭ يەكۇنىگە مۇنداق يېزىلغان:
              «جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرى دۇنيادىكى ئەڭ تىرىشچان، ئەڭ سەھەر ئورنىدىن تورىدىغان ۋە ئەڭ كەچ ئۇخلايدىغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن؛ ئۇلارنىڭ ئوقۇش نەتىجىسى دۇنيادىكى ھەرقانداق دۆلەتتىكى ئوخشاش يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭكىدىن ياخشى ئىكەن. شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، يەنە 20 يىلدىن كىيىن جۇڭگو پەن-تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتتە ئامىرىكىدىن ئېشىپ چۈشكىدەك.»
              30 يىل ئۆتۇپ كەتتى، ئامىرىكىنىڭ «تۈگۈشەي دەپ قالغان» مائارىپى 60 نەچچە نەپەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىنى ۋە 200 دەك مىلياردىرنى تەربىيەلەپ چېقتى، ئەمما جۇڭگودىكى ھېچقانداق بىر مەكتەپ ئاشۇنداق ئادەمدىن بىرنى تەربىيەلەپ چېقالمىدى.
              دېمەك، ئىككىلا تەرەپنىڭ پەرەزى خاتا چېقتى.
              بىز گەرچە ئېلىمىزنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىغا كېسىپ بىر نەرسە دىيەلمىسەكمۇ، ئەمما ئېلىمىزنىڭ مائارىپ نەزەرىيەسى تەتقىقاتىدا غەرپ ئەللىرىنىڭ خېلى بەك ئارقىسىدا ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلالمايمىز. بەزىلىرىمىز ھازىرقى ئاساسىي مائارىپىمىزدىن پەخىرلىنىشى مۈمكىن، بىراق قالاق، جانسىز، زېرىكىشلىك، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مائارىپ جەمئىيەتكە يۇقۇرى نومۇر ئالىدىغان، قابىلىيەتسىز «ئىختىساس»لىقلارنى تېخىمۇ كۆپلەپ تەربىيەلەپ بېرىدۇ، خالاس. بۇ خۇددى بىزنىڭ خەلقئارا ئولىمپىك ماتېماتىكا مۇسابىقىسى چىمپىيونلىرىنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ چىققانلىقىمىز، ئەمما دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكۈدەك بېرەر ئالىم تەربىيەلەپ چىقالمىغانلىقىمىزغا ئوخشايدۇ.
              شىۋېتسارىيەلىك پېداگوك فېستاروچ مۇنداق دەيدۇ: «دەۋىر ئىلگىرىلىمەكتە، 50 يىلدىن بۇيان ھەممە ئۆزگەردى، ئەمما مەكتەپ مائارىپى ئاۋالقىدەك، بۇنداق شارائىتتا قانداقمۇ زامانغا ماس ئادەملەرنى تەربىيەلەپ چېققىلى بولسۇن؟ بۇنداق مائارىپ زامانغا قانداقمۇ ماسلىشالىسۇن؟». مىنىڭچە، بۇ گەپ ئىلىمىزنىڭ ھازىرقى مائارىپىغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن كىشى دەرس ئىسلاھاتىنى تەشەببۇس قىلدى، نەتىجىدە دۆلەتنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرى بىلەن يۇقۇرىدىن تۆۋەنگىچە يېڭى دەرس ئىسلاھاتى باشلىنىپ كەتتى.
              ئەمىليەتتە، 20-ئەسىردىن بۇيان ياۋرۇپا، ئامىرىكا ئەللىرىنىڭ ئاساسىي مائارىپى ئىسلاھ قىلىنىپ كەلدى، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى «يېڭى مائارىپ ھەركىتى» ۋە «ئىلگىرىلەش مائارىپى ھەركىتى»دىن 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى مەكتەپ تاللاش ھەركەتلىرىگىچە مائارىپ ئىدىيىسى، دەرس تەسىس قىلىش قاتارلىق تەرەپلەر ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ باردى. شۇڭلاشقا، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىلىمىزنىڭ يېڭى دەرس ئىسلاھاتى دۇنيا ئاساسىي مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇ، تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى مۇقەررەرلىك.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghurqamus.com/read.php?tid=304
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: