版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/102545780.html

    ئامىرىكىدىكى مۇساپىر تۇيغۇلار- 2

    ئاپتورى: ئابدۇۋەلى ئايۇپ


    (4) نىمە قىلىش كىرەك؟

              ماگىستىر ئاسپىرانتلىقىدا ئۈچ يىل ئوقۇپ ئالغىنىم دىپلۇم بولۇپتۇ. ئوقۇش جەيانىدا يازغانلىرىم يا نەسىر ئەمەس يا ماقالە ئەمەس بىر نېمىگە ئوخشاپتۇ. ئەسلى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرىنى بىر يىپقا تىزىپ «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» دېگەن كىتابنىڭ شەكلىدە كىتاب يازىمەن دېگەن خىيالىممۇ يوققا چىقتى. مەن ئۆگەنگەن كىلاسسىك ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىدە بىزنىڭ ئۇ بۈيۈكلىرىمىز بىر بولسا «مىللەتچى»، يەنە بىر بولسا «ماركىسىزىمچى مىللەتچى» قىلىپ تەھلىل قىلىناتتى. بۇنى قايتا تىزىپ كىتاب قىلىپ چىقىشنىڭ ھىچ ئەھمىيىتى يوق ئېدى. چۈنكى مەن ئالىملىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ ئىككىلا ئىدىيە بار دەپ قارىمايتتىم.
              بۇ يەردە ئىككى مەسىلىگە دۇچ كەلدىم:
              بىرى، دۇنيادا ماركىسىزىمدىن باشقا دۇنيانى چۈشەندۈرىدىغان قانداق پەلەسەپەلەر بار؟
              يەنە بىرى، قانداق قىلغاندا كىشىلىرىمىزنى زېرىكتۈرمەيدىغان شەكىلدە ئەجداتلارنىڭ تەپەككۇرىنى بۈگۈنكىلەرگە يەتكۈزگىلى بولىدۇ؟
              مەن ئەجدادلار چۈشەنگەن ۋە چۈشەندۈرگەن دۇنيا، ئىنسان، ئىلاھ، جەمئىيەت ۋە تەبىئەت  زادى نېمە؟ ئۇنى ئوقۇرمەنگە قانداق ئۇسۇل بىلەن يەتكۈزىمەن دېگەنگە جاۋاپ بېرىپ بولالماي ئوقۇش پۈتكۈزۈپ كەتتىم. ئۇ چاغلاردا ماگىستىر ئوقۇغان ئادەم كۆپ بولمىغاچقا ئاسانلا بىر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئورۇنلاشتىم.  مۇنبەر چىققاندىن كېيىن ھىس قىلدىمكى، كاللامدىكى ئۇيغۇر ھەققىدىكى بىلىملەر پەقەت قالايمىغان دۆۋىلەنگەن ماتېرىياللاردىن باشقا نېمە ئەمەسكەن. بۇنداق سېستىمىلاشمىغان بىلىمنى ئوقۇغۇچىلارغا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەسكەن. مەن چۈشەندۈرگەندەك، ئوقۇغۇچىلار چۈشەنگەندەك كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ بۇ بىر ماتىرىيال بولۇپ قالىدىكەن، ئۇلارنىڭ ھاياتىدا ياكى كۆنكىرىت خىزمىتىدە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشىگە ئەس قاتمايدىكەن.
              نېمە قىلىش كېرەك؟
              غەرپتىن سوۋۇغان كۆڭلۈم تۈركىيەگە تەلپۈنەتتى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنى چۈشىنىش ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا ئائىت كىتابلارنى تۈركىيە تۈركچىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۆزەم ئانچە چۈشىنىپ بولالمايۋاتقان غەرپ ئىدىيە ئېقىملىرىغا قارىغاندا ئەھمىيەتلىكتەك تۇيۇلدى. بۇندىن باشقا مەن تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى پۈتكۈل مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ بېسىپ ئۆتۈش ئىھتىماللىقى بار دەپ تەخمىن قىلاتتىم. مەنچە شەرق مىللەتلىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىدا بىر قانچە دۆلەت ئەندىزە بولالايتتى. بۇلار ياپۇنىيە، كورىيە ۋە تۈركىيە ئېدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئورتاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان تۈركىيەنى چۈشىنىش ئارقىلىق زامانىۋىيلىشىش جەريانىدا ئۇچرايدىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش يولى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ۋە تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىۋالالايتتۇق. مۇشۇ مەقسەدلەر بىلەن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچى تۈرىگە ئىلتىماس سۇندۇم. ئىلتىماسنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىن ئۆتۈپ مۇلاقاتقا تاللاندىم. مۇلاقاتتا بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ سۇئاللىرى مۇنداق بولدى:
              - سەن تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىڭنىڭ كېيىنكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىڭغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى يېزىپسەن، سەنچە ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىشنىڭ قانداق رىيال ئەھمىيىتى بار؟
              بۇ سۇئال ماڭا ياغدەك ياقتى. مەن تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن كەلگەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرىتىنى تونۇتۇپ قويۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن مۇشۇنداق پۇرسەتنىڭ بالدۇرراق كېلىشىگە ئۇزۇندىن بېرى تەشنا ئېدىم.
              جاۋابىمنى مۇنداق باشلىدىم:
              بىرىنجى، ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەر تەرەققىياتىنىڭ پاراۋوزى. تەرەققىيات مائارىپسىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەمۇرىيەت ۋە مائارىپتا قوللىنىلماسلىقى ئاپتونۇم رايۇندىكى ئانا تىلىدا ساۋادى تولۇق چىقىپ بولمىغان نەچچە ئون مىليون جوڭگۇ پۇقراسىنى يېڭى ساۋاتسىزلىققا گىرىپتار قىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتى جوڭگۇدىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان قازاق، قىرغىز، تاتار، ئۆزبېك، تۇۋا، سالار، سارىغ ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەر تىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇيغۇر تىلى تارىختىن بېرى بۇ تىللارنى ئۆز قوينىغا ئېلىپ بېيىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرچىدىكى مائارىپ، نەشىرىياتچىلىق ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى يۇقارقى قېرىنداش مىللەتلەرگە ئورتاق خىزمەت قىلغان. تارىخنى قويۇپ بۈگۈنگە قارايدىغان بولساق، «قۇرئان»نىڭ  كومپارتىيە رەھبەرلىك قىلغاندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىن كېيىن قازاقچە، قىرغىزچە تەرجىمىلىرى يورۇقلۇققا چىقتى. «قۇتادغۇبىلىك»، «دېۋانۇلۇغەتىت تۈرك» قاتارلىق يىرىك مىراسلارنىڭ قازاقچە نۇسقىلىرىمۇ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلدى. دېمەك، ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرەققىيات قېرىنداش تۈركىي تىللار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇندىن باشقا كومپىيوتېر ساھەسىدە ئۇيغۇرچە فونت ياسىغان ئۇيغۇر مۇتەخەسىسلەر قازاق ۋە قىرغىزچىغىمۇ قوشۇپ ياساپ بۇ تىللارنىڭ ئۇچۇرلىشىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشماقتا. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئومۇمىيۈزلۈك گۈللەنگەن ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ تەربىيە بۆشۈكىگە ئايلانغان. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى دەخلىگە ئۇچرىسا بۇ مىللەتلەرنىڭ مائارىپ تەرەققىياتىمۇ ئاقساشقا يۈزلىنىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەۋجۇدلۇقى تەھدىتكە ئۇچرىسا باشقا تۈركىي تىللار يۇقۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا ھەل قىلىنغان مەسىلىلەرنى باشقا تۈركىي تىللارغا شەكسىز تەدبىقلىغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن قالقان ۋە بۇلاق. 
              ئىككىنچى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا قوللۇنىلىشى ۋە تەرەققىياتى دۆلىتىمىزنىڭ ئورتا ئاسىيادىكى ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى تەسىرىنىڭ كۈچىيىشى ۋە تېزلىشىشىگە پايدىلىق. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن رۇس بولشىۋىكلىرى ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدە تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تاشكەنتتە ئورتا ئاسىيا ئۇنۋېرىستىتىنى قۇرۇپ، ئۆزبېكچە مائارىپ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ھەتتا بىر قىسىم موڭغۇل، تاجىك ۋە شىبەلەرنى تەربىيەلەش ئارقىلىق تەسىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدا تېزلىكتە كېڭەيتكەن ۋە ئۇنى 1960-يىللارغىچە ساقلاپ قالالىغان. ھازىرقى ھۆكۈمەت رۇسلارنىڭ بۇ تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ ئارقىلىق ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنى تەربىيەلەش مەقسىدىگە يېتەلەيدۇ. بۇنداق بولغاندا يىلىغا يۈزلەپ (قازاقىستاندىن يىلىغا ئىككى يۈز ئوقۇغۇچى جوڭگۇنىڭ مۇكاپاتى بىلەن ئوقۇيدۇ) جوڭگۇغا كېلىپ ھەقسىز ئوقۇۋاتقان ئورتا ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنسۇچە تەييارلىق مۇددىتى قىسقاراپ باج تاپشۇغۇچىلارنىڭ قان-تەرى كۆپ تىجىلىپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپ يوقۇتۇلۇش ئورنىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلسا ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىران، ئىراق، ئابغانىستان، بالقان يېرىم ئارىلى ۋە روسىيە تېرىتورىيىسىدە ياشاۋاتقان ئىككى يۈز مىليوندىن ئارتۇق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ  پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇرچە جوڭگۇ مائارىپىنىڭ ئوبىكتىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. مائارىپ ئارقىلىق جوڭگۇنىڭ  ئەرزان ماللىرىغا خېرىدارلىق قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبىنىمۇ مايىل قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچىنجى، ...
              - كەچۈرىسەن، ۋاقىت توشتى. ئەڭ ئاخىرقى سۇئال، سەن بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن؟
              - پەقەت ياقتۇرمايمەن.
              - ھە، بولدى، رەھمەت ساڭا. ۋاقتىمىز بولغان بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رىيال ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىڭنى ئاڭلىغۇمىز بار ئېدى. باشقىلارغا دېمىگەن، ساڭا دەۋىتەيلى، سەن مۇلاقاتتىن ئۆتتۈڭ.
              مۇلاقاتتىن ناھايىتى كەيپىم چاغ چىقتىم. يولدا بىزنىڭ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر مۇدىر ئۇچراپ قالدى.
              - ھە، مىيەنشى (مۇلاقات) قانداق بولدى؟
              - ئۆتتۈم،
              - ئۇنداق ئاسان بولماس، بېيجىڭدا قايتا پۇچا(تەكشۈرۈش) قىلىدۇ.
              - قانچە سۇئال سورىدى؟
              - ئىككى، بىرسى بەك ئۇزۇن، سىزگە جاۋابىمنى بىر ئىككى ئاغىز گەپ بىلەن دەپ بولالمايمەن. يەنە بىرى مېنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرۇش-ياقتۇرماسلىقىمنى سورىدى.
              - نېمە دەپ جاۋاپ بەردىڭىز؟
              - پەقەت ياقتۇرمايمەن دېدىم.
              - شۇنداقمۇ دەمسىز، بولدى سىزدە ئۈمىد يوق. ئۇلارنىڭ بېيجىڭنى ياقتۇرامسەن دېگىنى، «جوڭگۇ كومپارتىيەسىنى ياقتۇرامسەن؟ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدامسەن؟ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرامسەن؟ دوڭتۇ تېرورچىلىرىغا مەيدانىڭ قانداق؟» دېگىنى. ھەيىييي، سىز كىتابنى كۆپ ئوقۇغان بىلەن تازا چۈشەنمەي ئوقۇيدىغان ئوخشايسىز. مۇشۇنداق ھالقىلىق سۇئالنىمۇ چۈشەنمىدىڭىزمۇ؟... بۇ ئادەمنىڭ قالغان گەپلىرى تازا قۇلۇقۇمغا كىرمىدى. بىللە بىر نەزرىگە باردۇق، ئۇ يەردىمۇ بۇ گەپنى تۈگەتمىدى. خىيالىمغا بۇ گەپكە مەنىداش گەپلەرنى بۇرۇنمۇ ئاڭلىغىنىم كەلدى. مېنىڭ بىرىنجى قېتىم خىزمەت تاشلىشىمغا سەۋەپ بولغان ھېلىقى گەنسۇلۇق مۇتىھەم شۇجى ھەققىدە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى بىر پراپپېسسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالغانىدىم.
              - نېمە، سىز شۇجى بىلەن ئۇرۇشتىڭىز؟ تېخى خىزمەتنىمۇ تاشلاپ چىقتىڭىز! ھەي نادان بالا، ھازىر دىھقانلارنىڭ مەجبۇرى كىۋەز، بۇغداي تېرىشى دېگەن سىياسىي ۋەزىپە. سىزنىڭ قارشى چىققىنىڭىز بىر شۇجى ئەمەس، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكومنىڭ سىياسىي بۇيرىقى. سىز قەشقەر دېگەن يەردە سىياسىي بىلەن ئويناشماقچىما، دەرھال شۇجىغا يېلىنىپ سىياسىي خاتالىقىڭىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراڭ، مۆرىتى كەلسە يىغلاپ يېلىنىڭ...
              يۇقارقى سۆھبەتلەر ئالىي مەكتەپتە يۈز بەردى. بىرى ئىدولوگىيەلەر قەسىرى بولغان قەشقەردە، يەنە بىرى ئىقتىسادتىن باشقا گەپ ھىچكىمگە خوپ كەلمەيدىغان لەنجودا. ماڭا بۇنداق دېگەنلەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر. بىرى 50-يىللاردا مەملىكىتىمىزنىڭ داڭلىق ئۇنۋېرىستىتىنى پۈتكۈزگەن ئارامدىكى قەشقەرلىك لۇشۇنشۇناس پروپپېسسور، يەنە بىرى، خەنسۇچە ئوقۇغان، 80-يىللارنىڭ ئاخىرى  ئىچكىرىدىكى ئالى مەكتەپنى تۈگەتكەن  غۇلجىلىق دوتسىنىت، بىر ئالى مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدېرى.
              تۆۋە دەيمەن! ئوخشىمىغان دەۋردە، ئوخشىمىغان زېمىندا چوڭ بولغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئويى نېمانچە ئوخشايدۇ؟ مەنچە مۇنداق كىشىلەر دۆلەتنىڭ يۈكى، خىزمەتنىڭ توسالغۇسى، تەرەققىياتنىڭ مىتىسى. مەن ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك «خاتالىشىپ»مۇ كەتمىدىم، دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىنى تولۇق ئېلىپ باج تاپشۇرىۋاتقان خەلقنىڭ قان-تەرى، مېنىڭ ھالال ئەمگىكىمنىڭ بەدەلى بولغان مۇئاشىمنىمۇ كەم قىلماي تۈركىيەدىكى ئىلمىي زىيارىتىمنى تامالىدىم.

               (5) يول قايان؟

               يىللار مەيدىسىنى كېرىپ مەسخىرىلىك كۈلگەنچە ئۆتىۋەردى. ئانام دائىم «يىلدىن يىلغا بەتتەر» دەيتتى. بۇ ماڭا خۇددى قانۇنىيەتتەك تۇيۇلۇپ كاللامدىن نېرى كەتمىدى. ئارىدا مېھرى ئىسسىق تۈركىيەنىمۇ چۆرگىلەپ كەلگەن بولدۇم. ۋەدەمدە تۇرغانلىقىمنىڭ ۋەدە ئالغۇچىلارنىڭ پەرۋايىدا يوقلۇقىنى قايتقاندىن كېيىن بىلدىم. ئۇلارنىڭ پەرۋايى ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتمىغاچ ماڭىمۇ غەلىتە تۇيۇلمىدى. قايتقىنىمدىن ئەڭ شاتلانغىنى كۆز نۇرۇم ئاتا-ئانام، كۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم ۋە بەختلىك ئائىلەم بولدى.
               كۈنلەر مەنىسىز تەكرارلىقىنى داۋام قىلماقتا ئېدى، بېيجىڭدا ئېغىز ئالغان يارا يەنە شەلۋەرەشكە باشلىدى، ئەمەلگە باغلانغان شىنجاڭچە زىيالىيلىق، مەنپەئەتكە باغلانغان كىشىلىك مۇناسىۋەت، تىجارەتكە ئايلانغان جوڭگۇچە تەتقىقات يۈرەكتىكى يارىنى يىرىڭلاتتى. بىر كۈنى بىر دوستۇمغا تېلىفوندا «ئۆيلەندىم، ئۆي ئالدىم، بالىلىق بولدۇم، لېكىن يەنە خوش بولالمىدىم» دەپ تاشلىدىم. ئارىدا ئۆيۈمگە كەلگەن بۇرادەرلىرىمدىن بىرى «كۆچۈپ كېتىدىغان قازاقتەكلا ئولتۇرۇپسەنغۇ؟» دېدى كۈلكە قىلىپ، سورۇنىمىزنىڭ ئەزىزى، ئۇستاز تەكلىماكانى «سەپەرگە ھازىرلانغان ئادەمگە جىق نەرسىنى يىغىۋېلىش ئاۋارىچىلىق» دېدى مەنىلىك قىلىپ.
              «سەپەر قايان؟» بۇ سۇئال باشقا ھىچ كىمنىڭ ئېسىگە كەلمىدى، چۈنكى بىر ئوبدان ئۆيى، ۋاپادار ئايالى، يوقنىڭ ئورنىدا بولسىمۇ ئەمىلى، ئۆزىدىن خېلىلا ئېگىزلەپ كەتكەن يېشى بار مەندەك ئادەمنىڭ يەنە نېمە سەپەرگە ئاتلىنىدىغانلىقى بۇرادەرلىرىمگە قاراڭغۇ ئېدى. ئىچىمدە خىتاب قىلدىم «سەپەر--ئامېرىكا».
               موھىت ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىكەن. بېيجىڭدا-- ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولىدىغان، تىرىشقانلىكى ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى كۆز ئالدىدىن يىراق بولمايدىغان يەردە ئوقۇغانلىقىم مېنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمنى قۇۋۋەتلىگەنمۇ، ۋەياكى ئادەمنىڭ مىللەت تەۋەلىكىدىن بەكرەك ئىقتىدارى تەكىتلىنىدىغان ئىچىكىرىدىكى مەلۇم ئالىي مەكتەپتەخىزمەت قىلغانلىقىم تۈرتكە بولغانمۇ، بۇلار ماڭا ئانچە ئېنىق ئەمەس، ئەمما مەن ئۈرۈمچىدە ۋە باشقا ئۇيغۇر ۋىلايەتلىرىدىكى زىيالىيلىرىمىزدا ئەۋج ئالغان «ھىچ ئىش قىلدۇرمايدۇ، سىڭگەن نېنىڭنى يە، مۇناسىۋەتسىز ئىش پۈتمەيدۇ..» دېگەندەك ئىددىيەلەرنىڭ تەسىرىدىن ئاساسەن خالىي ئېدىم. «ھىچ ئىش قىلدۇرمىسا سەۋەبىنى سوراش، شۈكرىگە زورلىسا شۈكرىگە لايىق نىمەتنى تەلەپ قىلىش، مۇناسىۋەتكە مەجبۇرلىسا بەلگىلىمىنى شىپى كەلتۈرۈش»-مېنىڭ مىزانىم ئېدى.
               ئۈرۈمچىدىكى مەن ئىشلەۋاتقان ئالىي مەكتەپ بېيجىڭ ئۇنىۋىرىستىتىغا ئىمتىھان بېرىشىمگە قوشۇلمىدى. ئىشلىگەن يىلىم توشمايمىش. دۆلەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئىلتىماس سۇنساممۇ بولماسمىش، سەۋەبى-ئۇنۋانىم توشمايمىش، قارىغاندا مۇكاپاتنى قېرىپ ماڭالماس بولغاندا بەرسە كېرەك. شۇنىڭ بىلەن خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆز تىكتىم. نۇرغۇن خەلقئارالىق مۇكاپاتلار ھەققىدىكى خەنسۇچە ۋە ئېنگىلىزچە ئۇچۇرغا ئېرىشكەندىن كېيىن، بۇلارنى خىزمەتداش، تونۇش ۋە دوست-بۇرادەرلەرگە تەۋسىيە قىلدىم.
               بۇلاردىن «فورد مۇكاپاتى» مېنى بەكرەك قىزىقتۇردى. بۇلارنىڭ نىشانىدىكى «نامراتلىق، نادانلىقنى تۈگىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مۇۋەپپەقىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت ۋە ئىجتىمائى ئادالەتنى تەكىتلەش، ھەر قايسى رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاقىدا ساھەلەردە تەشكىللىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش» دېگەندەك مەزمۇنلار مېنى تولىمۇ شاتلاندۇردى. فوردنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلى مېنىڭ ھاياتىمنى بىر قۇر خۇلاسىلەپ چىققان بولدى. مەن فورد مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا مۇشۇ كۈنگىچە ئۇيغۇرنى بىر نائىنىق ئوبىكىت سۈپىتىدە تەسەۋۋۇر قىلغىنىمنى بايقىدىم. مۇشۇ كۈنگىچە قاقشىغانلىرىم خەلقنىڭ مەدەنىيىتىنى، خەلق دۇچ كەلگەن كىرزىسنى ۋە ھەل قىلىش يوللىرىنى چۈشەنمەستىن غۇتۇلداشتىن باشقىسى ئەمەسكەن. مەن ئۇيغۇرنى ئۆزەمگىمۇ يورۇق بولمىغان بىر مەنزىلدە كۆرۈشكە ئىنتىلگىنىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. مەن ئۇيغۇرنى چۈشىنىشتە ئۇلارنىڭ تۇيغۇسىدا، ئادىتىدە، ئىددىيىسىدە ياشاپ تۇرۇپ ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نەرسىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىنكار قىلىش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر قىلغىنىمنى ھىس قىلىپ يەتتىم. فورد ماڭا ھەممە ئىشنى ئەتراپىمدىن، مەھەللەمدىن باشلاشنى ئۆگەتتى. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇنداق ئېنىق ئىجتىمائى خىزمەت پىلانى ۋە ئەمەلىي تەتقىقات پىلانى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن. مەن بۇ مۇكاپاتقا ئىلتىماس سۇنۇش جەريانىدا ئىلگىرى ھىچ قانداق تەمەسىز قىلغان پائالىيەتلىرىمنىڭ بۇ قېتىم مېنىڭ ئىجتىمائى خىزمەت تەجرىبىلىرىم ھىسابلىنىپ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشۇمغا ئاساس بولغانلىقىنى كۆردۈم.
               تېرىمچىلىق مەدەنىيىتى ياراتقان ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ دۇنيانى ئۆزى شۇغۇللانغان دېھقانچىلىق بىلەن باغلاپ ئېتىزغا ئوخشىتىدۇ ۋە بىزنى ئۇنىڭغا ياخشىلىق تېرىشقا بۇيرۇيدۇ. مەن دوستلۇرۇمنىڭ قوللىشى بىلەن ئەنجۈمەن تەشكىللىگەن، ئىئانە توپلىغان، مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغان، كۇرس ئاچقان، ئەمما بۇلارنى بىر قىزغىنلىق، بىر ئوتنىڭ تۈرتكىسىدە قىلغان، ئۇ چاغدا بىر چاغلاردا فوردقا ئوخشاش بىر مۇكاپاتنىڭ مۇشۇ ئىجتىمائىي خىزمەتلىرىم بەدىلىگە ماڭا بېرىلىدىغانلىقى خىيالىمغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئېدى. ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك ياخشىلىق تېرىغان ئىكەنمەن، خۇداغا شۈكۈر، دۇنياغا ياخشىلىق تېرىش ئۈچۈن ياشايدىغان، باشقىلارنى يىسۇن دەپ يول بويىغا ئۈجمە تىكىدىغان، ئۇسسىغانلار ئىچسۇن دەپ بىكارغا كۆل چاپىدىغان، باشقىلار پۇتلاشمىسۇن دەپ يولدىن چالما، تىكەنلەرنى ئېلىۋېتىدىغان، نامرات قوشنىمىز سۇنمىسۇن دەپ دەرۋازىسىنى پۇلى تۇرۇپ ياسىمايدىغان ئۇلۇغ خەلقنىڭ پۇشتى قىلىپ ياراتقان بۈيۈك رەببىمگە مىڭ مەرتە تەشەككۈر.

     

    (6) خەير دوستلار

              رەسمىيەتلەرنى بېجىرىش ئۈچۈن بېيجىڭدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالدىم. بېيجىڭ ئۆزگىرەپتۇ، بىنالار تېخىمۇ ئېگىزلەپتۇ. بىر يېرىم مىليارتقا يېقىن خەلق تۆلەۋاتقان باج، يەر ئاستى ۋە ئۈستىدىن قېزىلىپ، ئېچىلىۋاتقان بايلىقلار بۇ شەھەرنىڭ بىنالىرىنى پارقىرىتىپ، يوللىرىنى كەڭرىتىپتۇ. يول بويىلىرىنىڭ يېشىللىقىغا، قەدىمكى بىنالارنىڭ، چىركاۋ-بۇتخانىلارنىڭ ساقلاپ قېلىنىشىغا ۋە گەۋدىلىنىشىگە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىنىپتۇ. مەن يول بويلىرىدا بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن پەقەت كۆرۈنمەيدىغان بىر قانچە چىركاۋنىڭ ئالاھىدە مەيدان بىلەن گەۋدىلەنگىنىگە ئالاھىدە دىققەت قىلدىم. قەشقەردىكى ئۇيغۇر بىناكارلىقىنىڭ نەمۇنىلىرى بېيجىڭدىكى خەلقنىڭ خۇنىغا پۈتكەن ئوردىلاردىنمۇ قەدىرسىزمىدى؟ خەلققە پوقىنى يىگۈزگەن قانخور پادىشاھلارنىڭ قەبرىستانلىقى ئۆز جايىدا، ماۋزىدوڭنىڭ گېپى بويىچە تارىخنى ياراتقان ئەمگەكچىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر خەلقنىڭ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىرىنىڭ، ئالىم-ئۆلىمالىرىنىڭ قەبرىسى قايسى ئەمگەكچىدىن سوراپ خانۇ-ۋەيران قىلىندى؟ ئۈرۈمچىدىكى خوجانىياز ھاجىمنىڭ قەبرىستانلىقى قېنى؟ قەشقەردىكى ئارسلانخان قەبرىستانلىقىدىكى بوۋىلار قېنى؟
              بېيجىڭدىكى تەرەققىيات ئادەمنى سۆيۈندۈرەتتى، لېكىن بېيجىڭدىكى مەركىزىي ھۆكۈمەت بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشقا ۋەدە قىلىپ كاركىراۋاتقان يەرلىك ئاغۋاتلارنىڭ بېيجىڭنىڭ بۇنداق ئېسىل قىياپىتىنى ئۆلگە قىلىپ بىرلىكنى قۇغدىماي قىلىۋاتقان بۆلگۈنچىلىكى ئادەمنى نەپرەتلەندۈرەتتى.
              بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىنكى تامىقىمىز شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسىدا (مەن مەزكۇر ئورۇننىڭ ئۇيغۇرچە ۋىۋىسكىسىدكى خاتا تەرجىمىنى مۇشۇنداق تۈزەتتىم) بولدى. تاماققا بېرىپ كەلگۈچە كىشىلەر بىزگە ئەدەپلىك مۇئامىلە قىلدى، بىر قانچىسى بىزگە ئېنگىلىزچە گەپ قىلدى. دېمەك، بېيجىڭلىقلار يات ئېرقتىكى كىشىلەرنى كۆرۈپ كۆنگەن ئېدى. چەتئەللىكەر بىلەن ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشى ۋە ئولمپىكنىڭ ئالدىدىكى تەشۋىقات بېيجىڭلىقلارنىڭ يات ئېرقتىكىلەرنىڭ ھەممىنى شىنجاڭلىق(ئۇيغۇر) دەپ قاراپ كەمسىتىدىغان ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى قىلىقىغا تۈزۈتۈش بەرگەن ئېدى.(لېكىن شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسىدىن باشقا يەردە ياتاق بەرمەيدىغان ئىش ھازىرغىچە ئۆزگەرمەپتۇ). بۇرۇن شىنجاڭ ۋاكالەتخانىسى ئىچىگە ياتاقتا ياتقانلىق كىنىشكىسى ياكى مەزكۇر ئورۇننىڭ خىزمەت كىنىشكىسى بولمىسا ئادەم كىرگۈزمەيتتى، بۇ قېتىم بۇ ئۆزگىرىپتۇ، چۈنكى قورۇ ئىچىدە بىر قانچە يەردە خوجايىنى ۋە ئاشپىزىنىڭ قايسى دىندىكى بولۇشى نائىنىق، ئۇيغۇر ئۇسلۇبىدىكى «مۇسۇلمان» ئاشخانىسى بار ئىكەن، بۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك مەھسۇلاتلىرىنى توپ ساتىدىغان بازارچاقمۇ بار ئىكەن. ھەر قايسى مۇسۇلمان ئەللىرىدىن كەلگەن ئەلچىلەر، ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى قاتارلىق مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ مىھمانلىرى بۇ يەردە غىزالىنىدىكەن.
              تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى ئەسىردىن بۇيان ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ غەربىي ئەللەر بىلەن ئالاقىسىدا كۆۋرۈك بولۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ گومىنداڭ زامانى ۋە 50-يىللاردا روسسىيە ۋە مۇسۇلمانلار دۇنياسى بىلەن مەملىكىتىمىزنىڭ ئالاقىسىدا ئۇيغۇرلار ئەلچىلىك رولىنى ئۆتىگەنىدى. بۇنداق تارىخىي ئەنئەنە گەرچە يېقىنقى مەزگىلدە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان، سەل قارالغان بولسىمۇ، قارىغاندا يىمەكلىكتە ئۇيغۇر تاماقلىرى يەنىلا «ئەلچىلىك» سالاھىيىتىدىن چېكىندۈرۈلمىگەن بولسا كېرەك. مۇسۇلمان ئەلچىلەر ئۆمەكلىرىنىڭ ۋە ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ بېيجىڭدىكى ۋاكالەتخانىسىدا غىزالىنىشى بۇنى چۈشەندۈرسە كېرەك.
              دېمەك، خەلقئارا ئالاقە ۋە بازار ئېگىلىكى،يەرشارىلىشىش، بىر نوقتىغا يىغىنچاقلىغاندا، پۇل مەن شۇنچە يىل بېيجىڭدا تۇرۇپ كىرەلمىگەن ئۆزىمىزنىڭ ۋاكالەتخانىسىنىڭ بۇ تۆمۈر دەرۋازىنى خالىغان ئادەمگە ئوچۇق قىلىپتۇ. بۇنىڭدىن بەك سۆيۈندۈم ۋە پۇلدىن ئىبارەت ۋاستىنىڭ بارلىق سۈنئىي توساقلارنى بەربات قىلىشىنى تىلىدىم. ئىنسان ئىجتىمائى رىياللىق ۋە قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولالمىغاندا، پەقەت بولمىغاندا پۇل ئارقىلىق بولسىمۇ باراۋەر بولالىسا، قانۇنىي يول بىلەن ئېرىشەلمەيۋاتقان غۇرۇر ۋە ئەركىنلىكنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ تېرىشىشى مۇمكىن. مەنچە قوزغاتقۇچىلىرى پۈتۈنلەي كاردىن چىقىۋاتقان بىزدەك خەلق ئۈچۈن بۇ مەلۇم مەنىدە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
              بىر كۈنى ئاشخانىدا تاماق يەۋاتساق، بىر قانچە بېيجىڭلىق بىزنىڭ ئۇيغۇرلىقىمىزنى سوراپ بىلگەندىن كېيىن، بىزدىن «بۇرۇن ۋېيگوڭسۈن، گەنجىياكولاردا ئۇيغۇر ئاشخانىسى ۋە ئۇيغۇرلار ئاچقان بازار بار ئىدى، ھازىر نەگە يۆتكەلدى؟» دەپ سوراپ قالدى. بىز 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدا چېقىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمىزنى سۆزلەپ بەردۇق. ئۇلار سەۋەبىنى سوراشتى ۋە بۇ كوچىلارنىڭ يوقاپ كەتكىنىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئارىمىزغا يېڭى كىرىپ كەلگەن بىر بېيجىڭلىق چېقىلىشنىڭ سەۋەبىنى زەھەر ئەتكەسچىلىكى، بۆلگۈنچىلىك ۋە قانۇنسىزلىقلاردىن كۆرۈۋېدى، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا، كانادا ۋە ئامېرىكادىكى تاڭلىقلار(خەنسۇلار) كوچىسىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇ يەرلەردىكى مەسىلىنىڭ بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر كوچىلىرىدىن بەتتەر ناچارلىقىنى، غەرپتە ۋە ئامېرىكىدا «تاڭلىقلار كوچىسى» دېگەنلىك نومۇسىنى سېتىش، جىنسىي كېسەللىك، بولاڭچىلىق، ئەتكەسچىلىك، ئادەم ئەتكەسچىلىكى، پاسكىنىچىلىق قاتارلىق بارلىق جىنايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇنى بىلىپ تۇرۇپ، «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى تەرغىپ قىلىشقا پايدىلىق» دېگەن سەۋەب بىلەن قوغداۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، ئۇيغۇر كوچىلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەرقانچە قالاق بولسىمۇ، تەرەتتىن كېيىن قول يۇيىدىغانلىقىنى، ئۆزى كۆرگەن خېلى چوڭ رېستۇرانلاردىكى خېلى داڭلىق ئاشپەزلەرنىڭمۇ تەرەتتىن كېيىن قول يۇمايدىغانلىقىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
              سۆھبەتتىن كېيىن ئويلاپ قالدىم. مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت چۈشەنمەسلىكتىن، خاتا چۈشىنىشتىن ۋە مەلۇم گوروھنىڭ خاتا چۈشەندۈرىشىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. خۇددى ئەجدادلىرىمىز ئېيتقان «يالغاننى قېرىق قېتىم تەكرارلىسا راستقا ئايلىنىدۇ» دىگەندەك بىر كىچىككىنە ئىشنى چىڭىغا چىقىرىپ سۆزلەۋەرسە ئاۋام ئىشىنىپ قالىدىكەن-دە، نەتىجىدە بىگۇناھ كىشىلەر سىياسىي بېدىكلەرنىڭ غەرىزى بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدىكەن.
              2001-يىلى كەچ كۈزدە ئىچكىرىدىكى مەلۇم شەھەردە سەككىز ئون ياشلادىكى بىر قىز مەندىن «سەن تېرورچىمۇ؟» دەپ سورىغاندا تەشۋىقاتنىڭ كۈچىدىن نەپرەتلەنگەنتىم. بېيجىڭلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچە تاماقنى ئۇيغۇر كوچىسىدىن تاللاپ يىگۈسى بار، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگۈسى بار، ھېلىقى كىچىك قىزنىڭ قاڭشارلىق، ساقال-بۇرۇتلۇق كىشىلەرگە تېرورىزىمنىڭ نېمىلىكى ھەققىدە غۇبارسىز سۇئاللىرى بار. ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىچكىرىدە بەرپا قىلغان مەھەللىلەر قالايمىقانچىلىق باھانە قىلىنىپ مۇشۇنداق ۋەيران قىلىنسا بۇ سۇئاللارغا كىم جاۋاب بېرىدۇ؟ پەقەت بىردىن-بىر ۋاستە پىلانلىق ئاخباراتمۇ؟. ئۇنداقتا ئاۋامنىڭ مۇستەقىل باھا بېرىش پۇرسىتى بولمىسىچۇ؟ ئىدىلوگىيىنىڭ كونتروللىقىدىن خالى ئاخبارات مەۋجۇد بولمىسىچۇ؟
              بىر قىسىم خەنزۇلارنىڭ ئارىمىزدىكى ئاغزى يۈگرەكلەرگە ئوخشايدىغان بىر خۇيى بار، ئۇ بولسىمۇ بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دەپ تۇرىۋىلىش ۋە شۇ ھەقتە گەپ ئېچىشتىن ئۇيالماسلىق، بەلكىم بۇ پۈتۈن شەرقلەرگە ئورتاق بولسا كېرەك. بىر كۈنى خۇنەنلىك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا تاسادىپىي پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ: «مەن ئۇيغۇرلارنى بىلىمەن. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرى بەك يېقىملىق، مەنىلىك...» دەپ سۆزلەپلا كەتتى، ياقا يۇرتتا بىر يات كىشىنىڭ ئاغزىدىن مىللەتنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاش ئادەمنى خېلى خوش قىلىدۇ. ئاڭلاپ ئولتۇرسام «بولۇپمۇ سىلەردىن چىققان تېڭگىر ئالامەت ناخشىچى ...» دېمەسمۇ، ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۇچتى. ئۇنىڭغا ئۇيغۇر بىلەن موڭغۇلنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى ئاران چۈشەندۈردۈم. گەپ شۇ يەردە تۈگىدىمىكىن دېسەم، يەنە بىرى قوپۇپ تېرورچىلىق ھەققىدە سۆز ئاچتى، مەن بۇ تېمىغا لەنەت ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىپمۇ قۇتۇلالمىدىم. ئۇ شىنجاڭدىكى تېرورچىلىقنىڭ ئاجايىپ ئېغىرلىقىنى ۋە ئۇنى توسۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى قوللىنىشنى شەرتسىز قوللايدىغانلىقىنى سۆزلەپ كەتتى ۋە ماڭا نەسىھەت قىلىشقا باشلىدى. ئامالسىز كەسپىنى سورۇدۇم، بىر شىركەتنىڭ خادىمىكەن، مەلۇماتى تولۇقسىزدا توختاغلىقكەن، مەن گەرچە ئۆزەمنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دەپ تونۇشتۇرغان بولساممۇ نەسىھەتتىن توختىمىدى. مەن بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن بولساممۇ سەبرى قىلدىم. چۈنكى تەبىقىچىلىك تۈزۈمىدە، مۇستەبىت دۆلەتتە ئۇزاق ياشىغان كىشىلەر مۇشۇنداق بىلمەستىن ئاڭلىغاننى راست دېيىشكە، ئۆزىنىڭكىنىلا ھەق بىلىشكە، باشقىلارنىڭ ئەقلىدىن ۋە كەچۈرمىشىدىن دائىم گۇمانلىنىشقا ئادەتلەنگەنىدى. ئۇلار ئادەمنى ئادەملىكى بىلەن ئەمەس قايسى مىللەت، قايسى تەبىقىگە مەنسۇپلىقى بىلەن كۆزىتەتتى ۋە باھالايتتى. مەن بۇنداق ئەھۋالغا تولا دۇچ كەلگەن. بىر قېتىم لەنجۇ ئۇنۋىرىستىتىگە ئىككى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى قەغەز تەكشۈرگىلى بارساق، بىزدىن: «ھىسابلىغۇچ ئىشلىتەلەمسىلەر» دەپ سورىغانتى. تۈركىيەدە يولۇققان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ئوخشاشلا يۇرتۇڭ قانداق، خەلقىڭ نە ھالدا دەپ سورىماي تۇرۇپ، يۇرتۇڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە ساڭا ۋەز ئېيتاتتى. بۇنداق ۋەز-نەسىھەتلەر خوشلاشقىلى بارغان يۇرتۇمدا، يولدىكى بىكەتلەردە، ۋە ھەتتا مەن ئامېرىكىغا ئۇچقان بىرلەشمە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايرۇپىلانىدىمۇ داۋام قىلدى.
              ئويلاپ باقسام ئەقلىمنى بىلگەندىن بېرى مۇنداق ئىككى نەرسە ماڭا ھەمراھ بولۇپتۇ، بىرى قورقۇتۇش. يەنە بىرى نەسىھەت. بۇنىڭ بىرى سەۋەب بولسا، يەنە بىرى نەتىجىكەن. يەنى مېنى قورقۇتۇپ نەسىھەتنى ئاڭلاتماقچى، ياكى نەسىھەتنى ئاڭلىمىغاچقا قورقۇتماقچى. خوش، ئۇچاغدا مېنىڭ مۇستەقىل ھۆكۈم قىلىش، باھالاش، تەدبىر قىلىش ئەركىمچۇ؟ خاتالىشىش، ئېزىش ۋە بۇلاردىن ئۆزۈمگە خاس يەكۈن چىقىرىش ھوقۇقۇمچۇ؟ ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ نۇرغۇن تونۇش-بىلىشلىرىمنىڭ ماڭا «ئامېرىكا جاھانگىرلىرىنىڭ دامىغا چۈشمەسلىك، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماسلىق، توغرا-خاتا، ھەق-ناھەق مەسىلىلىرىدە زامانغا بېقىپ ئىش تۇتۇش، ئىلاج قىلىپ قايتىپ كەلمەسلىك، ئامېرىكىغا بارغانلىقىمنى ھىچ كىمگە دېمەسلىك، تۈركىيەگە بارغانلىقىم ھەققىدە تىۋىش چىقارماسلىق، توردا قالايمىقان ماقالە يازماسلىق، مەكتەبتىن چىقماي، گەپ قىلماي، جىمجىت ياشاش..» ھەققىدە نەسىھەت قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىگە ئىشەنچىم كامىل.
              ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن بېيجىڭدا تۇرۇپ قالغان مەزگىلىمدە مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرىستىتىدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىم لېكسىيەگە تەكلىپ قىلدى. ئۆزەمنىڭمۇ مېڭىش ئالدىدا ئۇستازلىرىم ۋە كەسپداش ئېنى-سىڭىللەر بىلەن مۇڭدۇشۇش ئىسىتىكىم بولغاچقا تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان بۇ بوغۇنلارغا ماسراق قىلىپ «ئىچكىرىدە ئوقۇش ۋە مۇۋەپپەقىيەتتىكى ئىچكى ئېنىرگىيە» دېگەن تېمىدا لېكسىيە بەرمەكچى بولدۇم. قويغان تېمام ئوقۇغۇچىلىرىمغا ياقتى. لېكسىيە دۈشەنبە كەچكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاساسىي مەزمۇنىنى خەنسۇچە يېزىپ بەردىم. دۇشەنبە چۈشتە خەۋەر كەلدىكى «لېكسىيەم تەستىقلانماپتۇ». بەلكىم بۇ مېنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشۇم بىلەن باغلانغاندۇ؟ ياكى ئۇستازلىرىم بەش يىل ئەنسىرىتىپ ئۆتكەن پائالىيەتچان ئوقۇغۇچىسىنىڭ لېكسىيىسىدىن خەۋپسىرىگەندۇ؟ ئاڭلىسام ئامېرىكىدىن كەلگەن مەلۇم ئۇيغۇر ئالىمنىڭ لېكسىيىسىنىمۇ تەستىقلاشمىغانىكەن، شۇڭىمۇ ھەيران قالمىدىم. ئەمما ئىچىم يەنە بىر مەرتە ئاچچىققا تولدى.
              ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ شاراپىتى بىلەن پروپپىسسورلۇق شەرىپىگە مۇيەسسەر بولۇپ، ھەقسىز ئوقۇتىمىز دەپ ئەڭ ئېسىل شارائىتقا، ئەڭ ياخشى بالىلارنى يىغىۋالغان شۇ تۆت توك-توك زىيالىنىڭ قىلىۋاتقانلىرى مېنى بۇرۇنلا بەزدۈرگەچ باشقىچە ئويلاشقا پېتىنالمىدىم. پەقەت ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىنىڭ ھەممە گۇناھنى مىللەتكە ئارتىپ، بارلىق رىيال پىشكەللىكنىڭ مەنبەسىنى ئۇيغۇردىكى نۇقساندىن ئىزدەيدىغان مۇدا خاھىشقا مايىللىقى يۈرۈكۈمنى ئەزدى. ئۇستازنىڭ «بىز تېخىچە ئۇيغۇر زۇلۇمىدىن قۇتۇلمىدۇق!» دېگەن سۆزى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ مېنى نەشتەردەك چاقماقتا ئېدى. بېيجىڭدىن نۇرغۇن جاۋابسىز سۇئاللار ۋە ئازابلىق خىياللارنى يۈدۈپ چىكاگۇغا ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا قەدەم باستىم.

    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghurqamus.com/read.php?tid=244
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: