版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/102556033.html

    يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش -1


    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئەمىن


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مۇندەرىجە:
    (1) مۇقەددىمە: بىباھا خەزىنە ۋە ھىكمەتلىك تېپىشماق
    (2) ئۈچ چوڭ ئىقتىدار ۋە ئۈچ ئۇلۇغ قىممەت
    (3) يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى
    (4) ئۈچ خىل مىللەت ۋە مىللىيەتلىكتىكى ئۈچ خىل قىممەت
    (5) تۈركۈم ئېڭى ۋە ئۇيۇشۇش كۈچى
    (6) ئەنئەنە ئىزچىللىقى ۋە يېڭىلىق قىزغىنلىقى
    (7) نەزەرىيىۋى تەپەككۈر-رىقابەت جەڭگاھىدىكى كۇچتۇڭگۇر
    (8) خاتىمە: ئاچچىق ھەقىقەت، چەكسىز مۇھەببەت
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

              (1) مۇقەددىمە: بىباھا خەزىنە ۋە ھىكمەتلىك تېپىشماق

              ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
    --- خىيال دەپتىرىمدىن

              ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
              «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ «مۇھاكىمە» سەھىپىسىدە «يېڭى يىپەك يولى» ئۇپۇق سىزىقىغا كۆز تاشلاپ، «روھنى ساغلاملاشتۇرۇش-مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى»، «ھەسەتھورلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار»، «مىللەتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجىكى»، «كەلگۈسى بۇ يەردىن باشلىنىدۇ»، «يىپەك يولىدىكى توققۇز ھەكمەت »، «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» قاتارلىق ماقالە تىمىلىرىدا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى سىزگە يەتكۈزۈپ كەلدىم. شۇنىڭدىن بىرى مانا ئالتە يىل ئۆتۈپ 90-يىللارنىڭ بەشىنچى يىلىغا كىرىپ كەلدۇق. كېلىۋاتقان يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىدا كەلگۈسى ھەققىدە ئەمەس، يەنىلا خەلقىمىزگە نەچچە مىڭ يىل سۈتئانا بولغان ئۆتمۈش ھەققىدە، بىز ياشاپ كەلگەن، بىزنى يېتىلدۈرگەن، ئەمما بىز ئۇنى راسا چۈشىنىپ كېتەلمىگەن قەدىمكى يىپەك يولى ھەققىدە قايتا ئويلىغانلىرىمنى سىزگە يەتكۈزگۈم كەلدى.
              دەرۋەقە، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەسۇرلۇقىنى ئارسلان، پەرۋازىنى لاچىن قىلىپ، شۆھرىتىنى ئىپاردەك تاراتقان ۋە ئەزىز ۋەتىنىمىز باغرىدا خۇددى ئۈنچە-مارجانلارغا لىق تولغان دەريادەك نەچچە مىڭ يىل ئاققان قەدىمكى يىپەك يولىنى قۇم بارخانلىرى تەكتىگە كۆمۈپ قويۇپ، نىمىدىن ئايرىلىپ، نىمىگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭقىرالماي، مانا بەش ئەسىرنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق. بۇ بەش ئەسىرنىڭ ۋاقىت تىزمىلىرىغا نەزەر سالساق، كۆڭلىمىز غەشلىككە تولۇپ، كۆزىمىزگە ياش كېلىدۇ.
              بۇ يىللاردا بىزدىن كۆز يورۇتقان بابارەھىم مەشرەپ، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللا خارابى، ئابدۇقادىر داموللام(ئەزىزى)، مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئىرپان بۇلاقلىرىمىزنىڭ ئاقىۋەتلىرى قان لەھەتلىرى بىلەن تۈگەللەندى. بۇ يىللاردا بىزنىڭ تۇرمۇش ھالاۋىتىمىز، بەخت-سائادىتىمىز خۇددى ئەركىنلىك جەڭچىلىرى سادىر پالۋان، نۇزۇگۇملارنىڭ قوشاقلىرىدا ئىپادىلەنگەن نادامەت نالىسى ۋە زالالەت ئىڭرىشى بىلەن ئالماشتى. نىياز ھەكىمبەك، مەھمۇد پوچى، يۈسۈپ چاڭموزا، تاز مەزىن ۋە ئابدۇغوپۇر داموللا شاپتۇلدەك قاندا سەمرىگەن ئاسىي-مۇناپىقلار ئار-نومۇسىمىزنى ئىچىمىزگە يۇتۇشقا مەجبۇر قىلدى.
              بىز قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا ئويلانماي، بىكىنمىچىلىك جاھالىتىدە ئۆتكەن يېقىنقى بەش ئەسىرنى قايتا ئويلانماي، ئۇلارنى ئىلغىماي قارا-قويۇق بىر لەھەتكە كۆمۈپ قويۇپ، كەلگۈسى يېڭى ئەسىرگە، يېڭىدىن ھۆسن-جامالىنى تۈزەۋاتقان «يېڭى يىپەك يولى»غا قانداق قەدەم قويالايمىز؟!
              خەلقىمىز خۇددى «ساتكو» ناملىق ھىكايىدە سۆزلەنگىنىدەك ئۇيقۇ قۇشنىڭ:
              «ئۇخلا! تىنچ ئۇخلا! ئۇيقۇ-بەخت دېمەكتۇر» دېگەن ئەپسۇنكەش سۆزلىرىدىن خىرامانلىشىپ، «ئەسھابۇلكەھف»دەك غار ئۇيقۇسىدا ۋەھىمە ئاگاھلىقىنى يوقىتىپ قويدى. دەل مۇشۇ چاغدا مۇنداق بىر ۋەقە سادىر بولدى:
              1880-يىلى بۇخارادىن غۇلام مۇھەممەت قاتارلىق ئۈچ سودىگەر يولغا چىققان. ئۇلار قالقاساي تاغلىرىدا كىردۇ-كافۇر قەبىلىسىدىن چىققان قاراقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ئېلىپ كىتىلىۋاتقاندا، چەكسىز تاغلار ئىچىدە بىر ئۆڭكۈرگە ئۇچراشقان. قاراقچىلار ئۇلارنى ھەيدەپ بۇ ئوڭكۇرنىڭ ئىچىگە كىرىشكەن. قاراقچىلار بۇ ئۆڭكۈردە ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇتتىن ئىشلەنگەن، كۆز قاراشتۇرۇپ تۇرىدىغان نەچچە يۈزلىگەن نەپىس-ئوبرازلىق بۇيۇملارنى كۆرۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ، بىر-بىرى بىلەن مال-دۇنيا تالىشىپ قانلىق جىدەللىشۋاتقان پەيتتە قاچقان بۇ ئۈچ نەپەر سودىگەر ئامۇ دەرياسىنىڭ ئافغان چەگىرىسىدىكى ئىقلاس زاستاۋكىسىغا كېلىپ ئەنگلىيىلىك ف.ن. باتونغا خەۋەر قىلغان. كاپىتان قوشۇن باشلاپ كېلىپ قاراقچىلاردىن بۇ ئاسارە-ئەتىقىلەرنى قايتۇرۇۋىلىپ، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ۋە ھازىرقى كۈندىمۇ بىرىتانىيە مۇزېيىدا مەخسۇس پاۋلىون بولۇپ تۇرغان بۇ «ئوكساس(ئامۇ دەريا) خەزىنىسى»، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىسىدىكى-بۇنىڭدىن 2400 يىل بۇرۇنقى ئىمپىرىيە خەزىنىلىرىدىن بىرى ئىدى.
              «ئوكساس(ئامۇ دەريا) خەزىنىسى»نىڭ تېپىلىشى ئەپسانىۋى «ئاتلانتا ئارىلى» چۆكمىسىنى تېپىش خىيالىدا يۈرگەن ياۋروپالىقلارنىڭ مەركىزىي ئاسىيانى ئارخىئولوگىيىلىك قىدىرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىۋەتتى. خۇددى ۋولقاندەك ئۆرلەپ چىققان بۇ شۆھرەتلىك قىدىرىش ئېقىمىغا ئىمپىراتور-كاروللار، بانكىر-تەۋەككۈلچىلەر، سەيياھ-مىسسىيونىرلار تاقەتسىزلىك بىلەن ئۆزىنى ئېتىشتى! ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىلا ئېچىلغان، مىلادىدىن بىر ئەسىر ئىلگىرى پارتلىغان ۋىزوۋىي يانارتاغ ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن پىلىنونىڭ «تەبىئەت تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە «يىپەك ئېلى يولى» دەپ تىلغا ئېلىنغان بۇ قەدىمكى ياۋروپا-ئاسىيا كارۋان يولى بىردىنلا شۆھرەت كۆكىگە كۆتۈرۈلدى. نېمىس ئالىملىرى فەردىناد.ۋون. رىھتوفىن (1905-1883) بىلەن ئەبەرت. ھەلمان پىلىنونىڭ قەدىمكى ئىبارىسىگە يېڭى ھوسىن قوشۇپ «يىپەك يولى» دېگەن مەپتۇنكار نامنى ئوتتۇرىغا قويدى! گرۇنىۋىدەل، ستەين، لەكوك، پىلليوت قاتارلىق «يىپەك يولى» قىدىرغۇچىلىرى خوتەن، لوپنۇر، شورچۇق، كۇچا-باي، توققۇزساي، تۇرپان، دۇنخۇاڭ مەدەنىيەت نۇقتىلىرىدىكى جاۋاھىراتلارغا ئاچكۆزلۈك بىلەن يوپۇرۇلدى. ئۇلار رىقابەت رەشىكىدە بىر-بىرىگە قورال كۆتۈرۈپ چىقىشقىچە بېرىپ يېتىشتى! مەركىزى ئاسىيا زىمىنى ئاساسىي چەمبەر قىلىنغان بۇ قىدىرىش تاكى يېقىنقى يىللاردا ئامۇ ۋادىسىدىن ئىككىنچى «ئوكساس (ئامۇ دەريا) خەزىنىسى»--كوشان-ئۇلۇغ توخار ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان تۈرك نەسىللىك پادىشاھ كۇچۇلا كادىپىسنىڭ ھەشەمەتلىك ئالتۇنلۇق-قەبرىگاھىنى تاپقانغا قەدەر ئورخۇن-بايقالدىن كوپىت-زەرەپشانغىچە، قاراقوتۇ-دۇنخۇاڭدىن ئەسكى قورغان-چىرچىققىچە كەڭ-كۇشادە ئېلىپ بېرىلدى.
              مانا، يىپەك يولى باغرىدىكى بىباھا خەزىنە!
              مانا، يىپەك يولى قىزغىنلىقىغا سەۋەب بولغان ماددىي مەنپەئەتدارلىق قىممىتى!
              يىپەك يولىدىكى بۇ بىۋاسىتە قىممەت ۋە ئۇنىڭغا قارىتىلغان ھارارەتلىك، ئەسەبىيلەرچە قىزغىنلىق ئادەتتىكى تەپەككۇر ئۈچۈنمۇ چۈشىنىشلىكتۇر. ئەمدىكى گەپ، موجىزىدار، مەپتۇنكار، سىھىرلىك يىپەك يولىدىكى تەپەككۇر ھىكمەتلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئېچىشتا قالدى. بىز ئەجدادلىرىمىز ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىنى-يىپەك يولىنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدۇق. ئۇنىڭ قىسمەن بايقىلىشىدىن ئالەمشۇمۇل زىلزىلە قوزغالغانلىقىنى ھېس قىلساقمۇ، ئۇنىڭ تەكتى ئەسرادا قالغان تەپەككۇر ھىكمەتلىرى تىخى سىرلىق، ھەتتا بۇ جەھەتتە دادىل ئېغىز ئېچىشمۇ ۋەھىمىلىك بولغان تېپىشماق بولۇپ تۇرماقتا.
              بىلىش ھاجەتكى، نۇرانە كەلگۈسى ئامۇ، سىر، يەنسەي، تارىم تاش-تۇپراقلىرىدىن چىققان، چىقىدىغان جاۋاھىراتلار خەزىنىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولى باغرىدىكى تەپەككۇر ھىكمەتلىرىنىڭ خەزىنىسىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلىدۇ. ئۆتمۈشتىن قالغان ۋە ئۆتمۈشكە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ قىممەتباھا جاۋاھىراتلار خەزىنىسىنىڭ تەكتىدە، ئۆتمۈشتە جۇغلانغان ۋە كەلگۈسىگە رەھنىمالىق قىلىدىغان ئۆلمەس مەنىۋىي خەزىنە يېتىپتۇ. ئۇنىڭ تېپىشماقلىرىدا كەلگۈسىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى ساقلانغان!

    1995-يىلى يېزىلدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    (2) ئۈچ چوڭ ئىقتىدار ۋە ئۈچ ئۇلۇغ قىممەت

              ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان خەلق، ئۇنداق تارىخنى يارىتىشى مۇمكىن. ئەمما ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى مۇمكىنلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلدىكى ئىجادىيەت سەمەرىلىرى بىلەن ئىسپاتلانغان قىممەتتۇر. 
    ---خىيال دەپتىرىمدىن

              ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
              يىپەك يولىنى «جاھاننامە» قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئۆز-ئۆزىنى كۆرۈش، يىپەك يولىنىڭ ئۇلىغا كۆمۈلگەن تېپىشماقلىرىنى يېشىپ، ئۇنىڭدىن ئەقىل چىرىغىنى يېقىش ئۈچۈن خەلقىمىزگە ئىككى نەرسە كېرەك.
              ئۇنىڭ بىرىنچىسى، تارىخىي ئىپتىخار ۋە ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان ئىشەنچتىن ئىبارەت.
              ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، تارىخىي خاراكتىرلىك نومۇس تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭدىن يارالغان جاسارەتتىن ئىبارەت.
              قەدىمكى يىپەك يولىنى ئۇنتۇپ كەتكەن ۋە يېڭى يىپەك يولى بوسۇغىسىدا تەمتىرەپ تۇرغان خەلق ئۈچۈن بۇ ئىككى روھى زىلزىلىنىڭ ھېچ بىرىمۇ كەم بولماسلىقى كېرەك. روشەنكى، ئىپتىخار تۇيغۇسى بولمىغان قەلبتە نومۇس ئېڭى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ۋەھالەنكى، نومۇس ئېڭى ھەقىقىي ئىنسانىي ئىپتىخارنىڭ بىرىنچى ئىستىھكامىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
              شەك-شۈبھىسىزكى، يىپەك يولىنى مەركىزى ئاسىيادا «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى»نى ياراتقان ئەجدادلىرىمىز ئاچقان! ئۇلار دەسلىپىدە تۈپتۈز ۋادىلار ياكى دەشت-جەزىرىلەردىكى رەسمىي كارۋان يوللىرى ئارقىلىق ئەمەس، تاغ-جىلغىلارنى تاغ-جىلغىلار بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان تاغ يوللىرى ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن كېيىن پايانسىز يېيىق-يايلاق يوللىرى ئارقىلىق، ئاخىرىدا بوستان يوللىرى ئارقىلىق قەدىمكى ئۇلۇغ كارۋان يولىنى ئېچىپ، قەدىمكى ئۈچ قىتئەنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇردى، تونۇتتى. قاراڭلار، ئالتاي-تارباغاتاي تاغلىرى، تەڭرىتاغلىرى، ئالتۇنتاغ، قاراقۇرۇم-كوئىنلۇن تاغلىرى پامىردا قوشۇلۇپ، ھىندىقۇش، كوپىت، كاپكاز تاغلىرىغا قاراپ سوزۇلغان ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مىسلىسىز تاغ ئومۇرتقىسىدا ھېلىمۇ قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيالىق تۇرانلارنىڭ ئەۋلادى ياشاپ تۇرۇپتۇ!
              مېنىڭ جانىجان خەلقىم--قەدىمكى رىۋايەتلەر بىلەن قوليازمىلاردا، ھازىرقى جانلىق تۇرمۇش بىلەن تەنتەنىلىك لەۋھەلەردە «ئۇيغۇر» نامى بىلەن شۆھرەتلەنگەن خەلق يىپەك يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، مۇرەككەپ مۇناسىۋەتلەر گىرەلەشكەن ئۆتكۈر رىقابەت جەڭگاھىدا ياشاپ، يىپەك يولى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى خەزىنىسىگە ئۆزىنىڭ ئىرپان ھۈجەيرىلىرىنى قاتقان. ئۇلار «قۇت» ئىزگۈلۈكىنى قەلبىگە پۈكۈپ، تاغ-جەزىرىلەردىن ئېشىپ، مەغرىب-مەشرىق ئىستىھكاملىرىدىن ئۆتۈپ، يىراق زىمىننىڭ «سىم تانابى»نى تارتىپ، مۇساپىرەت مەنزىلگاھلىرىدىن بوستانلار، مۇساپىرلىق سەرگۇزەشتىلىرىدىن داستانلار يارىتىپ، بېكىنمە ۋە يېرىم بېكىنمە ھالەتكە مايىل ناتونۇش خەلقلەر ۋە مەدەنىيەتلەرنى بىر-بىرىگە تونۇشتۇرۇپ، ھەقىقىي يورۇق جاھان تارىخى ۋە كىشىلىك ئالاقىلىرىگە ئەبەدىيلىك تۆھپىلىرىنى قوشتى.
              ئۇلار ئۆزلىرىدە ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان ئىدى. ئۇ بولسىمۇ: چارۋىچىلىق، دىھقانچىلىق ۋە يىپەك يولى خەلقئارا سودىسىدىكى پاالىيەتچانلىق ئىقتىدارى ئىدى. دوكتۇر ماسۇداھىساۇ «قەدىمكى تەڭرىتاغ تارىخ-جۇغراپىيىسى» دېگەن كىتابىدا توغرا ئېيتقان: مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ نوقۇل پادىچى قوۋم بولماستىن، يەنە سودا ئالاقىلىرىنى قوزغىتىش خاراكتىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ بوستان خەلقلىرىنىڭ نوقۇل تېرىقچىلار بولماستىن، يەنە سودىگەرلىك خاراكتىرىنى ئالغانلىقىنى، ئۇلار قۇرغان چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سودا-تىجارەت مەملىكىتى خاراكتىرى ئالغانلىقى ئۇلاردا يىپەك يولى سودا ئالاقىلىرىنى ئۆز ئىلىكىدە تۇتۇش ۋە سودا ئالاقە چەمبىرىنى كېڭەيتىش خاھىشىنى كۈچلۈك ئىپادىلىدى.
              «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز» دېگەندەك يىپەك يولىنىڭ ئۇلىنىش ياكى ئۈزۈلۈش ھالقىسى بولغان ئوتتۇرا بەلۋاغقا بېكىنمىچىلىكتىن خالى، ئۈچ چوڭ ئىقتىدارنى ھازىرلىغان، مىھماندوست ۋە جاھانساز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جايلىشىپ، پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى پۈتۈن يىپەك يولىنىڭ ئامىتى ۋە بەختى بولغان ئىدى. نەتىجىدە، يىپەك يولى ئۈچ ئۇلۇغ قىممەتكە ئىگە بولدى.
              ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئەنئەنىۋى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ خەلقئارا قىممىتىدىن ئىبارەت.
              ئېيتىش كېرەككى، يىپەك يولىنى ئاچقان ۋە تۇتاشتۇرغان، يىپەك يولىنىڭ مەركىزى ھالقىسىدا ئۆزىگە خاس يەرلىك مەدەنىيەت ياراتقان ئەجدادلىرىمىز مىلادىيىدىن ئىلگىرىلا ئۆز مەدەنىيەتلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلەنگەنلىكىنى تاماشا قىلدى. ئۇلارنىڭ «تۆت زات قارىشى» ۋە ئىپتىداىي تىبابەتچىلىك تەجرىبىلىرى گرىكلارنىڭ «تۆت قىزىس»، ھىندىلارنىڭ «چار ۋاقا» قاراشلىرى بىلەن خەنزۇلارنىڭ «خۇاڭدى سۇۋىن» دەستۇرىدا ئىپادىسىنى تاپقان. ئۇلارنىڭ ئاتچىلىقى، ئاتقا مىنىپ جەڭ قىلىشى، چەۋەندازلىقى، ئۆتۈك شالۋۇر كىيىملىرى، مىتال تەسۋىرىي سەنئەت ھۈنەرپەزلىكى، مەي ۋە تائام تىخنىكىسى، كىيىم مەدەنىيىتى، ناخشا-ئۇسۇل سەنئىتى، كارۋانكەشلىك تىجارىتى يىراق-يېقىندىكى خەلقلەر ۋە ئەللەر تەرىپىدىن قىزغىن قوبۇل قىلىنغان. ئۆز ئەپسانىلىرىدە قۇياش ئىلاھى ئاپوللونى ئات قوشقان پەيتۇن ھارۋىدا ئولتۇرۇپ، شەرقتىن غەربكە چېپىپ چىقىدۇ، دەپ تەسۋىرلىگەن گرىكلار تاكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين زامانىسىغىچە ئات قوشقان ھارۋىدا جەڭ قىلىشاتتى. مىلادىيىدىن ئۈچ ئەسىر ئىلگىرى پادىشاھ جاۋۇلىن «ھۇن كىيىمى»نى كىيىپ، ئاتلىق قوشۇن تۈزۈش ھەرىكىتى قوزغىدى. چىن شىخۇاڭ ئاتلىق قوشۇن ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ ئۆز رەقىبلىرىدىن غالىپ چىقتى. خەن ۋۇدىنىڭ پەرغانىغا قوشۇن ئەۋەتىشىمۇ، ھەرقايسى سۇلالىلەرنىڭ ئات-دۇردۇن سودىلىرىمۇ يەنىلا «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» ياراتقان دۇنياۋى قىممەتنى پىشاڭ قىلغان ئىدى. ھون ئاۋارلارنىڭ رىم ئىمپەرىيىسىنى ھالاك قىلىشى. سالجۇق تۈركلىرى، چىنگىزخان ئارىلاشما قوشۇنلىرى، ئەمىر تۆمۈر ۋە بابۇر چەۋەندازلىرىنىڭ ھىندىقۇش-ئەلبۇرس ئىتەكلىرىدىكى تەنتەنىلىرى «ئاتلىقلار مەدەنىيىتى» ئەنئەنىلىرىنى ئۇل قىلغان ئىدى. ھازىرقى جاھان خەرىتىسىنىڭ ئىتنىك تەركىبى، چېگرا سىزىقلىرى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىدىغان رەڭ بوياقلارنىڭ تەكتىگە ئات تاقىسى كۆمۈلگەن! كىيىم-كىچەك، زىبۇ-زىننەت، ناخشا-ئۇسۇل مەدەنىيەتلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى شۆھرىتى سۈي-تاڭ پادىشاھلىرى، ئەرەب خەلپىلىرىنىڭ مەھلىيالىقلىرىنى قوزغاپ، ئوتتۇرا ئەسىر يىپەك يولى كۆكىدە چاقنىغان زەر ساليوت فونتانلىرىغا ئايلانغان.
              ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلبىغىنىڭ خەلقارا مەدەنىيەت كارىدورى بولۇش قىممىتىدىن ئىبارەت.
              ئېيتىش كېرەككى، يىپەك يولى گۈللەنگەن ئۇزاق ئەسىرلەر داۋامىدا غەربىي يۇرت بوستانلىقلىرى يالغۇز چارۋىچىلىق-ئاتچىلىق، دىھقانچىلىق، ھۈنەرسازلىق، ئىچكى ۋە خەلقئارا سودا-تىجارەتنى بىر گەۋدە قىلغان ئىگىلىك سىستىمىسى مىخانىزىمىنى ئىشقا سېلىپ، گرېك-رىم، ئىران-ھىندىستان، تۇران ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت چەمبەرلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تەڭداشسىز كارىدورغا ئايلىنىپلا قالماستىن، ئۇ يەنە ھىندى-ياۋروپا تىللىرى، ئورال-ئالتاي تىللىرى، خەن-تىبەت تىللىرى بىلەن، بۇ تىللارنىڭ نۇرغۇن گۇرۇپپىلىرىغا مۇناسىپ يېزىقتىكى دەستۇرلار توپلانغان ئالەمشۇمۇل مەدەنىيەت مەركىزى ۋە تىل-يېزىق پاۋلىونىغا(كارىدورىغا) ئايلاندى. بۇ زىمىن يەنە ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەتلەرنى مۇجەسسەملەشتۈرگۈچى ھىكمەت سىستىمىلىرى بولغان زورو ئاستىر، مانى، بۇددا دىنلىرى بىلەن ئىسلام دىنى تەشەببۇسلىرىنىڭ، شەرق-غەرىپ تەبىئەت ۋە تىبابەت ئىلمى نەتىجىلىرىنىڭ جۇغلانما خەزىنىسىگە ئايلاندى. ئالەمدە ئىككىنچى بىر زىمىن مۇنداق جاۋاھىراتلار مۇجەسسەم دەرگاھ شاراپىتىگە نەسىپ بولمىغان بولسا كېرەك. ئويلاپ كۆرۈڭچۇ، بىر قاتار ئۆتمۈش تېپىشماقلىرىنىڭ يىشىلىشى ۋە كەلگۈسىنىڭ باشلىنىشى ھەقىقىي قىممەت ئەتىبارى بىلەن بۇ مۇبارەك زىمىنغا تۇتىشىدىغانلىقى ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك بولمىسا كېرەك.
              ئۇنىڭ ئۈچىنچىسى، غەربى يۇرتتا تاۋلىنىپ چىققان مەدەنىيەتتىكى قوشۇلما قىممەتتىن ئىبارەت.
              ئېيتىش كېرەككى، بىزنىڭ شۆھرەتلىك ئاتا-بوۋىلىرىمىز نوقۇل «كارۋانكەش» ياكى نوقۇل «سارايۋەن» بولغىنى يوق. ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپى ئاساسىدا تۇرۇپ، شەرق-غەرپ مەدەنىيەتلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان قىسىملىرىنى قوبۇل قىلدى، ئۆزگەرتتى. ئۇنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ ئىرسىيەت ئۆزىكى ئاساسىدا ئۆزلەشتۈردى. نەتىجىدە پۈتۈنلەي يېڭى ئۇسلۇب-«غەربى يۇرت ئۇسلۇبى» شەكىللەندى. بىز بىناكارلىق، ھەيكەلتاراشلىق، رەسساملىق، تەرجىمىشۇناسلىق، ئەدەبىيات، دورىگەرلىك قاتارلىق مەدەنىيەت نەتىجىلىرىمىزدىن مۇنداق قوبۇل قىلىپ، ئېشىپ كېتىش خاراكتەرلىك ئالاھىدە قىممەتنى بايقىۋالالايمىز.

    1995-يىلى يېزىلدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    (3) يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ زۆرۈرلۈكى
                                   
              يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىشنىڭ تارىخى قىممىتى ئۆتمۈشكە تەنتەنە قىلىش ئىستىكى بولماستىن، بەلكى رىئاللىق قوينىدا يېتىلىۋاتقان كەلگۈسى تەقدىرنىڭ تەخىرسىز زۆرۈرىيەتلىرىدىن ئىبارەت. شۇ سەۋەبلىك ھەقىقىي تارىخچى- بىرىنچىدىن، مەدەنىيەتشۇناس، ئىككىنچىدىن، كەلگۈسىشۇناستۇر.
    ---خىيال دەپتىرىمدىن

              ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
              يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ھالال ۋىجدان، تارىخى جاۋابكارلىق ۋە سەمىمىي ھەمدەملىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەنىۋى ئەمگەكتۇر.
              يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش-قەدىمكى يىپەك يولىدا جارى قىلىنغان ۋە يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ نۇرانە جىلۋىسىنى گەۋدىلەندۈرەلمىگەن ئىجادىيەت ۋە رىقابەت ئىقتىدارىمىز ھەققىدىكى ئومۇميۈزلۈك، تىرەن، ئىلھامبەخش قايتا ئويلىنىشنى مۇقەددىمە قىلىشى كېرەك! بەش ئەسىرلىك قاتتىق ئۇيقۇدىن كېيىن، قېقىلىپ-سوقۇلۇپ، يېڭى يىپەك يولى ئالامەتلىرى ئالدىدا كىيىكتەك چۆچۈپ، ئېغىر خورلۇق ۋە ئۆزىنى كەمسىتىش روھىيىتىدە قورۇنۇپ تۇرغان خەلقىمىزگە ئۇنىڭ ئەجدادلىرى ياراتقان تەڭداشسىز مۆجىزىلەرنى تونۇتۇش ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ تۇنجى خىزمىتىدۇر.
              مەيداندا مەردانە ۋارقىراپ ئېيتىش كېرەككى، ئۇلار بۇ شۆھرەتلىك تارىختىن خەۋەردار بولۇشقا ھوقۇقلۇق! ئىپتىخارلىق تارىخ-نومۇس ۋە ئىپتىخارنى پەرق ئېتىش قابىلىيىتىنى يوقاتمىغان مىللەت ئۈچۈن «ئابى ھايات» ۋە «ئەيسا دىمىدىسى!»، ھەتتا قەيسەرانە جاسارەت ئويغاتقۇچى نوپۇزلۇق ئاڭدۇر! ئۇنىڭغا تىلەكداشلىق ئىنسانى قەلىپنىڭ ئەقەللىي بىشارىتى، ئەلۋەتتە.
              ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىنى قايتا بايقاشقا تۇتۇنغىنىغا 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت بولدى. ئەمما، بۇ ئاساسلىقى قىدىرىش تېپىلمىلىرى ئۈستىدىكى ئۇنداق ياكى مۇنداق تەتقىقات بىلەن چەكلەندى. يىپەك يولى ھەققىدىكى قايتا ئويلىنىش خەلقىمىزنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلدى. بىز بىلەن خەيرلىشىش ئالدىدا تۇرغان 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا خەلقىمىزدىن يېتىشىپ چىققان مەرىپەتچى زاتلار تەرەققىي قىلغان غەرب بىلەن غەپلەتتە ياتقان شەرقنى سېلىشتۇرۇپ يېڭىچە مائارىپ، يېڭىچە تەلىم، يېڭىچە تۇرمۇش مەدەنىيىتى تەشەببۇسلىرى بىلەن تارىخ سەھنىسىگە چىقىشتى. ئۇلار گەرچە پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق تەشەببۇسلىرى مەدەنىيەت تارىخىمىزنىڭ 30-يىللاردىن كېيىنكى يېڭى قاتلىمىنى بېزىدى. بىز شۇ قاتلام مۇھىتىدا يېتىلدۇق. ۋەھالەنكى، بۇ مەرىپەتچى زاتلار تىخى ئۆز-ئۆزىمىزنىڭ قەدىمكى يىپەك يولىدا ياراتقان شانلىق تارىخىمىزنى قايتا ئويلاش، ئۇنىڭدىن يېڭى مەرىپەت قۇدرىتى ھاسىل قىلىشنى ئۆز تەشەببۇسلىرىغا تىماتىك سەرلەۋھە قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەنىدى. بۇ ھەر قايسىمىزنىڭ تارىخى نەسىۋىمىز بولۇپ قالدى!
              20-ئەسىر ئاخىرلىشىپ، يېڭى ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرى بولغان 21-ئەسىر سائىتى سىكۇنت ساناشقا بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت قالغان مۇشۇ يىللاردا ئۆز ئەقىل-پاراسىتىنى يوقاتمىغان، بولۇشىچە جان بېقىش كويىغا چۈشمىگەن زەكىلىرىمىز ئالدىدا پىكىر تىمىلىرى بىلەن تەپەككۇر ئوبيىكىتلىرى ھەر قاچانقىدىنمۇ نۇرغۇن. بىز قەدىمكى يىپەك يولىغا كۆمۈلگەن تەپەككۇر ھىكمەت خەزىنىسىنى ئاچقىنىمىز يوق. بىز يىپەك يولى خارابلاشقاندىن كېيىنكى بەش ئەسىر ۋە ئۇنىڭ روھىيىتىمىزگە ئۆزلەشكەن خۇنۈك ئىللەتلىرىنى ئوپىراتسىيە قىلغىنىمىز يوق. بىز چىقىپ كېتىۋاتقان مۇشۇ ئەسىرنى داغدۇغىلىق پاراڭلار ۋە شىرىن تاماقلاردىن خالى ھەقىقىي تەپەككۇر ئەينىكىدە تەلقىن قىلىپ يەكۈنلەشكە تۇتۇنغىنىمىز يوق.
              شۇنداق بولۇشىغا قارىماي تارىخنىڭ ۋاقىت تۇلپارى ئالدىمىزغا ئىككى ئالىپتە نەرسىنى قويدى: ئۇنىڭ بىرى، يېڭى يىپەك يولى. ئۇنىڭ يەنە بىرى، يېڭى ئىرانىڭ بىرىنچى ئەسىرى بېشىدىكى مەرىپەتچى زاتلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلىغان ھەلقى ئۆرنەكلەر جىلۋىلەنمىدى، شەرققە تىكىلىپ قارىساق، شەرق ئاسمىنىدا كۆرۈنگىنى پەقەت غايە بوھرانلىرى، ئاقچا ساراسىملىقى بىلەن مەي سىمفونىيىسى بولدى. تەپەككۇرىمىزنىڭ يۈكلىرى كۆپەيدى، «توققۇز كىلىننىڭ تولغىقى تەڭ تۇتتى.»!
              بۇ يەردە شۇنىمۇ قوشۇپ كېتەيكى، يېڭى ئەسىر بولغان 21-ئەسىر بىزگە ئۆتكەنكى 17-، 18-، 19-ئەسىرلەردەك دەخلىسىز تەبىئىي ئىگىلىك، ھەپتىلىك سەييارە بازار يەرمەنكىلىرى، ئەۋلاد-نەسەپ بويىچە ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق، باي-كەمبەغەللىكنىڭ ئادەتلەنگەن كۆنۈكمىلىرى، ئېتىقاد ئىزچىللىقى، بولۇپمۇ 20-ئەسىردەك دۇنيانى قاپلىغان يېڭىچە مەسلەك، ئاممىۋى ئىنقىلاب دولقۇنلىرى بىلەن كىرىپ كېلىۋاتقىنى يوق. ئۇ ئىگىلىك قېلىپلىرى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇللىرىدا كۈتۈلمىگەن كاتتا ئۆزگىرىش بىلەن كىرىپ كەلمەكتە. بۇ، خەلقىمىزنىڭ روھىيىتى ۋە پىكىر قېلىپلىرىنى ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.
              ئالدىمىزدا ئۈچ خىل پائالىيەت ئەھلى گەۋدىلىنىپ چىقتى:
              بىرىنچى خىل كىشىلەر، مىللەتنى قايتا ئويلاندۇرۇپ، ئۇنى قايتا ئويغۇتۇپ، مىللەت گەۋدىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئورۇنسىز مەغرۇرلۇق بېسىپ ياتقان بىر قاتار ئىللەت ۋە زەىپلىكلەرنى يېڭىپ مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى مۇجەسسەملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى قابىل ۋە قادىر ئىتنىك تۈركۈمگە ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلغان مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئەھلى. ئۇلار ھاقارەت ۋە خەتەر، بوھتان ۋە سۇيىقەست ئىچىدىمۇ ئۇيقۇ قۇشىنىڭ دۇرۇتلىرىغا دانكودەك ئۆز يۈرىكىنى مەشئەل قىلىپ ئىلگىرىلىمەكتە.
              ئىككىنچى خىل كىشىلەر، ئاللىقاچان ھازىرقى زامان سودا رىقابىتىنىڭ ئۇپقۇنلۇق قايناملىرىغا كۆكرەك كېرىپ چۈشكەن غەۋۋاس--ئۇيغۇر سودا-تىجارەتچىلىرىدىن ئىبارەت. ئۇلار قانچىلىك تەپەككۇر ھىكمىتىدىن بەھرىمەن ياكى ئەمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، سومىرلار، كىمىرى (سىمىليان)-سىكتايلار، ئارى-ھونلار، سوغدى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئاياغ باسقان قەدىمكى زىمىنلارغا ئۇرۇقتەك چېچىلدى. ئۇلار ھېچقانداق ھامىيلىق مەرھەمەتتىن بەھرىمەن بولمىغان، ئىستىخىيىلىك ھەرىكەتلىنىۋاتقان، سەرمايىسى چەكلىك مۇساپىر سودىگەرلەر دۇچ كېلىشى مۇمكىن بولغان ھەممە مۇشەققەت ۋە پىشكەللىكلەر ئىچىدە يېتىلمەكتە. ئۇلار مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى سادىر قىلىپ مەسخىرىگە ئۇچراپ، خەلقىمىزدىكى پەزىلەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ كىشىلەرنىڭ زوقىنى قوزغاپ، تۇرمۇشتىن تەنبىيە، تەجرىبىدىن تەلىم ئېلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئاجايىپ سودا-تىجارەت، مالىيە ئالاقە ماھىرلىرى بولۇپ چىققۇسى، ئۇلارنىڭ ئىزىغا يېڭى يىپەك يولىنىڭ بىر قاتار مۆجىزىلىرى تىزىلغان.
              ئۈچىنچى خىل كىشىلەر، بۇلار ئۈچ خىل ئىش بىلەن بارغانسېرى پائالىيەتچان بولۇۋاتقان كىشىلەردۇر. بۇ ئۈچ خىل ئىش: ئەمەل-مەنسەپ ۋەسۋەسىسى، پىتنە-ئىغۋا ھەسەتچىلىكى، كەيپ-ساپا چۈشكۈنلۈكىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئېرىشكەن ھالاۋەتلىرى ئىچىدە ئەڭ بىباھا نەرسىنى--ئۆزىنىڭ يورۇق دۇنيا ۋە ئۆمۈر مۇساپىسىدىكى ھەقىقىي ئىنسانىي قىممىتى ۋە تارىخىي ئىپتىخارىنى يوقىتىپ قويماقتا.
              شۇنداق قىلىپ، يېڭى يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى، يېڭى ئەسىرنىڭ يېقىنلاپ كېلىشى، يېڭى رىقابەتچان بازار ئىگىلىكى تۈزۈمىنىڭ قەد كېرىپ چىقىشى ھەممىمىزنى قوزغىتىۋەتتى. قاغىدەك قارغاپمۇ، مۈشۈك ياپىلاقتەك سۈرتەلەت كۆرسىتىپمۇ، تۆگە قۇشتەك بېشىمىزنى قۇمغا تىقىۋىلىپمۇ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بۇ زامان زۆرۈرىيەتلىرى ئالدىدا نېمىلەرنى ئويلىشىمىز كېرەك؟
              ئەلۋەتتە، ئويلىنىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى نۇرغۇن، شۇنداقتىمۇ ئەڭ يىلتىزلىقى--مىللەتنىڭ رىئال قىياپىتى، ھەقىقىي كىشىلىك قىممىتى، ئۇنىڭ ئۇنىۋىرسال رىقابەت ئىقتىدارى، ھازىرقى زاماندىكى ئۈچ خىل مىللەت دەرىجىسىدىكى ئورنىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىشتىن ئىبارەت.

    1995-يىلى يېزىلدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (داۋامى بار) http://uyghurqamus.com/read.php?tid=310
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: