版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/100782455.html

    2011-يىلى توقۇنۇش بولۇش مۇمكىنچىلكى بار دۆلەتلەر


              ئامېرىكا «دىپلوماتىيە ژۇرنىلى» تورى يېقىندا دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى ئانالىز قىلىپ، كېلەر يىلى ئۇرۇش پارتلاش ياكى ھەربىي توقۇنۇش بولۇش مۇمكىنچىلىكى بار دۆلەتلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
              (1) كوتېدىۋو. بۇ دۆلەتنىڭ 2011-يىلىدىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن قالايمىقان بولىدىكەن. چۈنكى ھازىرقى زۇڭتۇڭ بىلەن يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭنىڭ قوللۇغۇچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بولۇشى، ئەگەر سەللا دىققەت قىلمىغاندا، دۆلەت ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىنكەن.
              (2) كولۇمبىيە. ھازىرقى كولۇمبىيە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ 8000 غا يېقىن ئادىمى بولۇپ، ئۇلار يەنە كۆپىيىشى مۇمكىنكەن. ئۇلار زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان 30 غا يېقىن ساقچىنى ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇلارنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ھازىر يېڭىچە ئۇسۇل ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن قارشىلىشىۋاتقان ئىكەن. لېكىن ھۆكۈمەت ئۇلار بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلغان.
              (3) زىمبابۇۋې. زىمبابۇۋېدا 2008-يىلى مارتتا سايلام بولۇپ، زۇڭتۇڭ، پارلامېنت ۋە ھەر قايسى يەرلىك ھۆكۈمەت ۋۇجۇدقا كەلگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر بۇنىڭدىن نارازى ئىكەن.
              (4) ئىراق. ئىراقنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى 2007-يىلىدىكىدىن ياخشى بولسىمۇ، بۇ ھەرگىزمۇ خەۋپنىڭ تۈگىگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ھازىرقى ئاساسى خەۋپ قوراللىق كۈچلەر بولماستىن، ھەر قايسى سىياسىي كۈچلەر ئىكەن.
              (5) ۋېنسۇئېلا. 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا چاۋىس رەھبەرلىكىدىكى پارتىيە پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورنىنى يوقىتىپ قويدى. بۇ چاۋېسنىڭ كەلگۈسى، شۇنداقلا 2012-يىلى يەنە زۇڭتۇڭ بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بىراق چاۋىس ھازىرمۇ ئارمىيە ۋە ساقچىنى تىزگىنلەپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۆكتىچىلەر بولسا بۇنىڭغا نارازى.
              (6) سۇدان. سۇداندا 2011-يىلى 9-يانۋاردا جەنۇبىي قىسىم رايونلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئاۋازغا قويۇلىدۇ، بۇ ئىش سۇداننىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىشى مۇمكىن.
              (7) مېكسىكا. مېكسىكا زۇڭتۇڭى تۆت يىل بۇرۇن زەھەر ئەتكەسچىلىرگە زەربە بېرىش ھەركىتىنى قوزغىغاندىن بۇيان، 30 مىڭدەك ئادەم زەھەر ئەتكەسچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ ئىش بەلكىم بىر مەيدان ئىچكى ئۇرۇشنىڭ پىلتىسى بولۇشى مۇمكىن.
              (8) گىۋاتېمالا. مىكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى بىلەن زەھەر ئەتكەسچىلىرى ھازىر يېڭى بازار ئىزدەۋاتىدۇ، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇلار گۋاتېمالانى تاللىغاندەك قىلىدۇ. گىۋاتىمالا ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى توسۇش ئۈچۈن كەسكىن ئۇرۇش قوزغۇشى مۇمكىن.
              (9) ھايتى. غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ نامرات بۇ دۆلەتتە 2010-يىلى يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى، خولېرا كېسەللىكى تارقالدى. 2010-يىلى نويابىردا زۇڭتۇڭ ۋە پارلامېنت سايلىمى بولدى. ھەر قايسى نامزاتلارنىڭ قوللۇغۇچىلرى ھازىر بىر-بىرىنى ئەيىبلىمەكتە، قارشىلىق كۆرسەتمەكتە.
              (10) تاجىكىستان. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتى مۇقىم بولمىدى. بۇ دۆلەت ھازىر رادىكال قوراللىقلارنىڭ يېڭى ئۇۋىسىغا ئايلاندى.
              (11) سومالى. سومالى ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بارغانسىرى ئاجىزلىشىشى، قوراللىقلار كۆپ قىسىم زېمىننى ئىگەللىۋىلىشى مۇمكىن.
              (12) لىۋان. لىۋان ھازىر ئۇرۇش گىردابىغا بارغانسېرى يېقىنلىشىپ قالدى. ب د ت يېقىندا سابىق زۇڭلى ھەرىرىنىڭ قەستكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ. ھازىر لىۋاندا قوراللىقلار بارغانسېرى ئەدەپ، بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىگىلىدى.
              (13) نىگىرىيە. نىگىرىيەدە پات ئارىدا سايلام بولىدۇ. توقۇنۇش ھازىر بۇ دۆلەتتە قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى ئىش بولۇپ قالدى.
              (14) گىۋىنىيە. گىۋىنىيەدە يېڭى زۇڭتۇڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، زوراۋانلىق توقۇنۇشى ئەۋج ئالدى. كەلگۈسىنىڭ قانداق بولۇشىغا بىر نىمە دېمەك تەس.
              (15) كونگو. كونگودا 1998-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ئىچكى ئۇرۇشتا 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. گەرچە ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ۋەزىيەت يەنىلا مۇقىم ئەمەس.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    2011-يىلى ئۇرۇش پارتىلاش مۇمكىنچىلىكى بار دۆلەتلەر

    ئامېرىكا «دېپلوماتىيە سىياسىتى ژورنىلى»نىڭ پەرزىرى:
    2011-يىلى ئۇرۇش پارتىلاش مۇمكىنچىلىكى بار دۆلەتلەر
    يېڭىلا ئۆتۈپ كەتكەن 2010-يىلدا، يەر شارىدا جەمئىي 30 قېتىم ئەتراپىدا نىسبەتەن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش ۋە ھەربىي توقۇنۇش پارتىلىغان. بۇ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار زور مىقداردا ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تىنىچلىقىنىڭ كەلگۈسىگە قارا كۆلەڭگە تاشلىغان. ئامېرىكا «دېپلوماتىيە سىياسىتى ژورنىلى» تورى 2010-يىلى 28-دېكابىر پۈتكۈل يەر شارى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، 2011-يىلى پارتىلاش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇرۇش ۋە ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىدىغان دۆلەتلەرنى تىزىپ چىققان.

    1.كوتىدىۋا
    كوتىدىۋانىڭ 2011-يىلىدىكى ۋەزىيىتى ئىنتايىن چاتاق بولىدىكەن. 5 يىل كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن، كوتىدىۋا 2010-يىلى 10-ئاينىڭ31-كۈنى پىرىزدېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا، تۇنجى نۆۋەتلىك تىنىچلىق بىلەن بېلەت تاشلاش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى باھا بېرىشىگە سازاۋەر بولدى، ئەمما كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن رەسىمىي بېلەت تاشلاشتا، ۋەزىپىدە ئولتۇرىۋاتقان پىرىزدېنت گابو ۋە يېڭى سايلانغان پىرىزدېنت، كوتىدىۋانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئوتتارا ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇش يۈز بەردى، ئىككى تەرەپ بىر بىرىنى «سايلامدا كۆز بويامچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلىدى. ب د ت، ئافرىقا ئىتتىپاقى، غەربىي ئافرىقا ئىقتىساد ئورتاق گەۋدىسى، ئامېرىكا ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتارانىڭ سايلامدا ئۇتقانلىقىنى بىردەك ئېتراپ قىلدى، ئەمما بۇ ئارمىيە ۋە پارلامېتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن گابونىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرىشىنى توسۇپ قالالمىدى. گابو ۋە ئوتتارا ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى كابېنتىنى قۇرۇپ يېڭى باش مىنىستىر تەيىنلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ قوللىغۇچىلىرى كوچىلاردا كەسكىن توقۇنۇشتى، ھازىرغا قەدەر نەچچە ئونلىغان ئادەم ئۆلدى. ئەڭ يامان بولغىنى: گابو پىرىزدېنتلىق ھوقوقىنى يەنىلا كونترول قىلىۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش بۇ دۆلەتنى ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا تىقىپ قويىشى مۇمكىن.

    2. كولۇمبىيە
    كولۇمبىيە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ نۆۋەتتىمۇ 8000 دىن كۆپ قوراللىق خادىمى بار، قوللىغۇچىلىرىمۇ كۆپ. ھازىرقى پىرىزدېنت سانتوس ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، كولۇمبىيە پارتىزانلار ئەترىتى ھۇجۇم قىلىپ 30 نەچچە نەپەر ساقچىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بەزى ئالامەتلەر كولۇمبىيە پارتىزانلار ئەترىتىنىڭ كۈچلۈك ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇلار يېڭى ھەركەت شەكلى قوللىنىش ئارقىلىق كولۇمبىيە ھۆكۈمەت ئارمىيسى بىلەن قارشىلىشىشقا باشلىغان، كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مىنا ئورناتقان. تەھلىللەردە كۆرسىتىلىشىچە، «مەزكۇر پارتىزانلار ئەترىتىنى كولۇمبىيەدە يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەندى» دەپ قاراش خاتا ئىكەن، گەرچە كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قوراللىق تەشكىلاتنىڭ يەنىلا ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى بار ئىكەن.

    3. زىمبابۇۋى
    زىمبابۇۋى 2008-يىلى 3-ئايدا پىرىزدېنت، پارلامېنت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت بىرلەشمە سايلىمى ئۆتكۈزدى، ئەينى چاغدا ئۆكتىچى پارتىيە خەلق ئىنقىلابى ھەركىتى پىرىزدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىگە نارازى بولغانلىقتىن، سىياسىي كىرزىس كېلىپ چىققان، ھەر قايسى پارتىيەلەر ئارىسىدىكى زوراۋانلىق توقۇنىشى نەچچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 2008-يىلى 9-ئايدا، جەنۇبىي ئافرىقا تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ياراشتۇرىشى ئاستىدا، ھەر قايسى پارتىيەلەر ھوقوقتىن ئورتاق بەھرىمان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئۇمۇميۈزلۈك سىياسىي كېلىشىمگە ئىمزا قويغان ھەمدە 2009-يىلى 2-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرغان، ئەمما ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھوقوقنى تەقسىملەش قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلابى بولغاچقا، بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىچىدىكى كىرزىس ئۇدا ئاخىرلاشمىغان.

    4. ئىراق
    ئىراقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى 2007-يىلدىكىدىن ياخشى، ئەينى چاغدا ئىراقتا ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 ئادەم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرىدىكى بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان. ئەمما بۇ ئىراقنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىكەن. ئىراققا نىسبەتەن ئېيتقاندا، نۆۋەتتە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىد قوراللىق ئۇنسۇرلار ئەمەس بەلكى ئىراقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى. نەچچە ئايغا سوزۇلغان سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، ئىراقتىكى شىئە، سۈننىي ۋە كورد فرونتى ھوقوقنى بۆلۈشۈش كېلىشىمى ھاسىل قىلدى، كورد فرونتىغا تەۋە پىرىزدېنت تالىبانى كېيىن مالىكىنى يېڭى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ پىرىزدېنتلىقىغا تەيىنلەپ، ئىچكى كابېنت تەشكىللەش ھوقوقىغا ئېرىشتى. يېڭى ئىچكى كابېنت تىزىملىكىدە، ئالاۋېي يېڭى تەسىس قىلىنغان «دۆلەت ئىستراتىگىيە سىياسىتى كومىتىتى»نى كونترول قىلىپ، دۆلەت ئىستراتىگىيىسى ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئول بولدى. بۇ مەزھەپلەرنىڭ كۆپلىگەن ساھەلەردە مەنپەئەت توقۇنىشى مەۋجۇت، سىياسىي ئىختىلاپ پەيدا بولىشىدىن ساقلىنىش تەس، شۇڭا يېڭى ھۆكۈمەت مەزھەپلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ ۋە تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ كونتروللىقىنى يوقىتىشى مۇمكىن.

    5. ۋېنسۇئىلا
    ماقالىدە دېيىلىشىچە، 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، ۋېنسۇئىلا پىرىزدېنتى چاۋېسنىڭ پارتىيىسى پارلامېنتتىكى كۆپ قىسىم ئورنىنى كەتكۈزۈپ قويغان. بۇ چاۋېسنىڭ كەلگۈسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشى ۋە 2012-يىلى 3-قېتىملىق پىرىزدېنتلىققا ئولتۇرشى تېخىمۇ چوڭ سىناققا دۇچ كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. ئەمما چاۋېس نۆۋەتتە يەنىلا ئارمىيە ۋە ساقچىلارنى مەھكەم كونترول قىلىپ تۇرغان، يېقىندا پارلامېنتتا «دەرىجىدىن تاشقىرى ھوقوق»قا ئىگە بولغان، پالامېنتنىڭ تەستىقىسىز پەرمان ئېلان قىلسا بولىدىكەن، دائىرىسى پۇل-مۇئامىلە، بىخەتەرلىك، ئۆي-مۈلۈك قاتارلىق سىياسەتلەر چېتىلىدىكەن. ۋېنسۇئىلادىكى ئۆكتىچىلەر قاتتىق نارازى بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، ۋېنسۇئىلا ئىقتىسادى، جەمئىيىتى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. زوراۋانلىق ھەركەتلىرى شەھەر رايونلىرىدا يامرىغان.

    6. سۇدان
    2011-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى، سۇداندا جەنۇبىي رايوننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىدە ئاشكارا بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ ئېھتىمال سۇداننىڭ تەغدىرىنى بەلگىلىشى مۇمكىن. 2005-يىلى، سۇداندىكى ئالاقىدار توقۇنۇشقان تەرەپلەر «ئومۇميۈزلۈك تىنىچلىق كېلىشى»گە ئىمزا قويۇپ، 20 نەچچە يىل بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇردى. كېلىشىمگە ئاساسەن، سۇداننىڭ جەنۇبىي رايونى ئاشكارا بېلەت تاشلاش ئارقىلىق بۇ رايوننىڭ سۇداندىن ئايرىلىپ چىقىش-چىقماسلىقىنى قارار قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، جەنۇب شىمال چېگرىسىغا جايلاشقان ئابايې رايونى(Abyei Area) بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، مەزكۇر رايوننىڭ جەنۇبقا ياكى شىمالغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ. ئەمما بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرى، سۇدان ھۆكۈمىتى يەنىلا كۆپ قېتىم كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ جەنۇبىي رايوننى بومباردىمان قىلغان، بۇ مەزكۇر رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ تاشلىغان. سۇداندىكى جەنۇب شىمال تەرەپ بېلەت تاشلاشنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇرۇش ھالىتىگە قايتىپ كېلىشنى خالىمايدىكەن. ئەمما سۇداننىڭ جەنۇبىدا بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بىر قىسىم سەزگۈر مەسىلىلەر جەنۇب شىمالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

    7. مېكسىكا
    مېكىسكا پىرىزدېنتى كالدېرون 4 يىل ئىلگىرى زەھەر گۇرۇھلىرىغا زەربە بېرىشنى باشلىغاندىن بېرى، ھازىرغا قەدەر 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم زەھەر زوراۋانلىقىدا ئۆلۈپ كەتكەن. زەھەر تازىلاش ھەركىتى ھەتتا مېكىسىكىدىكى بىر مەيدان «ئىچكى ئۇرۇش» دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، زەھەرگە قارشى تۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان زوراۋانلىق توقۇنىشى يەنىلا ئېشىۋېتىپتۇ، بۇ قاتماللىقنىڭ پەردە ئارقىسىدا مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش بار، بۇمۇ زەھەر تازىلاش ھەركىتىنىڭ مۇنداق قىيىن بولىشىنىڭ چوڭقۇر سەۋەبى. مېكسىكىدا زەھەر گۇرۇھلىرىنىڭ ئادىمى ۋە قورال-ياراغلىرى بار، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىدىن قېلىشمايدۇ. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىنىڭ قارىشىچە، مېكسىكىدىكى ئىككى چوڭ زەھەر گۇرۇھىنىڭ 100 مىڭدىن كۆپ قوراللىق خادىمى بار بولۇپ، مېكسىكا ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك رەقىبى(ھۆكۈمەت ئارمىيىىسىنىڭ ئادەم سانى 130 مىڭ) بولۇپ قالغان، خەتەرلىك دەرىجىسى ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن ئېشىپ كەتكەن.

    8. گۋاتىمالا
    مېكسىكا زەھەرگە قارشى تۇرۇش ھەركىتى پۈتكۈل لاتىن ئامېرىكىسىغا زەربە بولغان. مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرىشى ئاستىدا، دۆلەت ھالقىغان زەھەر گۇرۇھلىرى يېڭى ئۇۋا ئىزدەشكە كىرىشكەن ھەمدە نىشاننى گۋېتمالاغا قاراتقان. 2011-يىلى كۆرۈلىشى مۇمكىن بولغان ئەڭ يامان ئەھۋال بولسا، گۋېتمالا ھەر قايسى زەھەر گۇرۇھلىرىنىڭ توپلىشىدىغان جايى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇلار زەھەر توشۇش يوللىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن كەسكىن ئۇرۇش قىلىدۇ.

    9. ھايتى
    غەربىي يېرىم شاردىكى ئەڭ نامرات دۆلەت ھايتىدا 2010-يىلى كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، 300 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى، كېيىن بۇ دۆلەتتە خولىرا يامراپ، ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 11-ئايدا پىرىزدېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى. سايلامدا ئىككى نامزاتنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىسى يېرىم ئاۋازدىن ئاشمىغاچقا، 2011-يىلى 1-ئايدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلايدۇ. ئەمما باشقا بىر قىسىم پىرىزدېنت نامزاتلىرىنىڭ قوللىغۇچىلىرى سايلامدا كۆز بويامچىلىق بار دەپ گۇمان قىلىپ قارشىلىق كۆرسىتىشى قانلىق توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقاردى، پايتەخت شاھزادە پورتىنىڭ قاتنىشى بىر مەزگىل پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھايتى نۆۋەتتە جەمئىيىتى گۇمران بولۇش ھالىتىدە تۇرماقتا. ھازىرغا قەدەر، پايتەخت شاھزادە پورتىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم سەرگەردان بولۇپ يۈرمەكتە، سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن چاتاق.

    10. تاجىكىستان
    سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن بۇيان، تاجىكىستاننىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتى ئۇدا تۇراقسىز بولغان، ئىقتىسادىنىڭ كۆپ قىسىمى روسىيەدە ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاممىنىڭ تاشقى پېرېۋوتىغا تايىنىدىكەن. يېرىمغا يېقىن نوپوسنىڭ تۇرمۇشى نامراتلىق سىزىقىدىن تۆۋەن ئىكەن. يېقىنقى نەچچە ئايدا، تاجىكىستان ھۆكۈمىتى رادىكال قوراللىقلارنى باستۇرغان، ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان. ئۇدا كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش تاجىكىستاننى رادىكال قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ يېڭى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، تاجىكىستان قوشنا دۆلەتلەردىكى قوراللىقلارنىڭ سىڭىپ كىرىش تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن، قىرغىزىستاندىن كەلگەن قوراللىقلارمۇ بار ئىكەن.

    11. پاكىستان
    پاكىستاننىڭ قاچان گۇمران بولىشىنى مۆلچەرلەش ناھايىتى تەس. 2011-يىلدىكىنى مۆلچەرلەشمۇ تەس. پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىگە دۇچ كەلدى، كەلكۈن ئاپىتى 100 مىڭ ئادەمنى ئۆي-ماكانىدىن ئايرىدى. بىخەتەرلىككە تەھدىد سېلىۋاتقان تېرورچى تەشكىلاتلار پاكىستان زېمىنىدا ھەركەت قىلماقتا، سىياسىتى تۇراقسىز بولغان ئاجىز ھۆكۈمەت ئارمىيە ئارقىلىق خەلقنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنماقتا. زوراۋانلىق 2011-يىلى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن.

    12. سومالى
    ئەگەر سومالى ھۆكۈمىتى 2011-يىلى ئۇدا چېكىنىدىغان بولسا، ئۇنداقتا سومالى قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. سومالىدىكى ئىككى چوڭ ئاساسلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «ئىسلام ياشلار ھەركىتى» بىلەن «ئىسلام پارتىيىسى» بىرلەشكەنلىكىنى جاكارلاپ بولدى، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى پەندىنپەي ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە يېڭىدىن ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋېتىپتۇ. سوما ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر نۆۋەتتە سومالىنىڭ جەنۇبى قىسىمى ۋە ئوتتۇرا قىسىمىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئىگەللىگەن، چەتئەللەردىكى كۆپلىگەن قوراللىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

    13. لىۋان
    لىۋان ھازىر بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر ئۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. ب د ت لىۋان ئالاھىدە سوتى لىۋاننىڭ باش مىنىستىرى ھارىرىنىڭ قەستكە ئۇچراش دېلوسىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىدۇ. ئەمما دەل بۇ ۋاقىتتا، لىۋاننىڭ كوچىلىرىدا زور تۈركۈم قوراللىقلار توپلىنىشقا باشلىدى. ئۇلار ھەر ۋاقىت ئايرودروملارنى ۋە پورتلارنى تارتىۋالالايدۇ، تېلىۋىزىيە ۋە رادىئو ئىستانسىسىنى كونترول قىلالايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىم تارماقلىرىنى كونترول قىلىۋالىدۇ. لىۋاننىڭ ھازىرقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق ھەربىي ئەمەلدارلىرى پات-پات ئىشخانىسى ياكى ئۆيىدە قولغا ئېلىندى. «لىۋان ئاللا پارتىيىسى» يېقىندا بىر قاتار ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى. «ئاللا پارتىيىسى»نىڭ پۈتكۈل لىۋاننى كونترول قىلىشتا يېتەرلىك ھەربىي ئىقتىدارى بار.

    14. نېگىرىيە
    2010-يىلدا، نېگىرىيە پىرىزدېنتى كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقاندا يوقاپ كەتتى، كېيىن ئۆلدى. نەتىجىدە كەڭ كۆلەملىك دىننىي قىرغىنچىلىق كېلىپ چىقىپ نەچچە يۈز ئادەم ئۆلدى. ئافرىقىدىكى نوپوسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، نېگىرىيە 2011-يىلى ئەتىيازدا پىرىزدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ، سايلام ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىش ھەمدە كەسكىن ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دېدى.

    15. گۋېنىيە
    ئەلفا كوندى 12-ئاينىڭ بېشىدا گۋېنىيە پىرىزدېنت سايلىمىدا غەلبە قىلغانلىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيان، گۋېنىيەدە زوراۋانلىق توقۇنۇشلىرى داۋاملىق يامانلاشتى. گۋېنىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى پىرىزدېنتى كونات بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەخسۇس پەرمان ئېلان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلىغان.كوندىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئاساسلىقى مالىنكې مىللىتىدىن، رەقىبى دىياللونىڭ قوللىغۇچىلىرى كېنىيەدىكى بىرىنچى چوڭ مىللەت «Peulhs» مىللىتىدىن كەلگەن. ئەگەر بۇ تىركىشىش داۋاملىق تەرەققىي قىلسا، كەڭ كۆلەملىك مىللىي توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن.

    16. كونگو(كىنشاسا)
    كونگو(كىشىنساشا)دا 1998-يىلدىن 2003-يىلغىچە كەسكىن ئىچكى ئۇرۇش يۈز بېرىپ، 4 مىليون 500 مىڭ ئادەم ئۆلدى. گەرچە بۇ ئۇرۇش ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئەمما كونگونىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ئۇرۇش خەۋىگە دۇچ كەلدى. ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ كونگودا تۇرۇشلۇق باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇزۇن يىللىق توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى كونگو ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىنىڭ پات-پات يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghurqamus.com/read.php?tid=299
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: