• 2010-09-23

    بىر پارچە مەسنەۋى - [ئەدەبىيات]

    كونا ماتىرياللىرىمى رەتلەۋېتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەزگىللىرىمدە ئوقۇغۇچىلارغا ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە دەرىس بېرىۋېتىپ، مەشىق ئورنىدا ئارۇز ۋەزنىدە يازغان ئىككى پارچە شېئىرىم چىقىپ قالدى. ئاددى بولسىمۇ يوللاپ قويدۇم.

     

    بىۋاپا يارىمغا....

     

     

     

    سېنىلا سۆيگەن ئىدىم، باشقا يارنى سۆيگىچە،

    قۇت بىلىپ يايرار ئىدىم تا ئاداققى ئۆلگۈچە.

     

    ئايرىلىپ كەتمەيلى دەپ، بارچە غەمنى يەپتىمەن،

    ۋە، لېكىن بىلمەپتىمەن سېنى ئادەم دەپتىمەن،

     

    مەن سېنى مەجنۇن كەبى سۆيگۈنۈمنى بىلمىدىڭ،

    بار مېنىڭ غۇنچە گۈلۈم دەپ يۈرگۈنۈمنى بىلمىدىڭ.

     

    ئېيتقىنا، گۈل يۈزلۈگۈم، بىر يىگانە سۆيگۈنۈم،

    تاشلىنىپ قالسام پىراقتا، شۇ ئەمەسمۇ ئۆلگۈنۈم.

     

    ئالدىدى گۈل يۈزلىرىڭ، شېرىن شېكەردەك سۆزلىرىڭ

    قىلدى شەيدا بىر زامان، ئەشۇ خۇما كۆزلىرىڭ.

     

    ئاھ خۇدا! كۆيگەن يۈرەك، بىۋاپانىڭ دەردىدە،

    بولدۇغۇ گۇمران مانا، بىر قېتىملىق زەربىدە.

     

    ئاھ ئۇرۇپ ماڭسام يىراققا، دۇچ كېلىپ ھىجرانغا مەن،

    قايرىلىپ بىر باقمىساڭ، ھار ئېلىپ قالمامدىمەن.

     

    بولدى باقما، باقمىغىن، ھارغا ئۆلمەس بۇ يۈرەك،

    ۋە، لېكىن كەتسەم كېلۇرمەن "كەل نىگارىم" دىگۈدەك.

     

    ئول شۇ چاغ كەلسەم قاشىڭگە، "ھارما يايرىم" دىمىگىن،

    "ئەجەبا بىلمەپتىمەن" دەپ، بولدى پۇشمان يىمىگىن.

     

    ئەمدى ماڭغىن، سەن يولۇڭغا، "ئۈژمە كۆڭۈل" گە جۈر بولۇپ

    گەر دىسەڭ "ھىجرىڭدە مەن كۆيدۈم گويا كۈل بولۇپ"

     

    شۇندا دەيمەن " گۈل چىراينى ساڭىلام بەرگەنمىدى،

    بارچە دەرتنى، بارچە غەمنى، ماڭىلام بەرگەنمىدى !"


    收藏到:Del.icio.us