• 2011-05-19

    ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە - [ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە]


    ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

     

    ئۇيغۇر شېرىيىتىنىڭ قەدىمدىن بىرى داۋام قىلىپ كەلگەن، ئەنئەنىۋى، مىللى شېئىرى شەكىللىرىنىڭ بىرى بولغان ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلارغا دائىر بىلىملەرنىڭ تور دۇنياسىدا يوق دىيەرلىك ئىكەنلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ، شېرىيەتكە قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن بلوگىمدا «ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» بېرىشنى توغرا تاپتىم. مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمگىگىم شېئىر يېزىشقا ھەۋەس قىلىدىغان شېرىيەت ھەۋەسكارلىرىغا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى چۈشۈنۈش، تەھلىل قىلىش، يېزىش جەھەتتە بەلگۈلۈك نەپ بەرسە ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلايمەن.

    1. ئۇيغۇر شېرىيىتى ۋەزىن جەھەتتىن ئارۇز ۋەزنى ۋە باماق ۋەزنى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ.

    بىزنىڭ ھازىر ئۈگەنمەكچى بولغىنىمىز ئارۇز ۋەزنى بولۇپ، «ئارۇز» سۆزىنىڭ تومۇرى «ئەرۇز»دۇر. بۇ «ئەن»، «كەڭلىك» دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. كۆچمە مەنىسى بويىچە شېرىيەت مىزانى (ئۆلچىمى) دىگەنلىك بولىدۇ.

    شېئىر مىسرالىرىدىكى ئۈزۈك، سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن ئاخىرلاشقان(ئۇزۇن، قىسقا) بوغۇملارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىپ كېلىپ، شېئىردىكى رېتىم ۋە ئاھاڭدارلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان شېرى سېستىما ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىر دەپ ئاتىلىدۇ.

    2. ئارۇز ۋەزنى 11- ئەسىردىن بورۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قوللۇنۇلۇشقا باشلىغان. مەسىلەن:

    11- ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» ئارقىلىق بىزگىچە يېتىپ كەلگەن شېئىر-قوشاقلار ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسچىسى ئەرەپ ئالىمى خېلىل ئىبنى ئەخمەتنىڭ «كىتابۇل ئارۇز» ناملىق ئەسىرىدىن كېيىن، مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى يۈسۈپ سەككاكى «ئىلىملەر ئاچقۇچى» (مۇفتاھۇل ئۇلۇم)، ئەلشىر ناۋائى«ۋەزىنلەر مىزانى» (مىزانۇل ئەۋزان) ناملىق ئەسەرلەرنى ئارۇز ۋەزنىدە يېزىپ، ئارۇز ۋەزىنى ئىلمىنى يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، لۇتفى، ناۋايى، خىرقىتى، زەلىلى، ئابدۇرېھىم نىزارى، موللا بىلال قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان شېئىرى ئەسەرلىرىنى ئارۇز ۋەزنىدە يازغان. بۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدا ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېرىيىتىمىزدە ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلار ئاز، بارماق ۋەزىندە يېزىلغان شېئىرلار نىسپەتەن كۆپ بولسىمۇ لېكىن ئۇيغۇر شېرىيەت تارىخدا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ تۇتقان ئورنى چوڭ بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى يېزىش بارماق ۋەزىنلىك شېئىرلارنى يېزىشقا قارىغاندا نىسپەتەن قىيىن. بەلگۈلۈك بىلىم-سەۋىيە، ئەمگەك تەلەپ قىلىدۇ.

    3. ئارۇز ۋەزنى تۆۋەندىكىدەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە.

    1). ئارۇز ۋەزنى تىلىمىزدىكى ئۈزۈك ۋە سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ مەلۇم تەرتىپتە تەكرارلىنىشىدىن تۈزۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ بارماق ۋەزىنلىك شىرلارغا قارىغاندا تۇراقلىرى رېتىملىق، ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بەزىدە ئاھاڭلىق شېئىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

    2). ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلاردىكى سۆزلەر ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەرقايسى بەھىرلىرىنىڭ ۋەزىن تەلىپىگە ئاساسەن، ئۇزۇن، قىسقا بوغۇملار بويىچە مەلۇم قانۇنىيەتلىك تەرتىپتە مىسرالارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولىدۇ.

    3). بارماق ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلار تۇراقلارنى ئاساسى بىرلىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇراقلىرى بوغۇم ياكى سۆز بويىچە ئايرىلىدۇ. ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلاردا بولسا تۇراقلار ۋەزىن ئۆلچىمى بويىچە ئايرىلىدۇ. بۇغۇم ياكى سۆز بويىچە ئايرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

    4). ئارۇز ۋەزنىلىك شېئىرلارنىڭ ئىنتۇناتسىيىسى رېتىمىنىڭ بىرخىل بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ بىرىنچى مىسراسى قايسى ۋەزىن سىخمىسىدا يېزىلغان بولسا پۈتۈن شېئىر شۇ ۋەزىن سىخمىسىدا يېزىلىشى شەرت.

    4. ئۇيغۇر تىلىدا ئاخىرى سوزۇق تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم ئوچۇق بوغۇم دەپ ئاتالسا، ئارۇز ۋەزنىدە قىسقا بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بەلگۈسى( v ) . ۋە + تى + نى ، بەخ + تى، گۈل + گۈ + لىس + تان

    ئۇيغۇر تىلىدا ئاخىرى ئۈزۈك تاۋۇش بىلەن ئاخىرلاشقان بوغۇم يېپىق بوغۇم دەپ ئاتالسا، ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم دەپ ئاتىلىدۇ. بەلگۈسى(-) . بەخ + تى، گۈل + گۈ + لىس + تان، گۈ + زەل

    (ئىزاھ: قىزىل رەڭ قىسقا بوغۇم، يېشىل رەڭ ئۇزۇن بوغۇم.)

    يەنە مەسىلەن:

     

    جاھان رەنا لىرى ئىچرە بىلىمدەك بىر گۈزەل يار يوق

    {v - - -}

     

    5. ئارۇز ۋەزنىدە بەزى ھاللاردا ئۇچۇق بوغۇملار ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى:

    1). ئۇرغۇ چۈشكەن بوغۇملار بىرئاز كۆتۈرۈلۈپ، سوزۇلۇپراق ئوقۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا بۇنداق ئۇرغۇلۇق ئوچۇق بوغۇملار ئارۇز ۋەزنىدە ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ. مەسىلەن:

     

    ۋەتەننىڭ باغ رى پۈركەندى جۇلا لىق شا يى ئەتلەسكە

    {v - - -} 


    2). ئارۇز ۋەزنىدە يېزىلغان شېئىرلار ئارۇز ۋەزنىنىڭ قايسى بەھرىدە يېزىلغان بولسا، شۇ بەھىرنىڭ ۋەزىن تەلىۋى بويىچە بەزى ئۇرغۇسىز ئوچۇق بوغۇملارنىمۇ كۆتۈرۈپ، سوزۇپ، ئۇرغۇلۇق بوغۇم قىلىپ ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا كۆتۈرۈپ، سوزۇپ ئوقۇلغان ئوچۇق بوغۇم ئۇرغۇلۇق بوغۇمبولۇپ ئۇزۇن بوغۇم بولۇپ كېلىدۇ.

    3). ئارۇز ۋەزنىدە مىسرانىڭ ئاخىرىدا كەلگەن ئوچۇق بوغۇم ئۇزۇن بوغۇم بولىدۇ. ئارۇز ۋەزنىدە مىسرانىڭ ئاىىرىدا قىسقا بوغۇم كەلمەيدۇ. ھەتتا بەزى سۆزلەرگە ۋەزىن ئېھتىياجى بىلەن بىر بوغۇم قوشۇلۇپ قالىدۇ.

    ۋەتەننىڭ باغ رى پۈركەندى جۇلالىق شا يى ئەتلەسكە

    {v - - -}   

    يەنە مەسىلەن:

    بولمىغاي ئەر دى جامالىڭ مۇنچە زىبا |كاشىكى

    بولسا ھەم قىل غاي ئىدىڭ كۆز لەردىن ئىخپا كاشىكى

    -   V   -    -       -   V -   -    -   V - -   - V -

    分享到: