• 2011-06-03

    ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ئۇرۇپتۇمۇ؟ - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

     

     

    ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ئۇرۇپتىمۇ؟ ئۇنداقتا سىز ئوقۇتقۇچىغا قانداق مۇئامىلىدە بولدىڭىز؟ بالىڭىز يىغلاپ كېلىپ ئەھۋالنى دىگەندىن كېيىن ئاچچىغىڭىزغا ھاي بېرەلمەي، مەكتەپكە بېرىپ، ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنى تېپىپ، ياقىلىرىنى يىرتىپ، كىتاپ-ماتىرياللىرىنى چېچىپ تامغا نەچچىنى ئۈستۈرۈپ ئۆچىڭىزنى راسا ئالغانسىز ھەقاچان. بىچارە ئوقۇتقۇچى قول ياندۇرۇش تۈگۈل بوكۇسچىنىڭ سامان تىققان تاغىرىدەك تۇرۇپ بەرگەندۇ؟ نىمە سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىزما؟

    ھەقاچان سىلەرنىڭ ئۇ يۇرۇتلار تەرەققى قىلغان، ئادەملىرى ئاڭلىق يۇرت بولغاچقا ئۇ يەرلەردە ئۇنداق ئىش يوق ئوخشايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە بولسا ئوقۇغۇچىنى ئۇرۇپ قويغان مۇئەللىمنى ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر قوغلاپ يۈرۈپ ئۇرغانلىقىنى قەدەمدە ئاڭلاپ تۇرىمىز. ھەم مۇئەللىم بالىمىزنى ئۇرۇش تۈگۈل، قاتتىقراق گەپ قىلىپ قويسىمۇ جەددى جەمەتىمىز بويىچە يىغىلىپ بېرىپ بالىمىزغا قاتتىق گەپ قىلغان مۇئەللىمنى تازا ئۇرۇپ ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقىرىدىغان ئىشلار مودا بولۇپ كەتتى.

    ئەگەر سىز بالىڭىزنى ئۇرغان ھېلىقى مۇئەللىمنى مەكتەپكە ئىزدەپ بارماي، بالىڭىزغا ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىرىنى ياخشى ئاڭلاش لازىملىقى توغرىسىدا تەربىيە ئىشلىگەن بولسىڭىز، ياخشى قىلىپسىز. سىزنىڭ ھەقىقەتەن ئەقلىڭىز بار ئىكەن. سىزگە بارىكاللا!

    بىز ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ بالىسى توغرىلىق ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەللەشكەنلىكىنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. گېزىت ژورناللاردىنمۇ كۆرىمىز. بۇ ھەقتە ئەلكۈيى تورىدىمۇ Esir دىگەن تورداشنىڭ « ئوقۇتقۇچىنىڭ ھامىيسى كىم» دىگەن يازمىسى ئېلان قىلىنىپ، كۆپ غۇل-غۇلا قوزغىدى.

    ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرغان، قوپال مۇئامىلىدە بولغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەل قىلىشى قارىماققا توغرىدەك، ئۆز بالىسىغا كۆيۈنگەندەك تەسىر بەرسىمۇ لېكىن بۇنداق پۇزۇتسىيە تۈپتىن خاتا پۇزۇتسىيە بولۇپ، بالىغا نىسپەتەن ئورنىنى تولدۇرىۋالغۇسىز زىيانلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    چۈنكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بېرىشى خاتا، مەركەز ۋە ئاپتونۇم رايۇنمۇ بۇ نۇقتىنى تەكىتلەۋاتىدۇ. ئەمما ھىچقاچان بىر ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىنى سەۋەپسىز ئۇرمايدۇ. ئۇرمىسىمۇ بولىدىغان، پەقەت تەربىيە ئارقىلىق ياخشىلىنىپ كېتىدىغان مەسىلىلەردە ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىدىغان ناچار ئۇسۇلنى قوللانمايدۇ. تەن جازاسى بەرگەندە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ھىچقاچان دۇشمەنلىك، زەھەرخەندىلىك نەزىرى بىلەن ئۇرمايدۇ. پەقەت ئوقۇغۇچىغا نىسپەتەن ياخشى بولسۇن، ئىبرەت ئالسۇن، بۇندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلمىسۇن دىگەن نەزەردە ئۇرىدۇ.  مەخسىتى تامامەن جازا بېرىلگەن ئوقۇغۇچىنى يامان يولدىن قايتۇرىۋېلىش بولۇپ، تىگى- تەكتىدىن ئالغاندا ئەقۇغۇچىغا كۆيۈنۈپ شۇنداق قىلىدۇ. پەقەت ئۇسۇل جەھەتتە تەن جازاسىدىن ئىبارەت قوپال ئۇسۇلنى قوللۇنىدۇ. خاتالىق دىسە مانا مۇشۇ تەن جازاسى بېرىش ئۇسۇلىنى خاتالىق دىسە بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئىشتا ئوقۇتقۇچىنىڭ خاتالىقىدىن كۆيۈنىشى موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بەلكىم ئۇ ئوقۇغۇچىغا بىرنەچچە قېتىم چىرايلىق تەربىيە ئىشلەپ، ئاڭلىمىسا يەنە قايتا-قايتا تەربىيە ئىشلەپمۇ ئاڭلىتالماي، ئاندىن ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىشكە مەجبۇر بولغان بولۇشى مۈمكىن. ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ. ئوقۇتقۇچى بالىڭىزنى ياخشى ئادەم بولسۇن دەپ ئۇرسا، بالىڭىزنىڭ يىغلاپ تۇرۇپ مۇئەللىم ئۇردى دىگەن بىر مۇنچە يالغان ياۋىداق گەپلىرىگە ئىشەنسىڭىز، ئەھۋالنىڭ نەدىن نەگىچە ئىكەنلىكىنى ئاڭقارمايلا مۇئەللىم بىلەن جىدەل قىلسىڭىز، بۇ يەر دىكى خاتالىق كىمدە بولىدۇ؟ بالىڭىزنىڭ يامان يولدا داۋاملىق مېڭىۋېرىشىنى قوللىغان بولۇپ قالمامسىز؟ سىز «بالامنى ئۇرغۇچە چىرايلىق تەربىيە بەرسە بولمامدۇ؟» دەيسىز، بالىڭىزغا نەچچە مىڭ قېتىم، قانچە-قانچىلاپ، زىرىكمەي –تىرىكمەي تەربىيە بەرگەندە سىز نەدە ئىدىڭىز؟ ياكى بالىڭىزنىڭ بىرەر ساۋاقدىشىدىن مۇئەللىمنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇرغانلىقىنى سوغۇق قانلىق بىلەن ئەستايىدىل سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ سىزنىڭ ئاچىقىڭىز يامانكەن، ناھاقچىلىققا زادىلا چىداپ تۇرالمايدىكەنسىز، خوپ. مۇئەللىم بىلەن ئۇرۇشتۇڭىز، ھەتتا ئۇردىڭىز، بىچارە مۇئەللىم سىزگە قول ياندۇرمىدى. سىز غالىپ ھىسسىيات بىلەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ تازا پۇخادىن چىقتىڭىز. ئەمما ئەتىسى بالىڭىز يەنە مەكتەپكە بارار؟ نىمە قىلالايىتتى دەمسىز؟ مەن سىزگە دەپ بېرەي. مۇئەللىم بالىڭىزنى ھىچنىمە قىلمايدۇ. ياخشى ئادەم بولۇڭ دىمەيدۇ. كېچىكتىڭ دىمەيدۇ. ئىنتىزام بۇزدۇڭ دىمەيدۇ. تاپشۇرۇق ئىشلىمىدىڭ دىمەيدۇ. بالىلار بىلەن ئۇرۇشماڭ، ئىتتىپاق ئۆتۈڭ دىمەيدۇ. قىسقىسى بالىڭىز بىلەن كارى بولمايدۇ. خوش، قېنى قايسىسىغا تۇرىسىز؟ مۇئەللىمنىڭ بالىڭىزنى ئۇرۇشىغىمۇ ياكى بالىڭىزنى ئۇرغان مۇئەللىم بىلەن ئۇرۇشۇشقىمۇ؟ ياكى بالىڭىز مەكتەپ پۇتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ياخشى ئادەم بولمىغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ياخشىراق مۇئەللىمنى تېپىپ قايتا تەربىيەلەمسىز-يا؟ بىلىۋېلىڭ. جاھاندا ئىككىنچى قېتىم قايتا ئېلىپ بارغىلى بولمايدىغان بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ – بالا تەربىيەسى!

     

    شۇڭا، ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىسىنى ئۇرغان، قوپال مۇئامىلىدە بولغان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن جىدەل قىلىشىدىن ئىبارەت بۇنداق ساختا كۆيۇمچانلىق تۈپتىن خاتا بولۇپ، ئۆز بالىسىغا ئۆزى زىيانكەشلىك قىلىش خارەكتىرىدىكى تەتۈرلۈك بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

    分享到: