-
2011-06-01
ئارۇز ۋەزنىنىڭ ئاساسى بەھىرلىرى - [ئارۇز ۋەزنى ھەققىدە]
ئارۇز ۋەزنىنىڭ تۈرلىرى خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ھەر بىر تۈرى بەھىر دەپ ئاتىلىدۇ. بەھىر ئەرەپچە سۆز بولۇپ، مۇنتىزىم ئاھاڭلار گورۇپپىسىنى كۆرسۈتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا «دەريا»، «ئېقىن»، «غول» دىگەن مەنىلەرنى كۆرسىتىدۇ. «ئارۇز»نى دېڭىزغا ئوخشاتساق، بەھىر دەريا-ئېقىنلارغا ئوخشايدۇ. بىرخىل ۋەزىندىن تۈزۈلگەن مىسرالار گۇرۇپپىسى بىر بەھىرنى تەشكىل قىلىدۇ.
دىمەك، بىرخىل ۋەزىندىن تۈزۈلگەن مۇنتىزىم ئاھاڭلار گۇرۇپپىسى بەھىر دەپ ئاتىلىدۇ.
ئارۇز ۋەزنىنىڭ تۇراقلار بويىچە بوغۇملارنى ئۆلچەشتە قوللۇنۇلۇدىغان ئەندىزىسى تەپئىل (پەدە) دەپ ئاتىلىدۇ.
ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھازىرغىچەبىزگە مەلۇم بولغان بەھىرلىرى 19 خىل بولۇپ، ئۇلار:
1) رەمەل بەھرى. 2) تەۋىل بەھرى. 3) مەدىد بەھرى. 4) بەست بەھرى. 5) ۋافىر بەھرى. 6) كامىل بەھرى. 7) رەجەز بەھرى. 8) ھەزەج بەھرى. 9) سەرئى بەھرى. 10) مۇنسەرىھ بەھرى. 11) مۇقتەزەپ بەھرى. 12) مۇجتەس بەھرى. 13) مۇزارى بەھرى. 14) جەدىد بەھرى. 15) مۇشاقىل بەھرى. 16) قەرىپ بەھرى. 17) خەفىف بەھرى. 18) مۇتەقارىپ بەھرى. 19) مۇتىدارىك بەھرىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەخسۇس ئەرەپچە ناملار بىلەن ئاتالغان.
كىلاسسىك شېئىرلاردا ھەر بىر بەھىردىن ئۆزىگە خاس يېڭى تۈرلەر يارتىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بەھىرلەر بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ بەھىرلەر ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلىنىدۇ؛ بىر تۈركۈمى، «بەھرى تەۋىل» يەنى ئۇزۇن بەھىرلەر (13 بوغۇمدىن 16 بوغۇمغىچە.)؛ يەنە بىر تۈركۈمى، «بەھرى قەسىر» يەنى قىسقا بەھىرلەر ( 7 بوغۇمدىن 12 بوغۇمغىچە) بولىدۇ.
تۆۋەندە بىز كۆپ ئۇچرايدىغان بىر قانچە بەھىر بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
1. رەمەل بەھرى
«رەمەل» نىڭ لۇغەت مەنىسى «ئاۋۇن، كۆپ، قۇمدەك تۇلا» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ ئادەتتە كۆپ قوللۇنۇلىدىغان، كۆپ ئىشلىتىلىدىغان يەڭگىل بەھىرلەرنىڭ بىرسى ھىساپلىنىدۇ.
پائىلاتۇن ۋەزنىنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى، ياكى پائىلاتۇن ۋەزنىنى ئاساس قىلىپ باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار رەمەل بەھرىگە كىرىدۇ.
بۇنىڭ تەپئىلى:
پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلۇن
پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلاتۇن | پائىلۇن
لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي
لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي
مەسىلەن:
ئاھ ئۇرارمەن | ئاھ ئۇرارمەن | ئاھلىرىم تۇت | قاي سېنى
كۆز يېشىم دەر | يا بولۇپ بې | لىقلىرىم يۇت | قاي سېنى
2. ھەزەج بەھرى
«ھەزەج» نىڭ لۇغەت مەنىسى «نەغمە، كۈي، كۈيلەش» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن بەھىرلەرنىڭ بىرى.
مەپائىيلۇن ۋەزنىنىڭ ھەرخىل تەكرارلىنىشى ياكى مەپائىيلۇن ۋەزنى ئاساس قىلىنىپ باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار ھەزەج بەھرىەە كىرىدۇ. ئۇنىڭ كۆپ قوللۇنىلىدىغان بىرقانچە تۈرى بولۇپ:
1) «ھەزەج مۇسەممەن سالىم» (مۇكەممەل سەككىزلىك ھەزەج) بولۇپ، بۇ ئىككى بۆلەك، 4 تۇراق، 16 بوغۇمدىن تۈزۈلىدۇ.
تەپئىلى:
مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن
مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن | مەپائىيلۇن
لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي
لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي | لى لاي لاي لاي
مەسىلەن:
زىمىستان كۆر | مىگەن بۇلبۇل | باھارنىڭ قەد | رىنى بىلمەس
جاپانى چەك | مىگەن ئاشىق | ۋاپانىڭ قەد | رىنى بىلمەس
2) ئىككىنچى خىل شەكلى:
مەپئۇلۇ | مەپائىيلۇن | مەپئۇلۇ | مەپائىيلۇن
مەپئۇلۇ | مەپائىيلۇن | مەپئۇلۇ | مەپائىيلۇن
لاي لاي لى | لى لاي لاي لاي | لاي لاي لى | لى لاي لاي لاي
لاي لاي لى | لى لاي لاي لاي | لاي لاي لى | لى لاي لاي لاي
مەسىلەن:
باي يەيدۇ | پولو بەتتە | بىزلەر ئاچ | شۇ ھالەتتە
3. رەجەز بەھرى
«رەجەز» نىڭ لۇغەت مەنىسى «شېئىر ئېيتىش، كۈيلەش» دىگەنلىك بولۇپ، ئۇ قىسقا-قىسقا ئۇلاپ تېز ئوقۇلىدىغان ئۇزۇن بەھىرلەرنىڭ بىرى.
مۇستەپئىلۇن ۋەزنىنىڭ ھەر خىل تەكرارلىنىشى ياكى مۇستەپئىلۇن ۋەزنى ئاساس قىلىنىپ، باشقا ۋەزىنلەرنىڭ قوشۇلۇشىدىن تۈزۈلگەن شېئىرلار رەجەز بەھرىەە كىرىدۇ.
تەپئىلى:
مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن
مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن | مۇستەپئىلۇن
لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي
لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي
مەسىلەن:
ئاتقاندا تاڭ | چىقتى قۇياش | كەلدى باھار | كۆكلەم مانا
نۇر ئىلكىدە | كۈلدى زىمىن | نۇر ئىلكىدە | كۈلدى ساما
ئاچتى قىزىل | كۈلدى زىمىن | قىلدى تەبەس | سۇم لالىلەر
گۈل نەۋ باھار | چاچتى ئىپار | ئالساڭ نەپەس | تەنگە داۋا
بۇ يەردە يەنە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئارۇز ۋەزنىنىڭ ھەر قايسى بەھىرلىرىدە يېزىلغان شېئىرلار ئۆزىگە خاس ئاھاڭدارلىققا ئىگە بولۇپ، بىر بەھىرنىڭ ئاھاڭى يەنە بىر بەھىرنىڭ ئاھاڭىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ مانا مۇشۇ ئاھاڭدارلىقى شېئىر يېزىقچىلىقىدا ئىنتايىن موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتا ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنىڭ يېزىلماسلىقىدىكى سەۋەپمۇ دەل مۇشۇ ئاھاڭدارلىق مەسىلىسى بولۇپ، بۇ بىر قىسىم شائىرلار ئۈچۈن تەس تۇيۇلۇشى مۇمكىن.
مەسىلەن: ھەرقايسى بەھىرلەرنىڭ تەپئىلىنى زەڭ سېلىپ ئوقۇيدىغان بولساق بۇخىل ئاھاڭدارلىقنى ئاسانلا بايقىۋالالايمىز.
رەمەل بەھرى:
لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي
لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي لاي | لاي لى لاي
ھەزەج بەھرى.
لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي
لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي|لى لاي لاي لاي
رەجەز بەھرى
لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي
لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي | لاي لاي لى لاي
ئەسكەرتىش: سىزىقلىق تەپئىلىنى يوللىيالمىدىم ئەپۇ قىلغايسىلەر!