• 2011-05-28

    بۇ قانداق مۇسۇلماندارچىلىق؟ - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

     

    بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز چوشقا گۆشىنى ھارام دەپ يىمەيدۇ. ئەمما ھاراق ئىچىدۇ، تاماكا چىكىدۇ. ئالدىغا كەلگەن گۆشنى كىم، قانداق ئۆلتۈردى بۇنىڭغا دىققەت قىلماي يەۋېرىدۇ. ئۇنداقتا تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىڭ.

     

    ئاللاھ تائالا مۇنداق دىگەن: ﴿سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، يېقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، ئۈسسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېيىش ھارام قىلىندى. لېكىن (يۇقىرىقى بەش تۈرلۈك ھايۋاندىن جېنى چىقمىغان چاغدا) بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالالدۇر . ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى﴾.(مائىدە سۈرىسى 3 – ئايەت)

     

    چوشقا ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ پاسكىنا ۋە ئەڭ نىجىس مەخلۇق بولۇپ، ساغلام تەبىئەتلىك ئادەم ئۇنىڭدىن ئەلۋەتتە يىرگىنىدۇ. چوشقىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمىكى تېزەك ۋە باشقا پاسكىنىلىقلاردۇر. دۇنيادا چوشقىدىن باشقا ئۆزىنىڭ تەرىتىنى يەيدىغان ھايۋان بولمىسا كېرەك. بۇنىڭ ئۆزىلا چوشقىنىڭ ھەقىقەتەن بەكمۇ پاسكىنا ھايۋان ئىكەنلىكى ۋە چوشقا گۆشىنىڭمۇ خۇددى شۇنداق پاسكىنا نەرسە ئىكەنلىكىگە يېتەرلىكتۇر .

    چوشقىدىن قالسا ئەڭ پاسكىنا ھايۋان ئىت بولۇپ، ئىت ۋە چوشقىنىڭ نىجاسەتلىرى بىر قېتىم تۇپراق بىلەن ئالتە قېتىم سۇ بىلەن جەمئى يەتتە قېتىم يۇيۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹‹بىرىڭلارنىڭ قاچىسىنى ئىت يالاپ قويغان بولسا، ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار. ئاۋۋالقى قېتىمىنى تۇپراق بىلەن يۇيۇڭلار›› (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)

     

    ھاراق ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى قەتئىي ھارامدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ﴿ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى، پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار (مائىدە سۈرىسى 90- ئايەت)    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاراقنىڭ سەۋەبى بىلەن 10 كىشىنىڭ لەنەتكە ئۇچرايدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ھاراققا، ئۇنى ئىچكۈچىگە، ئىچكۈزگۈچىگە، كۆتۈرگۈچىگە، كۆتۈرگۈزگۈچىگە، ئۇنى ئىشلىگۈچىگە، ئىشلەتكۈچىگە، ساتقۇچىغا، سېتىۋالغۇچىغا ۋە ھاراقنىڭ پۇلىنى يېگۈچىگە لەنەت قىلدى . ›› (ئەبۇداۋۇد ۋە ھاكىم رىۋايىتى)

    ئادەمنى مەست قىلىدىغان ۋە ئەقىلنى كەتكۈزىدىغان ھەر قانداق ئىچىملىكلەر ۋە سۇيۇقلۇقلار ھارامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئادەمنى مەست قىلىدىغان ھەر قانداق نەرسە (گەرچە باشقا ئىسىملار بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ) ھاراقتۇر، ھاراقنىڭ ھەر قاندىقى ھارامدۇر›› (مۇسلىم رىۋايىتى)

     

    قېرىندىشىم ئەمدى ئېيتىڭچۇ، بەزى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چوشقا گۆشىنى ھارام دەپ يىمەي، ھاراق ئىچىشى، تاماكا چىكىشى، ئالدىغا كەلگەن گۆشنىڭ كىملەر تەرىپىدىن، قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىگىگە دىققەت قىلماي يەۋېرىشنىڭ ئۆزى قانداق مۇسۇلماندارچىلىق بولىدۇ؟ بۇ تەبىئىتىمىزدىكى بىرخىل تەتۈرلۈك ئەمەسمۇ؟

    分享到: