• 2011-03-15

    سىز قانداق «ئۇنۋان»غا قىزىقىسىز؟ - [تەبىئىتىمىزدىكى تەتۈرلۈكلەر]

    دوستۇم، سىز ئۇنۋانلار ئىچىدە قايسى ئۇنۋاننىڭ پايدىسى ئەڭ يۇقۇرى؟ دىگەن سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىسىز؟ سىز بەلكىم، پارافىسسولۇقنىڭ، ياكى دوكتۇرلۇقنىڭ دەپ جاۋاپ بېرىشىڭىز مۈمكىن. قانداق توغرا پەرەز قىلدىممۇ؟

    بۇ سوئالغا نىسپەتەن جەمىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر خۇددى سىزگە ئوخشاش پىرافىسسورلۇقنىڭ، ياكى دوكتۇرلۇقنىڭ دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. ئەمما مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئۇنۋانلار ئىچىدە قايسى ئۇنۋاننىڭ پايدىسى ئەڭ يۇقۇرى؟ دىگەن سوئالغا، ‹ساراڭلىقنىڭ›، ‹ساراڭلىق ئۇنۋانىنىڭ› پايدىسى ئەڭ يۇقۇرى دەپ جاۋاپ بېرىمەن.

    سىز ‹‹جاھان سارىڭى›› دىگەن ئىبارىنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟

    ساراڭلىق بىر خىل نىرۋا سېستىمىسىدىكى كېسەللىك بولۇپ، ئۇ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەپلىك ئۆزىنى كونتىرول قىلالماسلىق، سەۋدايىلىق كېسىلى. بۇخىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار ئادەتتە كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ كوچىغا چىقىۋالىدۇ. چاچلىرى چۇۋۇلغان، مەينەتچىلىك باسقان، بەتبەشىرە ھالەتتە ۋاقىراپ-جاقىراپ، باشقىلارغا ھەيۋە قىلىپ، ئۇلارنى قورقىتىدۇ، جەمىيەتكە يامان تەسىر بېرىدۇ، ئەمما بۇ ئىشلارنى ئەقلى بېلەن ئەمەس، پۈتۈنلەي ئاڭسىز ھالدا قىلىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەتەي ساراڭلىق قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. ئۇلار نىمە ئۈچۈن يەنە مۇشۇنداق بىر كېسەللىك- ساراڭلىق قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ؟ چۈنكى ئۇلار مۇئەييەن پايدىغا ئېرىشىدۇ. بۇنداق يالغاندىن ساراڭلىق قىياپىتىگە كىرىۋالغانلارنى باشقىلار ‹‹جاھان سارىڭى›› دەپ ئاتايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە توختالماقچى بولغىنىمىز، ھەقىقەتەن نېرۋا كېسىلى بولۇپ ساراڭ بولۇپ قالغانلار بولماستىن بەلكى ‹‹جاھان سارىڭى›› لاردۇر.

    ‹‹جاھان سارىڭى›› مۇشۇ سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ.

    بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ جاھاننى، ۋەزىيەتنى كۈزۈتۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقۇرى بولۇپ، جاھاننىڭ ئۆزگۈرۈشىگە قاراپ ئىش كۆرىدىغان كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ بەزى قىلىقلىرى ساراڭلارنىڭ قىلىقلىرىغا ئوخشىغاچقا، ياكى مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ساراڭ دەيدۇ، ئەمما ماھىيەتتىن ساراڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار دەل ساراڭ دەپ ئاتالغاچقىلا ئۇلارنىڭ ھەممە ئىشىغا يېشىل چىراق يېقىلىدۇ. كىشىلەر بۇنداق ئادەملەرگە دۇچ كەلگەندە، ‹‹ ساراڭ بىلەن تەڭ بولمايلى››، ‹‹ئۇ دىگەن ساراڭ تۇرسا››، دەپ ئۇنىڭ ھەممە ئىشىغا يول قويىدۇ. ھەتتا بەزىلەر ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھان سارىڭى بولمىش كىشى كۆزلىگەن مەقسىدىگە يىتىدۇ. ئەگەر ساراڭلىق قىياپىتىگە كىرىۋالغۇچى بىر ئۆمۈر ساراڭ دىەەن نامنى ساقلىيالىسا بىر ئۆمۈر پايدىغا ئېرىشىدۇ.

    بەلكىم مەن يۇقۇرىدا بەك مۇتلەقلەشتۈرىۋەتكەندىمەن. ئەمما تۇرمۇشىمىزدا ئىزدەپ باقىدىغان بولساق يۇقۇرىدىكىدەك ئادەملەر ھەقىقەتەن تېپىلىدۇ.

     ئىشەنمىسىڭىز، بۇ تەتۈرلۈكنى سىزمۇ سىناپ باقامسىز؟

    分享到: