• 2011-03-02

    خوتۇنىنى كۈنلەپ نىمە قىلىدۇ؟ - [ئەپقاچتى پاراڭلار]

    خوتۇنىنى كۈنلەپ نىمە قىلىدۇ؟ توغرىسىنى ئالغاندا خوتۇننى كۈنلىمىگۈلۈك!

    كۈنلەش - بۇ مەنا دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولغان ئابىستىراكىتنى ئۇقۇم. كۈنلەش- گۇمانلىنىش، شۇبھىلىنىش، ھۇشيار بولۇش مەنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۇنلەش - پايلاش، ئىشەنمەسلىك، قۇسۇر ئىزدەش مەنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش- كۈنۈم خوتىنىنى سوئال-سوراققا تارتىپ، ئۇنىڭدىن ھىساپ ئېلىش مەنىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش- ئايالنىڭ تالاغا قاراپ قېلىۋاتقانلىق مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش ئايالىنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش-ئايالىنى ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈش مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش- ھايا قىلىش مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش-ئۆز ئۇرۇقداشلىق جامەسىنىڭ ساپلىغىنى ساقلاش مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش- يات جىنىسنىڭ يامان كۆزىدىن ساقلاش، ھەم يامان كۆزدىن ساقلاش ئۈچۈن ئايالىنى ياخشى كىيىنىپ ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشقا يول قويماسلىق مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش- خوتۇنىنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر زامان نەدە، نىمىشقىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇش مەنىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۈنلەش-.............يەنە نۇرغۇن مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. خوش، سىز خوتۇنۇمنى كۈنلەيمەن دەپ يۇقۇرقىلاردىن قايسىنى قىلىسىز؟ كۈنلەش دەل يۇقۇرقىدەك كۆپ مەنالارنى بىلدۈرىدىغان بولغاچقا بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ھەرخىل كىشىلەرنىڭ كۈنلەشكە بولغان چۈشەنچىسى، كۈنلەش جەريانىدىكى ئۇسۇل-چارىلىرى، ئايالىغا بولغان مۇئامىلىسى ....قاتارلىقلارمۇ ھەرخىل بولىدۇ. بەزىلەر ئۇنداق چۈشۈنىدۇ، بەزىلەر مۇنداق چۈشىنىدۇ. ھەممىسىگە ئورتاق بولغىنى كۈنلەشنى ھەممىسى نورمالنى ئېلىپ بارىمەن دىگەن بىلەن يەنىلا ئۇنىڭ ياخشى كۆرۈش دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغاچقا گۇمانخورلىغى ئۈستۈن كېلىپ، كۈنلەشنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋېتىدۇ،-دە ئائىلىدە جىدەل-ماجرا بېسىقمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىڭىزمۇ بىر ئەقىل ئىگىسى بولغاچقا، ئۇنىڭمۇ سىزنىڭ قىلغىنىڭىزغا قارىتا مۇستەقىل چۈشەنچىسى، چارە-تەدبىرلىرى بولىدۇ.كۆپىنچى ھاللاردا كۈنلەش مەقسىدىڭىزنى ئايالىڭىزغا چۈشەندۇرەلمەي ئۆمرىڭىز جەڭگى-جىدەل ئىچىدە ئۆتىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا ئائىلىڭىز ۋەيران بولىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر كۈنلەش جايىدا، ئۆز يۇلى بىلەن بولىشى كېرەك دەيدۇ. بۇ ئېيتماققا ئاسان قارىماققا توغرا ئېيتىلغان سۆز. ئەمما ھىچكىم كۈنلەشنى جايىدا، ئۆز يۇلى بىلەن ئېلىپ بارالمايدۇ. چۈنكى كۈنلەشنىڭ ھەقىقى مەنىسى كاللىسى قىزىپ كېتىش، ساراڭلىق، ئالجىغانلىق، چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكتۇر! ئۇنداقتا خوتۇنىمىزنى كۈنلىمەمدۇق؟ ئەلبەتتەكۈنلەيمىز. ئەقلىمىز بىلەن، توغرا يۈنۈلۈشتە، ئۆز جېنىمىزنى قىينىمىغان،ئائىلىمىزنى ۋەيران قىلمىغان ئاساستا كۈنلەيمىز! ئۇنداقتا قانداق كۈنلەيمىز؟

    1. ئايالىڭىزغا ئىشىنىڭ، ئىشەنمىسىڭىز قويىۋېتىڭ.باشقا ئىشەنچىلىك خوتۇن ئېلىڭ.

    2. ئايالىڭىزنىڭمۇ كۆڭلى ۋە باشقا ئېھتىياجلىرىنىڭمۇ بارلىغىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئۇمۇ سىزگە ئوخشاشلام بىر ئىنسان.

    3. ئايالىز دىمەك ئۆزىڭىز، ئۆزىڭىز دىمەك ئايالىڭىز.-بۇ بىر ھەقىقەت. سىز بۇ ھەقىقەتكە خىلاپلىق قىلىپ ئايالىڭىزنى بوزەك ئېتىش غەرىزىدە بولسىڭىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىڭىزنى بوزەك ئېتىسىز. ئايالىڭىز سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز. ئايالىڭىز دەپسەندە بولسا ياكى ئايالىڭىزنىڭ غورۇرى دەپسەندە بولسا ئالدى بىلەن سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز دەپسەندە بولىدۇ. ئايالىڭىزنىڭ بوينى قىسىلىپ قالسا سىز ھەرگىزمۇ كېرىلىپ يۈرەلمەيسىز. ئۇنتۇپ قالماڭ، ئەرلەرنىڭ جېنىنى تىكىشىگە ئەرزىيدىغان ئىشلارنىڭ بىرسى دەل ئۆز ئايالىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىدۇر! ئۇنداقتا سىز يەنە نىمە دەپ ئايالىڭىزنى بوزەك ئېتىش مەقسىدىدە بولىسىز؟

    4. ئايالىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، سۆزلىرىنى ئاڭلاڭ، توغرابولسا دادىللىق بىلەن ئايالىڭىز كۆرسەتكەن يولدا مېڭىڭ. بۇنىڭلىق بىلەن سىزخوتۇنىڭىزنىڭ ئىشتىنىنى كەيگەن بولۇپ قالمايسىز.

    5. ئايالىڭىزنىڭ خەج-خىراجىتىنى تۇرمۇشىڭىزغا لايىق قىلىپ بېرىڭ. كىيىم كېچەكلىرىنى زامانغا يارىشا، ئۆز لايىغىدا كىيىپ ئۆزىنىڭ تەبىئى گۈزەللىكىنى نامايان قىلىشىغا يول قويۇڭ. ئەمما ياسىنىشى، كېيىنىشى تەبىئى بولسۇن چەكتىن ئېشىپ كەتمىسۇن. ئۇنىڭ ياسىنىشى ھەرگىزمۇ باشقا يات جىنىستىكىلەرگە چىرايلىق كۆرۈنۈشنى مەقسەت قىلىپ ئەمەس، پەقەت سىزگە ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرىغا چىرايلىق كۆرۈنۈشنى چىقىش قىلسۇن. ئۇنىڭ زىبۇ زىننەتلىرى، كىيىم كېچەكلىرى ۋە باشقا نەرسىلىرى ئارىسىدا كېلىش مەنبەسىنى سىز بىلمەيدىغان نەرسىلەر بارمۇ-يوق بۇنىڭغا دىققەت قىلىڭ. بۇنىڭ كۈنلەشتە نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى دىمىسەممۇ چۈشىنىسىز.

    6. خوتۇنىڭىزنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر زامان نەدە، نىمىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇڭ. ۋاقىت:- بۇ كىشىلەرنىڭ پائالىيىتىدە كەم بولسابولمايدىغان ئىنتايىن موھىم ئامىل. سىز خوتۇنىڭىزدىن كولسە-كەلمەس گۇمانلىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ نەدە، نىمىش بىلەن مەشخۇل ئىكەنلىگىنى بىلىپ تۇرسىڭىز يەنىلام كۆزلىگەن مەقسىتىڭىزگە يىتەلەيسىز. ئۆزى تاغدا تۇرۇپ، مەن باغدا دەيدىغان خوتۇنلارمۇ يوق ئەمەس ئەلبەتتە. ئەمما مەن ئىشىنىمەنكى سىز بۇنداق يالغانچىلىقنى ئاسانلام ئېنىقلىيالايسىز.

    7. تالادىكى گەپ سۆزنى ئۆيگە قەتئى ئەكىرمەڭ. مۇنداقچە ئېيتقاندا خوتۇنىڭىزنىڭ نەگە باردىڭ دىگەن سوئالىغا قەتئى جاۋاپ بەرمەڭ. ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى گەپ- سۆزنىمۇ قەتئى سىرتقا ئەپ چىقماڭ. مەن شۇنداق ئەرلەرنىمۇ كۆرگەن. ئىككى ئاغىنىسىنى كۆرسىلام ‹‹مەن خوتۇنۇمنى ئۇنداق قىلدىم››، ياكى ‹‹مۇنداق قىلدىم›› دىگەن، ئەمەلىيەتتە خوتۇنى ئاللىقانداق بىركىملەر بىلەن يۈرگەن. بەزى چاغلاردا بەزى ئىشلارغا ئۆزىمىز سەۋەپچى بولۇپ قالىدىغا ئىشلارمۇ بولۇپ قالىدۇ.

    ئاخىرىدا كۆپچىلىككە دەيدىغىنىم. سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىگى تۈپەيلى بەزى موھىم نۇقتىلار چۈشۈپ قالغان بولۇشى مۈمكىن. كۆپچىلىك ئورتاق پىكىر قاتناشتۇرۇپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقسا، تۇرمۇشقابولغان چۈشەنچىمىزنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئورتاق بىر پىكىرگە كەلسەك كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنىڭ بەختلىك ئۆتۈشىگە پايدىسى بولارمىكىن دىگەن ئۈمۈتتىمەن .

    分享到:

    评论

  • ياخشى يېزىپسىز ، مەنمۇ ساقلىۋالالدىم ئەمسە
  • [dAva:0]پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم خوتۇننى كۈنلەشكە بۇيرۇپتىكەن، ھەتتا كۈنلىمىگەنلەرنى دەيۈز دەپتىكەن.
    Karabeg回复wolqan说:
    شۇڭا مەنمۇ ئىلمى كۈنلەيلى دەۋاتىمەنغۇ؟
    2011-03-08 21:36:07